显示标签为“تەرمىلەر”的博文。显示所有博文
显示标签为“تەرمىلەر”的博文。显示所有博文

2009年5月13日

ئەقلىيەلەر

ئەقلىيەلەر
ئادەمنىڭ ھاياتى قانچە پۇلغا يارايدۇ – بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. ھاياتنىڭ ساڭا مەنسۇپ بولغان دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۇ ساڭا نېمەت، قايتۇرۇپ كېتىلگەندە بولسا ئامانەتنىڭ قايتۇرۇلىشى بولىدۇ. ئەتراپىمىزغا سەپ سېلىپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ بەزىدە قىممەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ھەتتا بەزىدە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. –بېئېنبىز تەلپۈنىدىغان جاي چۈشەنمەيدىغان جايدۇر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ باشقا شەھەرگە كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا – بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشتىنلا ئىبارەت.— ئېمىلىيجەمىئىيەت كەيپىياتى بۇزۇلغان، ئەخلاق دەپسەندە بولغان ئەھۋالدا بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق پەقەت بىر ئىدىيىۋى يۈك ۋە روھىي كىشەنگە ئايلىنىپ ئادەمنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ، ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلاتقا بالاسى تېگىدۇ. – چىن جەنيۈنكىشىلەر كۆپ سۆزلىمىگەن ياخشى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە سۆزلىمەسلىك ئەمەس بەلكى ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپ قىلماي، ئاستىرتتىن پۇلنى كۆرسە كۆزى قىزىرىدىغانلا ساماندەك. – خەي لۇڭتۈزۈم بولمىسا ھەممە نەرسە ئىشەنچسىز بولىدۇ. – ياڭ شۆۋۇشەھەرلەردە ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ پىيادىلەر ۋە ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرنى كۆرگەندە ئەسلى سىگنال بېرىشنىڭ ئورنى يوق. سىگنال بەرگەنلىك بىلىپ بىلمەي ئۇلارنى قوغلىغانلىق بولۇپ، بۇ بىر ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. – ۋۇ روزېڭ”بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرۈش “روھى كەيپىياتى بەزىلەرنىڭ كاللىسىغا شۇنداق مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن. ھەتتا ئۇ قانۇن، ئەخلاققا ھەمدە ھېچقانداق نەرسىگە بويسۇنمايدۇ، ئەمما بۇيرۇق چۈشۈرگەن رەھبەرگە ۋە بۇيرۇق چۈشۈرگۈچىنىڭ ئەمىلىگە قاتتىق چوقۇنىدۇ. – ليۇ خۇڭبوبۇرۇن ئەڭ ئاسان ياساندۇرغىنى بولىدىغىنى تارىخ بىلەن كىچىك قىزچاق، دەيدىغان سۆز بار ئىدى. ئەمما ھازىر بىلىمسىزلەر ئالىملاردەك ياسىنىۋالىدىغان، سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغانلار سەنئەتكارلاردەك ياسىنىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى. تۇرمۇش چىنلىقىغا قارايدىغان بولساق، ساختىلىق ھەقىقەتتىن بەكرەك دەۋر سۈرۈپ كەتتى. – جا پىڭۋاتىرىشچانلىق ئەلۋەتتە بىر گۈزەل ئەخلاق، ئەمما نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلارنىڭ سىماسىدىن نائىلاجلىق ۋە ھەسرەتنى كۆرگەندەك بولدۇم. – چېن داچاۋباشقلارغا ئەينەك سوۋغا قىلىش ئەسلى كەمچىلىكىنى كۆرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىق بولاتتى. ئەمما ھازىرقى ئەينەكلەر سېھىرلىك ئەينەككە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ، چىن سۆزلەيدىغانلارنى ئالۋاستى قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. – خۇڭ لەن” پەقەت جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ، ئادەملەر ئارا بولسا باراۋەر بولىدۇ “. ئەمەلىيەتتە بولسا ” جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى “ ھەر ۋاقىت ئاجىز باراۋەرلىك ئېڭىنى كونترول قىلماقتا، شۇڭا بۇ سۆزنىڭ ئالدىنقى يېرىمى راست گەپ، كېيىنكى يېرىمى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى. – دۇڭياڭ ماشېڭچىن ۋەدە بىلەن ساختا ۋەدە بەئەينى چىۋىن بىلەن ھەسەل ھەرىسىدەك بېشىمىزدا ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ تۇرىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى چىۋىن ھەسەل ھەرىسىدەك ھەسەل بېرەلمەيدۇ. – شاۋ فۇشىنسېغىزخان دەيدۇ: قاغا گۈزەل مەدھىيەلەرنى ئوقۇسىمۇ ئۇنىڭغا تىل-ئاھانەت، تاش-تۇپراقلار ياغىدۇ، مەن شاختا سەكرەپ يۈرۈپ كىشىلەرنى قاغىساممۇ ماڭا نازۇ-نېمەتلەر ياغىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى نام ئاتاق ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىمكەن. – ليۇ كەيمالايدىن قورقما، غالچىدىن قورق. بولۇپمۇ غالچىلىق مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلغۇچىلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. – ۋاڭ روگۇكىشىلەر ئادەتلەنگىنىنى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ. سەن ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسەن نۇرغۇن ئەيىپلەشكە ئۇچرايسەن، ھەتتا تەس كۈنگە قېلىشىڭمۇ مۇمكىن، - تەن يەنتۇڭئائىلە ئۈچۈن ئىناقلىقتىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.ھاياتلىق ئۈچۈن قەلبنىڭ ئەركىن-خۇشلىقىدىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.دۇنيادا ئېتىقادتىن ئارتۇق نەرسە بولمايدۇ. – شاڭزى«جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

ئالياسكا قانداق بولۇپ ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن؟

ئالياسكا قانداق بولۇپ ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن؟
يى مىڭ
ئالياسكا 1867-يىلى ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن، بۇ چاغدا ”رۇسىيىدىكى ئامېرىكا قىتئەسى “ دېگەن نام پەيدا بولغىنىغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئالياسكا رۇسىيىنىڭ دۆلەت زېمىنى بولماستىنبەلكى بىر شىركەتنىڭ زېمىنى ئىدى، دەسلەپتە بىرنەچچە كىشى ئاچقان بىر شەخسىي شىركەتنىڭ زېمىنى بولۇپ 1799-يىلىلا ئاندىن ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ نىڭ زېمىنىغا ئايلانغان. دۆلەت ئالياسكىنى دلەتنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرۇشقا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان، ئالياسكا ئەزەلدىن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن. مۇنداق ئىگىىدارچىلىق شەكلى 18-، 19-ئەسىرلەردە كۆپ ئۇچرايتتى، مەسىلەن شەرقىي ھىندىستان شىركىتى، خۇدسون قولتۇقى شىركىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.بۇ ئەمەلىيەتتە ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ نىڭ غوجىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە چار پادىشاھىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن قىلغان سودىسىدۇر. ئالياسكا سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان، تولا مەسىلە كۆرۈلىدىغان ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ دىن قۇتۇلدى. ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ ئەينى ۋاقىتتا قىيىن شاراتتا بولۇپ، پايدا كۆرۈلمەيۋاتقان، يىلدىن يلغا قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى يەرلەرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلەتتى، بولۇپمۇ قىرىم ئۇرۇشى(1853-يىلىدن 1856-يىلغىچە) ئالياسكىنىڭ تەقدىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. قىرىم ئۇرۇشى رۇسىيە دۆلەت غەزنىسىنى قۇرۇقداپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە تىنچ ئوكياندا كۈچلۈك ئەنگىلىيە ئۇرۇش كېمىلىرىگە ھېچقانداق مۇداپىئە ئىقتىدارى بولماسلىقتەك ھالغا چۈشۈپ قالدى.1866-يلىغا كەلگەندە ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “نىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىگە بوغۇلغان قەرزى 725 مىڭ رۇبلىغا يەتتى. ھۆكۈمەت ئىھىدە بەزىلەر ئالياسكىنى سېتىۋېتىپ بۇ يۈكتىن قۇتۇلۇش ھەمدە ئەڭ ياخشىسى ئاېمرىكىغا ستىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشتى. چۈنكى ئالياسكىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بەرگەندە رۇسىيىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇشتا بىر ئىتتىپاقداشقا ئىگە بولاتتى.” پېتر بۇرگقا بىر مۇھىم مېھمان كەلدى بۇ كىشى – كاپىتان فوكس بولۇپ ئۇ ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەلچىسى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن كېمە ئەتىرىتىدىكىلەر پادىشاھىمىزنىڭ قاتىلنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكىلىگىلى كەلگەن. “ 1867-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدكى «سادا» گېىزتىدە يۇرىقىدەك خەۋەر بېرىلدى.رۇسىيىدىكى ھەممە گېزىتلەردە بىرلا ۋاقىتتا: ”كاپىتان فوكس ئامېرىكا خەلقىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە دوستلىقىنى ئېلىپ كەلدى “، ”ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقداش بولىشى ئىنتايىن تەبىئىي ئىش “ دگەندەك خەۋەرلەرنى بېسىشتى.ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىتتىپاقداشلىقنى قانداق كۈچەيتىشنى بىرەرسىنىڭ بىلىشى ناتايىن ئىدى، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ”سەمىمىي دوستلىقى“ غا قانداق رەھمەت ئېيىتىدغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى.1867يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاشىڭتوندا رۇسقيە بىلەن ئامېرىكا تتام ئىمزالىدى، توختامغا ئاساسەن ئالياسكا يەتتە مىليون 200مىڭ ئامېرىكا دوللىرغا ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. ئالىكساندىر-2گەرچە 5-ئاينىڭ3-كۈنى ئاندىن ئىمزا قويغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئالياسكا ئاللىبۇرۇن سېتىۋېتىلگەن ئىدى.پېتربۇرگدىكى ھەرقايسى گېزىتلەر 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاتلانتىك تېلىگراممىسىدىن بۇ خەۋەرنى ئۇقۇشقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمىدى، بۇنى پەقەت بىر ئويۇن، يالغان خەۋەر دەپ قاراشتى. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ گېزىتى«شىمال پوچتىسى» «رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى تېرىتورىيىسىنى سېتىۋېتىش توختامى»نى باسماقچى بولدى. ئەمما بۇ خەۋەر تېخى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشمەستىن «سادا» گېزىتىنىڭ خوجايىنى A.A كرايېۋىسكىي ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى: ”بۈگۈن،تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن بىز رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئامېىركىدىكى تېرىتورىيىسىنى سېتىۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇق، بۇ خەۋەرنى بىز نيۇروك، لوندوندىن كەلگەن تېلېگراممىلاردىن خەۋەر تاپتۇق .... ئەندى بۇ خەۋەرنى يەنە ئويۇن قاتارىدا كۆرمەسلىكىمىز لازىم. رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا شىركىتى بۇ زېمىنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ يەردە ئاھلىلار نۇقتىسى قۇردى، نۇرغۇن مەبلەغ، ئادەم كۈچى سەرپ قىلدى، ھەتتا نۇرغۇن رۇسىيىلىكلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. بۇ شىركەت 50 يىلدىن بېرى بۇ زېمىنغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ بۇ يەرگە تەۋەلىك زېمىن، كېمە ئەترىتى بەرپا قىلدى، بۇ يىراق چەت رايوندا پراۋۇسلاۋىيە دىنى ۋە مەدەنىيەت تارقاتتى. بۇ مەبلەغنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى ئۈچۈن سېلىنغان، كەلگۈسىدە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلەتتى. ئەمما ئالياسكا سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن شىركەت بارلىقىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا چىقارغان باھا ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بۇ كىچىككىنە پۇل دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ناچار مالىيە ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولۇشى ناتايىن. “ئالايسكىنى سېتۋىېتىش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسلىگە قارىتا A.A كرايېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: ”خەلقئارا كابىلنىڭ كۆمۈلىشى سەۋەبلىك ئالياسكا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالياسكىدا زاپىسى مول ئالتۇن كانى بايقالدى، بۇ كانلار قېزىلسا ئامېرىكا ئالياسكىنى سېتىۋالغان پۇلدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ. “A.A كرايېۋىسكى يەنە ئەنگىلىيىنىڭ خۇدسون قولتۇقى شىركىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئەنگىلىيىكلەر بىلەن ئامېرىكىلقلار قوشنا بولسا بىزگە چوقۇم پايدىسىدىن زىيىنى كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا ئالياسكا ئەنگىلىيىگە سېتىپ بېرىلگەن بولسا ئەنگىلىيىكلەر ئامېرىكا قويغان باھادىن ئىككى ھەسسە، ھەتتا تۆت ھەسسە ئارتۇق باھا قويغان بولاتتى.ئامېرىكىلىقلارمۇ رۇسىيىلىكلەرگە ئوخشاشلا ئالياسكىنىڭ سېتىۋېتىلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شۋېرد بىلەن رۇسىيە باش ئەلچىسى سىتېكلىنىڭ سۆھبىتىنى پەقەت ئايرىم كىشىلەرلا بىلەتتى. قىزىق يېرى شۇكى، ئامېرىكىلىقلار دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن خۇش بولۇپ كەتمىگەن ئىدى. ئەينى چاغدا گېزىتلەردە بۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ماۋزۇسى ھەر خىل، ھەر ياڭزا قويۇلغانىدى: «شۋېردنىڭ ئەخمىقانە ئىشى»، «جونسۇننىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى»، «شۋېردنىڭ توڭخانىسى» ... «نيۇيورك پېشىۋاسى گېزىتى» ھەتتا شۋېردنى مازاق قىلىپ مۇنداق دېگەن: شۋېرد ئامېرىكىغا 50مىڭ ئېسكىموس ئېلىپ كەپتۇ، بۇ ئېسكىموسلارنىڭ بىر ۋاقلىق ناشتىلىقىغىلا يېرىم باك ماي كېتىدىكەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي «نيۇيورك پېشىۋاسى گېزىتى» ئالياسكىنى سېتىۋېلىش”مۇشۇ دەۋردىكى خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم سودا بولدى.“ دەيدۇ.ئالياسكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش مۇراسىمى 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سېدتا ئۆتكۈزۈلگەن.1868-يىلىدىكى «پېتربۇرگ ئاخباراتى»غا ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرگۈچىنىڭ بىر پارچە خېتى بېسىلغان. بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ”رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئەسكەر .ەسكەرلىرى بايراق خادىسى ئالدىدا تەق بولۇپ تۇرۇشتى، خاس ۋەكىلنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ ئىككى سېرژانت بايراقنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. نەخ مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر ۋە ئوفىتسېرلار شەپكىسىنى ئېلۋېتىپ سالام بېرىشتى، ئەسكەرلەر قورالىنى تىك تۇتۇشتى، ھەربىي ئوركېستىر مارش چالدى، ھەربىي پاراخوتلار 42 پاي ھۆرمەت توپى ئاتتى. ئەمما رۇسىيە بايرىقىنىڭ چۈشكشسى كەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى، بايراق تانىسى خادىنىڭ ئۇچىدا چىگىلىپ قېلىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى، خاس ۋەكىلنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بىر نەچچە ماترۇس بايراقنى ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن خاىدغا ياماشتى. كۆپچىلىك بايراق خادىسىنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىققان ماترۇسقا بيراقنى تاشلىۋەتمەي ئۆزى بىرگە ئېلىپ چۈشۈشنى تاپىلامقچىى بولغانىدى. ئەمما ئۇلار گەپنى دەپ بولغىچە ئۇ ماترۇس بايراقنى پەسكە تاشلىۋەتتى، بايراق دەل رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئىشتىكىگىلا چۈشتى. “ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن رۇسىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدا ئەمەسلىكىنى سېزىشتى.توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رۇسىيە ئالياسكىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت بىنالىرىنى شۇ زېمىن بىلەن قوشۇپ ساتقان ئىدى. ئەمما ھېلىقى كۆرگۈچىنىڭ ئېيىتىشچە ئالياسكىدا بىرنەچچە ئورۇندىكى شەخسلەرنىڭ قۇرۇلىشىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتىسالغان قۇرۇلۇشلار ئىدى.ئاخىرى خاس ۋەكىللەر بۇيرۇق چۈشۈرۈشتى: ھكۆۈمەت ئۆيىدىن بىرسى بولسىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوچىغا چىقىپ قايسى قۇرۇلۇشقا كۆزى چۈشسە شۇنى دۆلەتنىڭ مۈلكى دەپ ئېلان قىلىشتى. ”دۆلەت مۈلكى “ ئولتۇرۇۋاتقان كىشىلەر بولسا نەخ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا كوچىغا قوغالاپ چىقىرىلدى. مۇشۇنداق قوغلاپ چىقىرىلغانلار 250 كىشىگە يەتتى. بۇ كەچ كۈز مەزگىلى بولۇپ ئۇششاق يامغۇر چۈشۈۋاتقان ئىدى. بۇ كىشىلەر ئامالسىز پورتلاردا، كېمىلەردە ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشتى. بالا كەلسە قوش كەپتۇ، پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ دېگەندەك ئۇ كۈنلەردە تېخى بۇ يەر قااتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، مۇنچە قاتتىق بوراننى ھەتتا ماترۇسلارمۇ كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئىككى كېمىنى قىرغاققا ئۇچۇرتىۋەتتى، بىر كېمىنىڭ ئاستىنىتېشىۋەتتى، بەزى كېمىلەرنىڭ لىملىرى سۇندى، بەزى ئۆيلەرنىڭ تورۇسىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى.توختامدا، ئالياسكىدا تۇرۇشلۇق بارلىق رۇسىيىلىكلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىنى ساقلاش ياكى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى دەپ بەلگىلەنگەن. ”ئەگەر ئالياسكا ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلمىگەن بولسا ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قاراشلىق شىتاتلارنىڭ بىرىدە 5 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر ئالياسكىلىقلارغا نىسبەتەن بەش مىنۇتمۇ كەتمەيدىغان بولدى. “. ئۆزىنى بەختلىك دەپ بىلگەن بىر كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ شادلىقىنى يوشۇرمايلا شۇنداق دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق يازغانىدى: ”ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش مۇراسىمى مۇنداق: ئاۋۋال ئىككى گۇۋاھچى تاپىسىز، ئىككى گۈۋاھچى قەسەم قىلىپ ۇ: پالانى بايراق ئالماشتۇرغان چاغدا ئالياسكىدا تۇرۇشلۇق ئىدى، ھەمدە بۇ ئادەم بىزنىڭ بىلىشىمىزچە نورمال ئادەم، دەيدۇ. ئاندىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرگۈچى باشقا دۆلەت تەۋەلىكى (كۆپ ساندىكىلەر رۇسىيە تەۋەلىكىدە) دىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئاخىرىدا ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ <قەسەم قىلدىم> دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ. ئاندىن تىزىملىنىدۇ، تىزىملاپ بولۇنغاندىن كېيىن بارلىق رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ بولغان بولىدۇ. “تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇزۇن ئۆتمەي رۇسىيىگە ماڭىدىغان كېمىگە رۇسىيىلىكلەر لىق تولغان، روشەنكى ئامېرىكا تەۋەلىكى بارلىق رۇسىيىلىكلەرنى جەلپ قىلالمىغان. 1867-يىللىق «پېتربۇرگ ئاخباراتى»غا رۇسىيىنىڭ ئالياسكىنى سېتىۋېتىشتىكى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆز قارشى ئېلان قىلىنغان: ”ئادەتتە ھەرقانداق دۆلەت ئامال قىلىپ ئۆز تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ، ئەمما بۇ قائىدە رۇسىيىگىلا ماس كەلمەيدۇ. رۇسىيىنىڭ زېمىنى بەك چوڭ، بەزى جايلارنى قوشۇۋېلىش ئەمەس بەلكى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىۋەتمەي بولمايدۇ. “
(رۇسىيىنىڭ «يەرشارى تور ساياھىتى» دېگەن ئېلىكترونلۇق ژۇرنىلىدىن شى مېي خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان)
«تەرجىمىلەر. تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىلى 12-ئايلىق سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

يىللاردىكى مېتېئورولوگىيە كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى

يىللاردىكى مېتېئورولوگىيە كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى
1961-يىلى مېتېرېئولوگىيىنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە بولغان تەسىرى
1962-يىلى مېتېئورولوگىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىشى
1963-يىلى تىرانسپورت ۋە مېتېرېئولوگىيە
1964-يىلى مېتېئورولوگىيە – ئىقتىسادىي تەرققىياتنىڭ بىر ئامىلى
1965-يىلى خەلقئارا مېتېرېئولوگىيە ھەمكارلىقى
1966-يىلى دۇنيا ھاۋارايىنى كۈزىتىش تورى
1967-يىلى ھاۋارايى ۋە سۇ
1968-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە يېزا ئىگىلىكى
1969-يىلى مېتېئورولوگىيىلىك مۇلازىمەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى
1970-يىلى مېتېئورولوگىيە تەربىيىسى ۋە مەشقى
1971-يىلى مېتئورولوگىيە ۋە ئىنسانىيەت مۇھىتى
1972-يىلى مېتئورولوگىيە ۋە ئىنسانىيەت مۇھىتى
1973-يىلى خەلقئارا مېتېئورولوگىيە ھەمكارلىقىنىڭ 100يىلى
1974-يىلى مېتئورولوگىيە ۋە ساياھەت
1975-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە تېلېگراف
1976-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش
1977-يىلى ھاۋارايى ۋە سۇ
1978-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە مۇندىن كېيىنكى تەتقىقات
1979-يىلى مېتېورولوگىيە ۋە بايلىق
1980-يىلى ئىنسانىيەت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى
1981-يىلى دۇنيا ھاۋارايىنى كۈزىتىش تورى - بىر خىل تەرەققىيات ۋاستىسى
1982-يىلى ئالەم بوشلۇقىدىن ھاۋارايىنى كۈزىتىش
1983-يىلى مېتېئورولوگىيە كۈزىتىش خادىملىرى
1984-يىلى مېتېئورولوگىيە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1985-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە جامائەت بىخەتەرلىكى
1986-يىلى كىلىمات ئۆزگىرىشى، قۇرغاقلىشىش ۋە قۇملىشىش
1987-يىلى مېتېئورولوگىيە - خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسى
1988-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە ئاخبارات ۋاستىسى
1989-يىلى مېتېئورولوگىيە ئاۋىئاتسىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1990-يىلى مېتېرېئولوگىيە ۋە گېدرولوگىيە تارماقلىرى تەبىئىي ئاپەتنى كېمەيتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1991-يىلى يەرشارى ئاتموسفېراسى
1992-يىلى ھاۋارايى ۋە كىلىمات مۇقىم تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1993-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈش
1994-يىلى ھاۋاريى ۋە كىلماتنى كۈزىتىش
1995-يىلى ئاممىۋى ھاۋارايى مۇلازىمىتى
1996-يىلى مېتېئورولوگىيە تەنتەربىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1997-يىلى ھاۋارايى ۋە شەھەرلەردىكى سۇ مەسىلىسى
1998-يىلى ھاۋارايى، دېڭىز ۋە ئىنسانلار پائالىيىتى
1999-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە ساغلاملىق
2000-يىلى دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتنىڭ 50يىللىق مۇلازىمىتى
2001-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە سۇچىلىقنىڭ پىدائىلىرى
2002-يىلى ھاۋارايى ۋە كىلىماتنىڭ ئېكسترېموم ھادىسىلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى كېمەيتىش
2003-يىلى كەلگۈسىمىزدىكى كىلىمات
2004-يىلى ئۇچۇر دەۋرىدىكى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە سۇ
2005-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات، سۇ ۋە سىجىل تەرەققىيات
2006-يىلى تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كېمەيتىش
2007-يىلى قۇتۇپ مېتېئورولوگىيىسىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا بولغان تەسىرىنى تونۇش
2008-يىلى يەر شارىنى ياخشى كۈزىتىپ، گزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى
2009-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە بىز نەپەسلىنىدىغان ھاۋا

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى
سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى ئەپەندى 1942-يىلى كورېيىنىڭ جەنۇبىي چىنشاڭ ۋىلايىتىنىڭ يىنىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان،1965-يىلى ياپونىيىنىڭ زاۋداۋتيەن ئۇنىۋېرىستېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1966-يىلى ئامېرىكا گېئورگى ۋاشىڭتون ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ دەرسلىرىنى تاماملىغان، 2000-يىلى سېئۇل ئۇنىۋېرىستېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمىي پەخىرىي دوكتۇرى بولغان.
لى كۇنشى ئەپەندى 1966-يىلى سامسۇڭ گۇرۇھىغا خىزمەتكە قاتناشقان، ئۇ چاغدىكى ۋەزىپىسى مەركىزىي گېزىتى(سامسۇڭ شىركىتى قارمىقىدىكى كارخانا) نىڭ كېڭەش ئەزاسى ئىدى. شۇندىن كېيىنكى 30 نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ سامسۇڭ شىركىتى مەھسۇلات ۋە بايلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇھى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1987-يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. لى كۇنشى ئەپەندى سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ تاشقى پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ كەلمەكتە، ئۇ يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، كورېيە مېيىپلارر تەنھەركەت جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
لى كۇنشى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تالانتلىق رەھبەرلىك ماھارىتىگە تاينىپ سامسۇڭ گرۇھىنى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندۇردى. 1988-يىلى ئۇ سامسۇڭ گۇرۇھىغا باش مۇدىر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە سامسۇڭ شىركىتىنى كورېيىدىكى بىرىنچى چوڭ كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. لى كۇنشى ئەپەندى كىشىنى پەخىرلەندۈرگىدەك مۇۋەپپىقىيەت ئالدىدا قانائەتلىنىپ بىر ئىزىدا توختاپ قالمىدى. سامسۇڭ شىركىتىنى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 1993-يىلى لى كۇنشى ئەپەندى كېيىنچە دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى تارتقان «يېڭى تىجارەت» ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇ ئەسىر ئاخىرىدكى كارخانا كىرزىسىنى توغرا مۆلچەرلىدى ھەمدە « خوتۇن بالىلاردىن باشقسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ شىركەت خىزمەتچىلىرىنى ئۆزگىرىش، تەرەققىيات، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە سەپەرۋەر قىلدى، ساننى مەركەز قىلشىتەك تىجارەت ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، سۈپەتنى مەركەز قىلىشتەك تىجارەت ئىدىيىگە كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن سامسۇڭ شىركىتى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانا رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى «يېڭى تىجارەت» ھەرىكىتى پۈتكۈل كورېيىدىكى كارخانا ساھەسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان ئىدى، بۇ قېتىمقى تىجارەتتە يېڭىلىققا كۆچۈش پائالىيىتى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنياۋى ئىلغار كارخانا يۆنۈلىشىگە تەرەققىي قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى دەل «يېڭى تىجارەت ھەرىكىتى» نىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. سامسۇڭ شىركىتى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈزۈلمە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، «تاللاش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت كەسپىي تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويدى، كەلگۈسى تىپىدىكى كارخانا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا پائال مەبلەغ سالدى، ھازىرقى سامسۇڭ شىركىتى ئېلېكترون، پۇل مۇئامىلە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، سودا ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە ھەر قايسى كەسپىي ساھەلەرنىڭ سەۋىيىسى تەرتىپكە سېلىنغان ئىسمى جىسمىغا مۇناسىپ دۇنياۋى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندى.
لى كۇنشى مۇدىر كارخانىنىڭ جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەڭ تەرققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى ھەمدە بۇ خىل ئىدىيىنى تىجارەت ئىدىيىسىگە سىڭدۈردى. سامسۇڭ شىركىتى جەمئىيەتتىكى ئاجىزلار توپىنى قۇتقۇزۇشتەك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى.
كارخانا تىجارەت، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە زور مۇۋەپپىقىيەت ۋە تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، مۇدىر لى كۇنشى ئەپەندى كورېيە پۇقرالار ئوردىنىنىڭ چەكسىز گۈل مۇكاپاتى، خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك مۇكاپاتى، كورېيە تەنتەربىيە ئوردىنىنىڭ كۆك ئەجدىھا، قارام يولۋاس مۇكاپاتى قاتار كۆپ خىل مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى.