سۇ تۇڭ
يۈگرەش مۇسابىقىسى
ئىدارىدىن يۈگۈرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى يوغان قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكىلەرگە پەقەت يېتىشەلمىدى. ئاخىرقى نۇقتىغا بارغاندا كاتىپ مۇنداق دېدى:
- سېكىرتار، مەيۈسلەنمەڭ، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن سىزنىڭ نەتىجىڭىز ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق سالاپەتلىك يۈگەردىڭىز، ئەگەر سىز ئارقىدىن قوغلىمىغان بولسىڭىز، ئۇلار تېز يۈگۈرەلەمتى؟
كىم سېمىز؟
باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۈچ بالا كىمنىڭ دادىسى ئەڭ سېمىز، دەپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ.
بىرى مۇنداق دەپتۇ:
- مېنىڭ دادام ئەڭ سېمىز، تۈنۈگۈن ئۇ گىرغا چۈشكەنىدى، قورسىقى بەك يوغان بولغاچقا، گىرنىڭ سائىتىنى كۆرەلمەي، مېنى قاراپ باق دېۋىدى، قارىسام دەل 100كىلوگرام كەپتۇ.
يەنە بىرى:
- مېنىڭ دادام سېمىز، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە دادام ئۇخلاۋېتىپ كارىۋاتتىن پولغا چۈشۈپ كەتكەنتى، ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر يەر تەۋرىدى، دەپ قېلىپ تالاغا قېچىپ چىقىشتى.
ئۈچىنچىسى:
- شۇنچىلىكمىتى؟ باشقىلار مېنىڭ دادامنى ئولتۇرسا بىر بىنانى ئىگىلەيدۇ ، بىر ئولتۇرۇشىدا بىر بۇقىنى يەپ تۈگىتىۋېىتىدۇ، دېيىشىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى
ناھىيىدىن كادىرلارنى «ھايات-ماماتلىق تاللاش» دېگەن كىنونى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىنو يېرىملاشمايلا قارا تەرگە چۆمۈپ، ئورۇندىقدىن پەسكە سېرىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك قول-قول ئۇنى يۆلەپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈشتى، ئۇنىڭ ئايالى خەۋەرنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە، دوختۇر ئۇنىڭدىن ئېرىنىڭ ئادەتتە قانداق كېسىلى بارلىقىنى سورىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:
- ئېرىمنىڭ يۈرىكى ئاجىز، ئادەتتە ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرىنى ئاڭلىسا ياكى چىرىكلىككە قارشى كىنو-فىلىملەرنى كۆرسە بۈگۈنكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى
بەزىلەر مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى سەنئەت بۇيۇمىنى چۈشەنمەيدۇ دېۋىدى، كۆپچىلىك ئىشەنمىدى. بىر كۈنى ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ مەدەنىيەت بازىرىنى تەكشۈرۈشكە چىقتى، تەكشۈرۈۋېتىپ ئىدارە باشلىقى بىلىكى يوق ۋېناسنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ:
- بۇ ليۇ خلەنغۇ؟ - دېدى، كاتىپى شۇ ھامان:
- بۇ دېگەن ۋېناس، - دەپ ئەسكەرتتى، بۇنى ئاڭلىغان ئىدارە باشلىقى ئاچچىقلىنىپ دېدى:
- نېمە ۋېناس؟ ۋېناغىمۇ بارغانمەن! چەتئەلگە چىقتىم دەپلا ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرىمىزغا ئەجنەبىيچە ئات قويۇۋالساق قانداق بولىدۇ. بۇ دېگەن ليۇ خلەن، قارا، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى دۈشمەنلەر چانىۋەتكەن گەپ!
«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
2009年5月13日
گېرمانىيەنىڭ بىر شەھەر باشلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ نايكوم سېكىرتارىنىڭ سۆھبىتى
(فېليەتون)
ۋاڭ جەي
بۇ ئىش بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا يۈز بەرگەن. جۇڭگونىڭ مەلۇم ناھىيىسى گېرمانىيىنىڭ بىر شەھىرى بىلەن “قېرىنداش شەھەر” بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىنى ئارزۇ قىلغان. گېرمانىيىلىكلەرمۇ بۇ تۈرگە ئۈمىد بىلەن قارىغان، ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئىناتىيىن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
دەسلىپىدە جۇڭگو تەرەپ گېرمايىلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆزدىن كەچۈرمەي، خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغانلىقىدىن ناھايىتى ئەجەبلەنگەن. ئەمما يۈز تۇرانە سوراشتىن ئۇيالغان، ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىق قىلىش بىلەن يىغىن ئاخىرى ۋاقتىدا ئېچىلدى.
بارلىق خېرىدار چاقىرىش يىغىنلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇ يىغىندا جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن –نىزاملىرىنىۋە بۇ ناھىيىنىڭ نوپۇسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئالاھىدە كەسپى قاتارلىقلارنى قارشى تەرەپكە تەپسىلى تونۇشتۇردى، گېرمانىيە تەرەپمۇ سالىدىغان مەبلەغ ۋە مەبلەغ سېلىنىدىغان ساھەنىڭ خەلقئارادىكى بازار ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئەمما گېرماىيە تەرەپ جۇڭگولۇقلارنىڭ دوكلاتىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى، جۇڭگو تەرەپمۇ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقا ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ھەيران بولدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قۇرۇق گەپنىڭ جىقلىقىنى، دوكلاتنىڭ ٪75ىدە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى يەر جاھاننى قاپلىدى... دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن ، پەقەت ٪25ىنىڭلا “ئىشەنچلىك ئەمەلىي” مەزمۇن ئىكەنلىكىنى، باشقا مەزمۇنلارنىڭ تېلېفون ھەققىنى بىھۇدە زايا قىلىش دەپ قارىدى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار تىزىملىكىدە شەھەر باشلىقى ۋە زاۋۇتنىڭ رەھبىرىدىن باشقا يەنە بىر نەپەر بولكا پىشۇرۇش ئۇستىسى، بىر نەپەر تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە بىر نەپەر ئائىلە ئايالىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ رەھبىرى پاراڭلاشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ نايكوم سېكىرتارى ئاخىر ھەيرانلىقىنى بېسىۋالالماي گېرمانىيە تەرەپنىڭ شەھەر باشلىقىدىن كۆڭلىدىكىنى سورىدى.
— شەھەر باشلىقى ئەپەندى، سىز نېمە ئۈچۈن ئادەملىرىڭىزنى ئېلىپ نەخ مەيدانغا تەكشۈرۈشكە كەلمەيسىز؟
— سىزلەر بىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، بارلىق چىقىمنى ئۈستۈڭلارغا ئالىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈردىڭلار، ئەمما بىز بارساق ناھىيەڭلارنىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ بىھۇدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماي تۇرالمىدۇق، ناھىيەڭلاردىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بىزنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سىلەر تەرەپكە بارساق خېرىدار چاقىرىشنىڭ ئادىللىقىغا ۋە بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، — دېدى شەھەر باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ.
— خامچوت؟ — نايكوم سېكىرتارى ھەيرانلىق بىلەن سۆزنى داۋاملاشتۇردى،— قارىسام سىلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار ئىچىدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرمۇ باركەن.
— ھە؟ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر؟ — ھەيران قالدى شەھەر باشلىقى.
— ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىچۇ؟
— ئۇلار دېگەن شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ نازارەتچىلىرى، ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە شەھەرلىك پالاتانىڭ قوللىشى بولمىسا مەن ھېچ قانداق زور قارارلارنى چىقىرالمايمەن، ئۇلار دېگەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، بۇ تۈردە قارار چىقىرىشتا ئۇلارنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھوقۇقى بار، ئۇلار بۈگۈنكى يىغىندا ناتوغرا ئىشلارنىڭ بار يوقلىقىنى ۋە مېنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىمنىمۇ نازارەت قىلىدۇ.
— .....— جۇڭگو تەرەپ سۈكۈتكە چۆمدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گەېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە گېرمانىيىگە كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى، بىزنىڭ نايكوم سېكىرتارىمىز شۇ ھامانلا ماقۇل بولدى ۋە گېرمانىيە تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە جۇڭگوغا ئېكىسكۇرسىيىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، گېرمانىيە تەرەپ ماقۇل دېمىدى.
— ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ بىزنى قىزغىن تەكلىپ قىلغىنىڭىزلارغا رەھمەت، ئەمما بۇ يىل بارالمايمەن، چۈنكى بۇ يىللىق خامچوتقا بۇ چىقىم كىرگۈزۈلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پالاتا ۋە شەھەر خەلقىدىن خالىغانچە راسخوت تەلەپ قىلسام بولمايدۇ، ئەمما كېلەر يىلى مەن بۇ ئىشنى خامچوتقا كىرگۈزۈپ پالاتانىڭ تەستىقىغا سۇنىمەن، ياكى مەن شەھەر باشلىقلىقىدىن قالغاندىن كېيىن ئۆز خىراجىتىم بىلەن جۇڭگوغا ساياھەتكە بارساممۇ بولىدۇ.
جۇڭگو تەرەپتىن سادا چىقمىدى.
يىغىن ئاخىرلاشتى، خېرىدار چاقىرىش ئىشى ئاساسەن بېكىتىلىپ بولدى. ھەشەمەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش مەرىكىسىدە نايكوم سېكىرتارى ھاكىمغا پىچىرلاپ مۇنداق دېدى:
— نېمىسلار بەك ئەستايىدىلكەن، قائىدىدە بەك چىڭ تۇرىدىكەن. جانلىق ئىش كۆرۈشنى پەقەت بىلمەيدىكەن، بۇلار بىلەن مۇندىن كېيىن ياخشى ھەمكارلىشالارمىزمۇ؟
مۇشۇ ۋاقىتتا ئاددىغىنە بىر ئىشخانىدا تېلېفون يىغىنغا قاتناشقا ن گېرمانىيىلىكلەر مۇندىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتاتتى.
— بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭىزلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، بۈگۈن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم، ئىشقا تەسىر يەتكۈزگەنلىك تولۇقلىمىسىنى كېلەر ئايدا پاراۋانلىق ھېساۋاتىڭىزلارغا كىرگۈزۈۋېتىمەن— دېدى شەھەر باشلىقى ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىغا.
— شەھەر باشلىقى ئەپەندى، — دېدى ئائىلە ئايالى شەھەر باشلىقىغا — مەن بۇ تۈرگە قارشى پىكىردە قالىمەن.
— نېمە ئۈچۈن خانىم؟
— بۇ جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بەك بەدخەجمۇ قانداق؟ پۇلىمىزنى ئۇلارنىڭكىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا تازا ئىشەنچىم يوق، ئۇلار ھەتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ پۇلىنى قەدىرلىمەيدىغان تۇرسا بىزنىڭ پۇللىرمىزنى ئاياپ ئولتۇرارمۇ؟
نېمىسلار سۈكۈتكە چۆمدى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتى ۋە كانچىلىقى باشقۇرۇشتا قاتتىق قائىدىلىك ئىكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، 23 يىلدىن بېرى زور ھادىسە كۆرۈلۈپ باقماپتۇ، بىزلەردە بولسا ھالىقىلىق ( يېمىكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش، كان ھادىسىسى، دېمكراتىيە قۇرۇلۇشى، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، مائارىپ، داۋالاش ئىشلاھاتى قاتارلىق) مەسىلىلەردە كەمدىن كەم ئەستايىدىل بولىمىز، ئۇششاق (چولپانلار توغرىسىدىكى پىتنە-پاساتلار دېگەندەك) ئىشلاردا بولسا زىغىرلاپ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزلەيمىز.
«فېليەتونلار گېزىتى تورى»دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

“ئەل رايىغا خىيانەت قىلىش”
ليۇ چېڭلۇڭ
كۆپ يىللار ئىلگىرى “ھۆججەتكە خىيانەت قىلىش” دەيدىغان بىر گەپ چىققانىدى، بۇ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ھۆججەتلەرنىڭ روھى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە باسۇرۇۋېتىلگەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. چۈنكى كۆپ ساندىكى سىياسەتلەر ئاۋامغا نەپ يەتكۈزسە، كۆپ ھاللاردا ئەمەلدارلارغا پايدىسىز بولىدۇ. ھازىر ھۆججەتلەرگە خىيانەت قىلىش بەك تەسلىشىپ كەتتى، تېلېۋىزور شۇنچە ئومۇمىيلاشقان، تورنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز تۇرسا، خەۋەر-سىياسەتلەرنى جامال قىلىش كەلمەسكە كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمىر-پەرماننىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى.
يۇقىرىنىڭ روھىغا خىيانەت قىلىش قىيىنغا چۈشكەن بولسا، ئەل رايىچۇ؟ ئەل رايى كۆپىنچە خىيانەتكە ئۇچرىماقتا، توسۇپ قېلىماقتا.
مېنىڭ بىر رەھبىرىم بولىدىغان، يېقىندا ئالىي مەمۇرىي ئىنىستىتۇتقا كۇرسقا بېرىپ كەلدى.بۇ رەھبەر پەزىلەتلىك ھەم ئىقتىدارلىق ئىدى، دېمەك مەسئۇلىيەتچان كادىر دېيىشكە بولاتتى. ئۇ كۇرسنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزگە ئىنتايىن خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت يولىنىڭ يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەسلىسىدە چاتاق يوقكەن، ئەمما تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈش بىر مەسىلە بوپ قاپتۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەرزىيەت تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا خەۋەرلەندرۈشتىكى مۇھىم يول بولسىمۇ،ئەمما مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى ناتايىن ئىكەن. مەسىلەن: مەيلى قانداق ئەھۋالدىكى يۇقىرىغا ئەرزىيەتكە بارغاندا، مەيلى ئۇۋالچىلىق بولسۇن، بولمىسۇن، يوللۇق بولسۇن، يولسىز بولسۇن كىمدە كىم ئۆلكىگە(ئاپتونۇم رايونغا)، بېيجىڭغا ئەرزىيەتكە بارسا تۆۋەندىن ئۆلكە مەركىزىگە، بېيجىڭگە ئادەم كېلىپ ئەرزىيەتكە كەلگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ. نامدا “ئادەمنى قايتۇرۇپ كېلىش” بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بولسا بولسا “توسۇش”تىن ئىبارەت. ھازىر ھەر بىر ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئۆلكە مەركىزى(ئاپتونۇم رايون مەركىزى) ھەم بېيجىڭدە ئىش باشقارمىسى بار، بۇلارغا يىلىغا نەچچە يۈزمىڭدىن بىرەر مىليونغىچە راسخوت كېتىدۇ، بۇلار مىنىستىرلىقلارغا يېقىنلىشىشتىكى كۆپلىگەن چىرىكلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنە قانچىلىغان ئەل رايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇن بولىدۇ؟
خەلق تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىشىشى، ئۇۋالچىلىقنىڭ كۆىيىشىنى ئەلۋەتتە ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك ئىدى، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەرزىيەت سىياسىتىنىڭ تامامەن “توغرا”، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشىمۇ ھەقىقەتەن بىر ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئادەتتە مېنىڭ بۇ رەھبىرىم بۇ جەھەتتە سۆزلەشكە دېگەندەك جۈرئەت قىلالمايتتى، مەسىلەلەرنى يۇقىرىغا تولۇق ئىنكاس قىلالمايتتى، بۇ قېتىم “ئىنىستىتۇت”قا بېرىپ كۇرستا بۇ مەسىلىنى بىر “ئىلمىي مەسىلە” سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مۇشۇنداق مەخسۇس مەمۇرىي مەسىلىلەرنى تەتقىىق قىلىدىغان ئورۇندا سىياسەتنىڭ “ئەقىلدارلار”نىڭ سىياسەتنىڭ بەلگىلىنىشىدە تامامەن پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىشى كېرەككەن، شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى شۇلار ئارقىلىق يەتكۈزمەكچى بوپتۇ. نەتىجىدە “ئەقىلدارلار” شۇ ھامان بۇنداق مەسىلىنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماڭ، دەپ ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپتۇ.
مېنىڭ بۇ باشلىقىممۇ بىر رەھبەر تۇرسا، رەھبەرمۇ پىكىرنى دېيەلمىسە، پۇقرالار كىمگە دېيەلەيتتى؟
خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەر، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى راۋان چۈشۈۋاتقان ئەمىر-پەرمانلاردەكلا يۇقىرىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزىلەمدۇ؟ئاساسىي قاتلامدىن يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ھەر دەرىجە، ھەر قايسى ئېچىقلار تەرىپىدىن ئاز-ئازدىن قىسىۋېلىنامدىغاندۇ؟ ئەڭ ئالىي قاتلامغا يەتكەندە ئىنكاس قىلىنغان ئەاھۋاللارنىڭ چىنلىقى قانچىلىكتۇ؟ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ئەمىر-پەرمانلار دەرىجىمۇ-دەرىجە ھەسسىلىۋېتىلگەن، يۇقىرىغا يوللانغان ئىنكاسلار دەرىجىمۇ-ژەرىجە قىرقىۋېتىلگەن؛ يۇقىرىدىن چۈشكەن نەچچە ۋاراقلا سۆز تۆۋەنگە چۈشكەندە قېلىن كىتابقا ئايلىنىۋاتقان؛ تۆۋەننىڭ شۇنچە كۆپ توم كىتابتەك ئەھۋاللىرى يۇقىرىغا يەتكەندە بىر ۋاراقمۇ قالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ نەگە كېتىدۇ؟ خىيانەت قىلىنغان گەپ، قىسىۋېلىنغان، باسۇرۇۋېلىنغان گەپ.
مۇشۇ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بۇنىڭغا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئىنچىكىرەك ئويلايدىغان بولساق ئەسلى ئەرزىيەتتىكى ئەل رايىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ ياكى ئەرزىيەتنىڭ “تەرتىپكە پاراكەندىچىلىك سالغان” لىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ؟ ئەرزىيەتكە كەلگۈچىلەرنى “قورشاپ توسۇش”، ئەرزىيەت مەسىلىسىنى نەدىن كەلگەن بولسا يەنىلا شۇ يەردە ھەل قىلىشقا بۇيرۇشتا، يۇقىرىدىكىلەر “ئادەمنىڭ كېسىلى بار”لىقىنى بىلەمدۇ يا؟ ھۆججەتنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك “مەجۇرلۇق”ى بار؟ پەرمان راۋان بولمىسا تۆۋەندىكىلەرنىڭ زور جىنايىتىدۇر؛ ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتمەسلىكىچۇ، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟
سىياسەت، ھۆججەت، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى.... بۇلار بىر تۈپ دەرەخ، دەرەخ بولغاندىمۇ توغان دەرەخ، بىز ھەممىمىز مۇشۇ دەرەختە جان باقىمىز. بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى ئۇچىدىمۇ ياكى ئاستىدىمۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ، ھۆججىتى، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى ئەلرايىغا ئاساسەن بەلگىلىنەمدۇ ياكى كاللىسىغا كەلگىنى بويىچە بېكىتىلىپ شۇ بويىچە ھۆججەت چۈشۈرۈلۈپ، شۇ بويىچە سۆزلىنەمدىغاندۇ؟
«فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق)سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

3000يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت
3000 مىڭ يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت
(فېليەتون)
ئەنلى
مەن ئىنسانلارنىڭ 3000 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىن گۈمان قىلىمەن.ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى قىياس قىلىنغان مۇنداق بىر ئوبرازلىق سۆز بار:《ئىنسانلار ئاخىرى يەر شارىدىكى بارلىق سۇنى خورىتىپ تۈگىتىدۇ،قېپقالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز يېشى بوپ قالىدۇ، خالاس!》
شۇنداق، ھازىرقى تەبىئەتكە ئاچكۆزلۈك بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقان تالان-تاراجلار، ئەسەبىلەرچە بۇزغۇنچىلىق سۈرىتى ۋە”يادرو قوراللىىرغا ئىنتىلىۋاتقان، ئىگە بولۇۋاتقان دۆۋلەت ۋە تەشكىلات “ لارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىدەك ئەھۋاللارغا قاراپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرشقا مەجبۇرمىزكى، ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
ئەمما ھەرقانداق مۆجىزە يۈز بېرىشى ئېھتىماكغا ناھىيىتى يېقىن. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قەيسىرانە ياشاش ئىرادىسىگە تاينىپ 3000 يىلدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا، سىلەردىن 3000 يىل مۇقەددەم يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە نېمە دېيىشىم كېرەك؟ ئالدى بىلەن،ئۆزۈم ياشىغان دەۋىردىكى ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە گۇناھىمنى ئىقرار قىلماقچىمەن. ئىشىنمەنكى سىلەر بىزنى توختىماي تىللاۋاتىسىلەر، قاغاۋاتىسىلەر، بىزگگ لەنەت ئوقۇۋاتىسىلەر. بىز بۇ دەۋىر ئىنسانلىرى ئەجدادلارغا نىسبەتەن《ۋاپاسىز ئەۋلات》، سىلەرگە نىسبەتەن 《ۋاپاسىز ئەجداد》لارمىز.سىلەر بىزگە قانچە لەنەت-نەپرەت ئوقۇساڭلارمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىز يەرشارىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇۋەتتۇق؛ ئېتىز-ئېرىقلارنى بارا-بارا قۇم بارخانلىرىغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ بۈك باراقسان چوققىلارنى ۋاقىتسىز تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ ھاۋاغا زەھەرلىك ماددىلارنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، كۆپ-كۆك ئاسماننى ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قاپلىۋەتتۇق؛ سۈپسۈزۈك دەريا-ئېقىنلارنى گويا يارا ئېغىزىدىن چىققان يىرىڭلارغا ئوخشىتىپ قويدۇق؛ يەر شارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىكى نېفىت، كۆمۈر ۋە بارلىق كېرەكلىك ئېنىرگىيە زاپىسىنى قىلچە تىزگىنسىزقىدىرىپ قېزىپ تۈگەتتۇق؛ ئەۋلاتلارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق بايلىقلارنى ئىشلىتىۋالدۇق ۋە بۇزبۇپ چاچتۇق؛ بىز ۋەھشىلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ھەمراھىمىز بولغان ھايۋانلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ باردۇق، ئۇلارنى داستىخنىمىزدىكى مەزىلىك تائاملارغا ئايلاندۇرۇپ يەپ تۈگەتتۇق. بىز ھايۋانلارنى ئوۋلاش بىلەن بىرگە ئادەملەر ئارىسىغىمۇ ھەر خىل ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، ئۆزىمىزگە يات ئىرق، يات دىن، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى قىردۇق؛ ھەتتا ئوخشاشمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىمۇ بوش قويمىدۇق، كاللىلار يەردە دومىلاپ، قان دەريا بولۇپ ئاقتى،ئەگەر سىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدىن ھېساپ ئالماقچى بولساڭلار، بىز تارىخ جاۋاپكارلىقى سەھنىسىدىكى باش جىنايەتچىلەردۇرمىز. بىز گۇناھىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەيىپلەش، تۆۋە قىلىشتىن باشقا نېمىمۇ قىلالايتۇق؟! قوي يۈتكەندىن كېيىن قوتان ئوڭشىغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەلبەتتە. ئەگەر بىزنى سىلەرگە كېرەكلىك دەپ قارىغاندىمۇ ، بىز پەقەت سىلەرگە سەلبىي دەرسلىكلا بولالايمىز، خالاس! مەن سىلەرنىڭ قانداق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە ياشاۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن، ئەگەر سىلەر دېموكىراتىيىلىك، مەدەنىيەتلىكدۇنيادا ئەركىن نە ھاۋادىن پەسلىنىپ، مېھرى-شەپقەتكە چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقان بولساڭلار، ئەجدادىڭلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ،ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرغايسىلەر، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئەجدادلىرىڭلار مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئىز بېسىپ، ھاياتىنى بەدەل قىلغان. ئۇلارنىڭ قېنى شەپەقنى قىزارتقان. ئەگەر سىلەر چېقىمچىلار ۋە مەخپىي تىڭشىغۇچ ئەۋج ئالغان دەۋىردە ياشاۋاتقان بولساڭلار، سىلەرنىڭ بوشىشىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا زوراۋانلىق بىلەن باتۇرلارچە ئاداققىچە كۆرەش قىلغايسىلەر. سىلەر بىزنىڭ دەۋىردە ياڭرىغان《بارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس》 دېگەن شوئارنى ئېسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار. سىلەر مېنىڭ بۇ خېتىمنى كۆرگەندە مەن ئاللىبۇرۇن پاسىق سۆڭەككە ئايلىنىپ بولغان بولىمەن، شۇنداقتىمۇ سىلەرنىڭ بەختلىك سالامەت بولىشىڭلارنى تىلەيمەن.
«فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»2005-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
《جۇڭگو مىللەتلىرى》نىڭ 2005-يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان

قىسقا فېليەتونلار
قىسقا فېليەتونلار
شەخسكە قەرزدار بولغانلار نامراتلاردۇر، دۆلەتكە قەرزدار بولغۇچىلار بولسا بايلاردۇر؛ ھاراق ئىچكەندە گىرادۇسىغا قارايدىغانلار نامراتلار، ماركىسىغا قارايدىغانلا بايلاردۇر؛ كىتابنى نامراتلار يازىدۇ، بايلار قانۇنسىز نەشىر قىلدۇرىدۇ؛ ئۆي قۇشلىرىنى يەيدىغانلار نامراتلاردۇر، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يەيدىغانلار بايلاردۇر؛ يەر تېرىيدىغانلار نامراتلار، يەر سودىسى قىلىدىغانلار بايلاردۇر. يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن ئۆزىڭىز، ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەن دوستىڭىزدۇر؛ ساقلىنىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن نەپس، ئەڭ ئاسان ئازدۇرىدىغان دۈشمەن ھېسسىياتتۇر. ياشلار تارىخقا قارىسا خۇددى تەپسىلىي ھېساۋاتنى كۆرگەندەك بولىدۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلار تارىخقا قارىسا تۈر ھېساۋاتىنى كۆرگەندەك بولىدۇ، ياشانغانلار بولسا قالايمىقان ھېسابنى كۆرگەندەك، پات-پات ساختا ھېساۋاتنى بايقايدۇ. ***كەمبەغەلنىڭ ئىئانە قىلىشى ھېسسىياتتىن، باينىڭ سەدىقە بېرىشى ئىدىراكتىن. كەمبەغەللەرنىڭ تۇتۇشقىنى قول، تۇتاشقىنى قەلب؛ باينىڭ ئىئانە قىلغىنى پۇل، قايتۇرۇۋالغىنى نام-ئاتاق، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا پايدا-مەنپەئەت. كەمبەغەل كىشى باي بولغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى كەمبەغەللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. تەبىئەتنى ئۆزگەرتىۋەتىپ بۇلارنى يوق قىلىۋەتكەن زادى نېمە؟ بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ تويماس نەپسى ئەمەسمۇ! جېنىنىڭ بارىچە بەھرىمان بولۇش، ۋە ياساشمۇ بوش ۋاقىتلارنىمۇ كۆپۈككە ئەيلاندۇرماقتا.***قۇلاق: بىر خىل ئاۋاز سۈزگۈچ بولۇپ، ئۇ سەمىمى سۆزلەرنى سۈزۈۋېتىپ، قۇرۇق گەپ ۋە خوشامەت سۆزلىرىنىلا ئېپ قالىدۇ.غايە: بىر خىل سوپۇننىڭ ماغزىپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە بولۇپ، مەلۇم ئارىلىقتىن ئۇنىڭغا قارىسىڭىز ناھايىتى گۈزەل كۆرىنىدۇ، ھەتتا ئۇنى قوغلىشىسىز، ئۆزىڭىزنى گويا بىر قۇشتەك سېزىسىز، ئۇنىڭغا يېتىشىپ ئىلكىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا بولسا ئۇ ۋەيران بولىدۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى يوقىتىپ سىزنى مەيۈسلەندۈرىدۇ.ئاچكۆزلۈك: يوقسۇللۇقتىنمۇ بەتەر بولغان بىر خىل ئازابتۇر. يوقسۇللۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاچكۆزلۈك ھەممىگە تويمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. جەلپكارلىق: يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان گۈزەل سىرتقى قىياپەت ۋە ئۇنىڭ رادىئاتسىيە كۈچى بولۇپ، ئادەتتە مۇھەببەت ۋە سۇيقەستنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.پۇرسەت: كىشىلەرنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى سىنايدىغان يوچۇقتۇر.كومپوزىتور: بەش تال سىمغا قۇمچاقنى ۋە پاقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يايىدىغان ئادەم. جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى»
يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى»
(فېليەتون)
چېن جاڭ
يېقىنقى يىللاردىن بېرى كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى رۇسلاش يۈزىسىدىن يېڭىدىن «كادىرلار قوللانمىسى» تۈزۈپ چىقىلدى، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ شۇ بويىچە قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. پارىنى قوبۇل قىلىپ ئاشكارە بولۇپ قالغاندا مەسئۇلىيەتنى خوتۇن، بالىلىرىغا دۆڭگەپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
2. ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇشتىن چاتاق چىققاندا خەۋەرلەرنى قامال قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
3. ئاۋمىنغا بېرىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغا قىمار ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
4. ساۋاتسىزلارنى، لۈكچەكلەرنى سوت مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
5. ئۈچ ياشلىق بالىغا مائاشىنى ئالغۇزۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
6. پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن «ئەمەل» لەرنى توپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
7. ھەر تەرەپتىن ئاشلىق ئارىيەت ئېلىپ دۆۋىلەپ باش مىنىستىرنى ئالداشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
8. ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەت كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىزلارنى قورقۇتۇشقا، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
9. سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ چاغاندا ئۆيىگە قايتقان قىزلارنىڭ ھەممىسىنى قامىۋېلىپ، ئۇلارنى نومۇسىنى ساتقان دەپ ئىقرار قىلدۇرۇپ جەرىمانە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
10. يىغىن زالىغا ئوت كەتكەندە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاۋۋال قاچۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك، ئۆزى ھەممىدىن بۇرۇن قېچىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىمايدۇ.
11. نامراتلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەندە سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن گۈرۈچ، تېلېۋىزور قاتارلىق بۇيۇملارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
12. دېھقانلار قالدۇرۇق پۇلنى تاپشۇرالمىغاندا ئادەم باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشقا رۇخسەت قىلىمايدۇ.
13. ئۆزلىرى «كەنت پۇلى» ياساپ دېھقانلارنىڭ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
14. ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇۋەتكەندە، دەرھال توختاپ ئادەم قۇتقۇزۇش كېرەك، ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئادەمنى باسۇرغانچە مېڭىۋېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
15. بالىلار «سۇ ئۈزەلمەيمەن» دېسە، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ سۇغا تاشلىۋېتىپ تۇنجۇقتۇرۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
16. قول ئاستىدىكى كادىرلارنىڭ خوتۇنىغا چېقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
17. قاتىل ياللاپ خىزمەتدېشى ياكى باشلىقنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
18. گۇماندارلارنى تۇتقاندا چوقۇم قاماقخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئۆز ئالدىغا ئېتىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
«جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

قىزىق ئەمەلدالار(فېليەتون)
قىزىق ئەمەلدالار
بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، سەھنىگە چىقىۋالسا ئۆزلىرىنى ھېچقانداق پۇل-مال قوبۇل قىلمايدىغان پاك ئەمەلدار دېيىشىدۇ، ئاستىرىتتىن بولسا ھەددى-ھېساپسىز پۇل ماللارنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، كىشىلەر ئالدىدا بىر ئەرگە بىر ئاياللىق تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ، ئاستىرتتىن بولسا 107 ئاشنىسىنى بېقىپ يۈرىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ۋەتەننى قانداق قىزغىن سۆيىدىغانلىقلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ساتقىنلىق قىلسا، چىرىكلەشسە ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، دۆلىتىمىزنىڭ مېلىنى ياخشى كۆرىمەن ،دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا چەتئەلنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرىدۇ، چەتئەلنىڭ تېلېۋىزورىنىلا سېتىۋالىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى تۇرمۇشتا شۇنداق ئاددى-ساددا دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا كاتتا رېستۇرانلاردىن چىقالمايدۇ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرىنىلا كىيىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئالامەت دېموكراتىك دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە كىمدە كىم ئۇنىڭ دېگىنىگە قارشى چىقىدىكەن، ئۇنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى ئەمەلىيەتچى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر توپ يەپ-ئىچەر، پوچىلار چۆرىدەپلا يۈرۈشكەن.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، مائارىپقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش ئالالمىغىنىغا 3ئاي بولغان، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان ۋەيرانە سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈۋاتقان. ئۆزى بولسا ئالىي بېزەلگەن ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ مۇخبىرغا مېنىڭ بەك ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار ئىدى، دەۋاتقان.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ، ئايالىنىڭ گېپىنى قىلغاندا كۆزلىرىدن ئوت چاقنايدۇ، گەپتە دۇدۇقلاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەمەلدارنىڭ سىرتتا رەڭدار ھەمراھلىرى ساماندەك، ئۆيىدە ئايالى بولسا كۈندە يىغلاپ ئولتۇرارمىش.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئەڭ ۋاپادار پەرزەنت دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاپادارلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى بولغاندا پاي-پېتەك بولۇپ كېتىشىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئاممىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ، تېلېۋىزورغا چىقسا: قىيىنچىلىقتا قالغان خەلق ئاممىسىنى ئويلىساملا كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ خەلق ئاممىسىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، يېقىندا ئۇ تەۋەلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلەش ھېسابىغا بىر مەيدان ياساتتى، نۇرغۇن دېھقان شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، زىيالىلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە زىيالىيلار ئۆزلىرىگە پىكىر قىلشىقا، تەپەككۈر قىلىشقا پۇرسەت بېرىشنى سورىغاندا توختىماستىن بېشىنى چايقايدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق....مانا مۇشۇنداق قىزىق ئەمەلدارلار، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىق تاجىنى كىيىپ نۇرغۇن يەرلەرنى باشقۇرۇشماقتا.
«جۇڭخۇا فېليەتون تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

مەن دېھقانمۇ؟(فېليەتون)
مەن دېھقانمۇ؟
(فېليەتون)
خۇڭ چاۋجۈن
ئىلگىرى جاپىڭۋانىڭ «مەن دېھقان » دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇنىڭدا جاپىڭۋانىڭ يېزىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. جاپىڭۋا 19 يېشىدا يېزىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان، شۇندىن كېيىن شەھەرلىك بولۇپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:” ھەقىقى جاپا يېزىدا، ھەقىقىي راھەت جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولىدۇ.“ جاپا دېگەندە راھەت نېمە قىلىدۇ، جاپىڭۋا ھەقىقى جاپانى تېتىپ كۆرمىگەن، دېھقاننىڭ جەۋر جاپاسىنى ھەقىقى تېتىپ كۆرمىگەن گەپ.جاپىڭۋا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي «مەن دېھقان» دەيدۇ، ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشى بەلكىم تەشۋىق قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە جاپىڭۋا دېھقان ئەمەس. مەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي يۇرتقا قايتىپ سەككىز يىل كەتمەن چاپتىم، يېزىدىن ئايرىلغاندا 30 ياشقا كىرىپ قالاي دېگەن ئىدىم. مۇبادا 80 يىل ئۆمۈر كۆرسەم، ئۆمرۈمنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى يېزىدا يېزىدا ئۆتكەن بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۆزۈمنى ھازىرغىچە دېھقان دېيەلمەيمەن، مېنىڭ ھازىرقى كەسپىم ۋە كىرىمىم بىلەن ئۆزۈمنى دېھقان دېسەم مۇتتىھەملىك قىلغان بولىمەن.يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەندە دېھقاندا بولۇشقا تېگىشلىك سەۋىيە يوق، مەن سەككىز يىل كەتمەن چاپقىنىم بىلەن، يەنىلا بەزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى پىششىق بىلمەيمەن، بەزىلىرىنى ھەتتا بىلمەيمەن، مېنى ئەمگەك كۈچى دەپ ھېسابلىغاندىمۇ مەن 10 نومۇرغا لايىق دېھقان بولالمايمەن. بىر ئۆمۈر كەتمەن چاپقان دادام ماڭا: دېھقان بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، 24 مەۋسۈمنى پىششىق بىلىش، دېگەنىدى. ئىلگىرى مەن 24 مەۋسۈمنى بىراقلا يادقا ئېيتىپ بېرەلەيتتىم، مەۋسۈملەرنى پىششىق بىلگەندىلا دېھقانچىلىقنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ” پاقا كۇكىرىدى، ئۇرۇق يەر سېغىندى“ دېگەن بۇ ماقال تېرىم ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دېھقانچىلىق قىلىشتا نۇرغۇن بىلىملەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك، مەسىلەن: ” بۇلۇتلار قاسراقلىنىپتۇ ئاسماندا ، دانلىرىڭنى تەييارلا ئاپاتاپقا قاقلاشقا“ بۇ ئەتىسى ھاۋانىڭ ناھايىتى ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى، زىرائەتلەرنى ئورۇش، قاقلاشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ئەگەر دېھقاننى ئىمتىھان بەرگۈچى دېسەك، ئۇنداقتا يەرنىڭ ئۆزى ئىمتىھان قەغىزى بولىدۇ. بىر دېھقاننىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭ ئېتىزىدىن قانچىلىك ھوسۇل چىققانلىقىغا باغلىق. ئەينى چاغدا مەنمۇ ھەقىقى دېھقان ئىدىم ، شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئالغان ھوسۇلۇم ھامان پېشقەدەم دېھقانلارنىڭكىدىن ئاز بولاتتى. ھازىرمۇ گەرچە ئاياقلىرىمدىن ئېتىزلىقنىڭ لايلىرىدەك ساددىلىق، چىرايىمدىن سەھرانىڭ توپا پۇرىقى چىقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما مېنىڭ تېرەم كەتمەن چاپقان چېغىمدىكىدەك قارا ئەمەس، ماغدۇرۇممۇ ئۇ چاغدىكىدەك بەردەس ئەمەس، ئۇ چاغلاردا 75كلوگرام ئاشنى بىمالال كۆتۈرەتتىم، ھازىر 25 كلوگرام ئۇننىمۇ كۆتۈرەلمەيمەن. ئاۋازىمدىن سەھرا دېئالىكتى يوقالمىغان، چىرايىمدىن سەھرا پۇرىقى يۈتمىگەن بىلەن، شەھەرنىڭ مۇھىتىدا يۈرۈپ دېھقانچىلىقنى ئاللا بۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىم، ھەتتا 24 مەۋسۈمنىمۇ تولۇق ساناپ بېرەلمەيمەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلەمدىم؟!مەن ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن بىر ئاسىيمەن. مەن سەھرادىن يۈز ئۆرۈپ قېچىپ چىققان، شەھەردە ئوقۇپ، يېزىقچىلىق قىلىپ يېزىدىن ئايرىلىشقا جېنىمنىڭ بېرىچە پۇرسەت ئىزدىدىم. ئاخىر بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتتىم، يېزىدىن ناھىيىلىك پارتكومغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ دۆلەت كادىرىغا ئايلاندىم. ئەينى چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى ناھىيىگە بېرىشىمنى ئۇقتۇرغان چاغدا مەن تېخى ئېتىزلىقتا شال مايسىسى كۆچۈرۈۋاتاتتىم، ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقى تىزىمنىڭ ئۈستىگىچە تۈرۈلگەن ئۈستۋاشلىرىم لايغا مىلەنگەن ئىدى.ئەگەر ھازىرقى ۋاقىت بولغان بولسا ھەممە كىشى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان تۇرسا مەندەك يا پۇلى يوق، ياكى ئارقا تېرىكى يوق، ئازراق بىر نېمە يازالايدىغان نامرات ئوقۇغۇچى بىلەن كىمنىڭ كارى بولاتتى دەيسىز؟ 20 يىل ئىلگىرى دېھقانلار زور تۈركۈمدە ئىشلەمچى بولۇپ ئەمەس بەلكى ئىشچى قوبۇل قىلىش، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش، ئەسكەر بولۇش، كادىرلىققا ئۆستۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل يوللار بىلەن شەھەرگە كىرەتتى. ھازىرمۇ بۇ يوللا توسۇلۇپ قالمىدى، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن تاقىۋېتىلدى. ھازىر گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشتىكى بىر يولى بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ زىيادە يۇقىرى ئوقۇش ھەققى بۇ يولدىكى بىر ئېگىز توساق بولۇپ قالماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوقۇش ھەققىنى تۆلىيەلمەسلىك بىلەن بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالماۋاتقانلار خېلى نۇرغۇن، بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خانىۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان دېھقانلارمۇ يوق ئەمەس. قاتمۇ-قات توسۇق نورمال ئىجتىمائىي ئوبوروت يولىنى ئېتىپ قويۇپ، جۇڭگودىكى ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئوبوروتنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىۋەتتى، ھەتتا قاتماللىشىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يۇقىرىغا يۆتكىلىش كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۈمىدى بولۇپ، ئاۋام يۇقىرىغا يۆتكىلىش پۇرسىتىگە تەلپۈنىدۇ، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرگە نىسبەتەن، ئارزۇ رىئاللىقتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە بىر كونسېرتتا غەربتىن كەلگەن بىر ياش ناخشىچى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا:”مەن بىر دېھقان ناخشىچى .... “ دېگەنىدى. بىلىشىمچە ئۇ يەر تېرىپ باقمىغان، يېزىدىمۇ ناھايىتى بىر، ئىككى يىللا تۇرغانىكەن، ئۇنىڭ ئۆزىنى دېھقان دېگىنىنى ئاڭلاپ گويا بىر تال چىۋىن يۈتۈۋالغاندەك بولۇپ قالغانىدىم. يەنە، جاۋ بېنشەنمۇ دېھقان؟! ئەگەر ئۇ دېھقان بولمىسا قانداقسىگە دېھقانلىق ھالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولالىسۇن؟! بۇ كەملەردە دېھقاننىڭ نامىنى سۈيىستىمال قىلىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى، مەسىلەن: دېھقان ناخشىچى، دېھقان شائىر، دېھقان كارخانىچى، دېھقان رەسسام ...... دېھقاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغاننىڭ ھەممىسى ھەقىقى دېھقان بولىۋەرمەيدۇ، ئۆز سالاھىيىتىنىڭ ئالدىغا ”دېھقان“ نامىنى قوشۇۋېلىشى پەقەت مۇشۇ زور پەرقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتمەكچىلا خالاس. بۇ ئارقىلىق بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىسىنى چوڭ كۆرسەتكىلى بولار، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا بۇ بارلىق دېھقانلارنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ. ئەمما بۇنداق ئادەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كەمسىتىش كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىۋاتىمىز.ئەينى چاغدا مەن دېھقان بولمايمەن دېگەن ئىرادىگە كەلگەچكىلا يېزىدىن قايتىپ كەلگەنمەن، ئەمدىلىكتە شەھەردە ياشاپ ئۆزۈمنى دېھقان دېسەم، بۇ ئۆز-ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلغانلىق ۋە دېھقانلارنى كەمسىتكەنلىك بولمامدۇ؟! سەھرادا مېنىڭ ئەينى چاغدا بۆلۈپ بەرگەن يېرىم، ئاتا-ئانا قېرىنداشلىرىم بار، كىندىك قېنىممۇ يېزىغا تۆكۈلگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلمەيمەن. گەرچە مەن” يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار“ غا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ، ” يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار“ غا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان بولساممۇ، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ بىلوگىمدىمۇ پەقەتلا «سەككىز يىل كەتمەن چاپقان» دېيەلىدىم.دېھقان – نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىختىن بېرى تورلۇق ئاڭلىنىپ كەلگەن نام، ئۇ بەئەينى تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان زىرائەتتەكلا ئاددى، ئەمما پۇختا. ئەگەر ھازىر مەن ئۆزۈمنى دېھقان دەپ ئاتىىۋالسام چوقۇم دېھقانغا قاتتىق بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىمەن.
(خۇڭچاۋجۈن ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ئەسلى«جاڭنەن شەھەر گېزىتى» گە بېسىلغان، كېيىن «جۇڭخۇا فېليەتون تورى» غا يوللانغان)

ئېھتىيات(فېليەتون)
ئېھتىيات
(فېليەتون)
يى مىڭ
كۆكتات سېتىۋالغاندامەن: مەندە پۇرژۇنلۇق تارازا بار، كۆكتات كەم بولۇپ قالمىسۇن.كۆكتات ساتقۇچى: مەندە پۇل تەكشۈرگۈچ بار، ساختا پۇل بېرىمەن دەپ ئويلىماڭ.قۇلۇپ ئاچقانداقۇلۇپ ئاچقۇچىغا مۇنداق دېدىم: قۇلۇپ ئېچىش گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭ، ئوغرىنى ئۆيگە باشلىماي يەنە.قۇلۇپ ئاچقۇچى: نوپۇسىڭىزنى كۆرسىتىڭ، ئشىكنى خاتا ئېچىپ قېلىپ ساقچىغا كىرىپ قالماي يەنە.ئىمتىھان مەيدانىدائوقۇغۇچى: بىزدە يانفون بار، تېخنىكىمىز ئۈستۈن، نازارەتچىدىن قورقۇپ قالمايمىز.نازارەتچى: بىزدە ئېلېكتىرونلۇق كامېرا بار، تېلېفون سىگنالى توسۇۋېتىلگەن، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلالمايسىز.دوختۇرخانىدابىمار تۇققانلىرىغا: دوختۇرنىڭ پېيىدە بولۇڭ، قىممەت دورىلارنى يېزىپ قويىدۇ.دوختۇر سىستېراغا: بىمارغا چىڭ كۆزقۇلاق بولۇڭ، داۋالىنىش پۇلىنى بەرمەي قېچىپ كەتمىسۇن.تاللا بازىرىداخېىردار: ئوبدان قاراڭ قولۇمدا ھېچنېمە يوق.تاللا بازىرى: ئېھتىيات قىلىڭ، بىزدە كامېرا بار، ھۇشۇڭىزنى تېپىپ يۈرۈڭ.خىزمەت ئىزدەشخىزمەت ئىزدىگۈچى: بۇ ئىدارىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تەمىناتى يالغان ئەمەستۇ؟ئادەم ئالغۇچى ئورۇن: يېشىڭىز ۋە دىپلومىڭىز ساختا ئەمەستۇ؟گۈزەل تاللاشگۈزەللەر: سىلەرنىڭ توختامىڭلار ھەم ۋەدەڭلار يالغان ئەمەستۇ؟ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: سىز سۈنئىي گۈزەل ئەمەسسىز؟ سۈنئىي ئەمەسلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتىنى چىقىرىڭ.
«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2008-يىل 2-ئاي(ئالدىنقى 10كۈنلۈك) لىق سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

كارۋان ئەترىتىنىڭ ئىسلاھاتى
كارۋان ئەترىتىنىڭ ئىسلاھاتى
زېڭ بەنرو
(فېليەتون)
بىر دېھقان 20 ئېشەك بېقىپتۇ، ھەر بىرىگە بىردىن ئۇچۇلۇق سەپلەپ كارۋان ئەترىتى تەشكىللەپتۇ. ئېشەكلەر كۈن بويى جاپالىق ئىشلەيدىكەن، قىلىدىغىنى بىر خىللا ئىش، يەيدىغىنى بىر خىللا يەم بولۇپتۇ.بىر كۈنى ئىشتىھاىسى ئەڭ ياخشى بىر ئېشەك دېھقانغا مۇنداق دەپتۇ:- ھەر كۈنى باشقا ئشەكلەر بىلەن ئوخشاش يەم يېسەم پەقەت تويمايدىكەنمەن، مۇندىن كېيىن ماڭا جىقراق يەم بەرسىڭىز، مەن تېخىمۇ كۆپ يۈك توشۇيتتىم.دېھقان بۇ بولىدىغان گەپكەن، ھەم ئادىل، ھەم ئىش ئۈنۈمىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولغىدەك دەپ ئويلاپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى قەدىمى: ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش، يەم مىقدارىنى ئىشلىگەن ئەمگىكىگە نىسبەتلەشتۈرۈپ تەقسىم قىلىپ بېرىش.بۇ ئۇسۇل بىر مەزگىل يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر كۈنى يەنە بىر ئېشەك مۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ:- ھەر كۈنى ئىشتىن كېيىن نورما تەقسىم قىلىنغاچقا، جىقراق ئىشلىگەن كۈنلىرىم تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن نورمىنى يەپ بولالالمايدىكەنمەن، ئەمما ئازراق ئىشلىگەن كۈنلىرىم تويمايدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئالدىنقى كۈنىدىكى نورمىغا قاراپ ئىككىنچى كۈنىنىڭ ئەمگىكى بېكىتىلسە، ھەم قورساقنى تويغۇزغىلى، ھەم ئىككىنچى كۈنى جانلىق ئىشلىگىلى بولاتتى، - دېھقان بۇ تەكلىپنىمۇ توغرا تېپىپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ ئىككىنچى قەدىمى: چىقىمغا قاراپ كىرىم قىلىش، يېگىنىگە قاراپ ئىش تەقسىم قىلىش.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر ئېشەك مۇنداق دەپتۇ:_ بىر نەچچە ھورۇن ئېشەك تۇنجى كۈنى قەستەن تويغۇدەك يەم يېمەي ئىككىنچى كۈنى ھورۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئەترىتىمىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتتى، - بۇنى ئاڭلىغان دېھقان قارىغاندا شاللاش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈش زۆرۈركەن دەپ ئويلاپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ ئۈىنچى قەدىمى: شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، كۆتۈرۈشچانلىقنى ئۆلاچەم قىلغان ئاساستا ھەر پەسىلدە ئەڭ ئارقىدا قالغان بەش ئېشەكنى شاللىۋېتىش.بۇنىڭ بىلەن ئېشەكلەر ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي ئىشلىشىپتۇ، ئارقىدا قالغان بەش ئېشەك شاللىۋېتىلگەندىن باشقا، يەنە ئىككى ئېشەك چارچاپ ئۆلۈپتۇ. ئەمما دېھقان بۇ بىر پەسىلدە ئومۇمىي ئۈنۈم ئاشمايلا قالماستىن، يەنە تېخى ھەر بىر ئېشەكنىڭ يەككە ئىش ئۈنۈمىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ.بىر تەخەي كېلىپ كارۋان ئەتىرىتىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىپتۇ، ئۇ: _ ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئەسلىدىكى ئېشەكلەرنىڭ يېشى چوڭىيىپ قېرىغانلىقىدىن بولغان، - دەپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ تۆتىنچى قەدىمى: يەتتە نەپەر تەخەينى ئەترەتكە قوبۇل قىلىش.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر قېرى ئېشەك دېھقانغا:- تەخەيلەرنىڭ تېخنىكىسى چالا، ئىشقا تولا تەۋەككۈچىلىك قىلىپ، خاتالىقنى كۆپ سادىر قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئۇلارنى قوغلاندى قىلساق، - دەپتۇ. باشقا قېرى ئېشەكلەرمۇ: بەرھەق، دېيىشىپتۇ. دېھقان تەپسىلىي تەكشۈرۈپ قارىسا راست دېگەندەك تەخەيلەرنىڭ تېخنىكىسى تەلەپكە لايىق ئەمەسكەن، شۇڭا ھەممىسىنى قوغلاندى قىلىپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر نەچچە ئات كەپتۇ-دە، دېھقانغا مۇنداق دەپتۇ:- ئومۇمىي ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن بولىشى ئېشەكلەر پەقەت يۈكنى ئارتىپ كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭدا قانچىلىك يۈك توشۇغىلى بولسۇن؟ ئەگەر بىز قوشۇلساق ھارۋا قېتىپ توشۇغىلى بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئىش ئۈنۈمىنى نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان دېھقان مۇنداق دەپتۇ:- ھارۋا سۆرەشنى مەشق قىلىشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭدا ئىشقا تەسىر يېتىدۇ. ئەترىتىمىزگە كىرىمەن دەيدىكەنسىلەر چوقۇم ھارۋا سۆرەشنى ئۆگىنىپ كېلىڭلار ئاندىن ئىشقا ئالىمەن.ئىسلاھاتنىڭ بەشىنچى قەدىمى: ئات كىرگۈزۈش.ئىش ئۈنۈمى ئالغا باسماۋەرگەندىن كېيىن دېھقان باشقا جايلارغا تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ئەھۋال ھەقىيقەتەن ئاتلارنىڭ دېگىنىدەك ئىكەن. يەنى ھەممە يەردە ئات ئىشقا سېلىنىپ ھارۋىغا قېتىلغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئاتنى ھارۋىغا قېتىپ ئىشلىتىش قارارىغا كەپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ ئالتىنچى قەدىمى: يۈك كۆتۈرۈشنى ھارۋىغا قېتىپ يۈك توشۇشقا ئۆزگەرتىش. ئات-ئېشەكلەرنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، تۆت نەپىرىنى بىر گۇرۇپپا قىلىش. ئېشەكلەر كونا تۆھپىكارلار بولغاچقا ھەممە گۇرۇپپىغا ئېشەك بىرىنچى باشلىق قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. ئېشەكلەر يۈكنى كۆتۈرۈپ توشۇغان ئۇسۇل بويىچە ھارۋا سۆرىگەچكە، سۈرئىتى ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپتۇ، بۇنىڭغا ئاتلار نارازى بولۇشۇپتۇ. ئەمما ئېشەكلەر دېھقانغا مۇنداق دەپ ئەرز قىلىشىپتۇ:_ ئات مۇئاۋىنلىرىمىز خىزمەتلىرىمىزنى قولىمايۋاتىدۇ، - بۇنى ئاڭلىغان دېھقان ئېشەك باشلىقنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىغان ئاتلارنى ئىشتىن شاللىۋېتىپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ يەتتىنچى قەدىمى: ئارقىدا قالغان مۇئاۋىنلارنى شاللىۋېتىش. يەنە بىر نەچچە ئېشەك تەكلىپ قىلىنىپ ئات بار گۇرۇپپىغا قوشۇلۇپتۇ، ھەمدە يەنە بىردىن ئارقان كۆپەيتىلىپ ھارۋىغا قېتىلىپتۇ. ھەر بىر گرۇپپىنىڭ مۇئاۋىنلىرى ھەر ئايدا گرۇپپىنىڭ بىرىنچى باشلىقلىرى تەرىپىدىن باھالىنىپ نۇمۇر قويۇلۇپتۇ، ئارقىدا قالغانلىرى شاللىنىپتۇ.ھارۋا ھەر تەرەپكە تەڭ تارتىلغاچقا ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن گۇرۇپپىلاردا دائىم بىر-بىرىنى پۇتلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئارقىدا قالغان مۇاۋىنلارنى شاللىۋېتىشنى نورمال يولغا قويغىلى بولمىدى، دەپ داتلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېھقان گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا تولۇق ھوقۇق بېرىپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ سەككىزىنچى قەدىمى: كابېنت تەشكىللەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مۇاۋىنلارنى گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئۆزلىرى تاللاش.بارلىق ئاتلار گۇرۇپپىلاردىن شاللىۋېتىلىپتۇ. ئاتلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپا بېرىشىپتۇ. ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۈكنى ئۈستىگە ئارتىپ توشۇغان چاغدىكىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھارۋىلار سېتىۋېتىلىپ يەنە يۈكنى ئۈستىگە ئارتىپ توشۇشقا باشلاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كارۋان ئەترىتى زىيان تارتىشقا باشلاپتۇ، ئېشەكلەرنىڭ ئىشتىھاسى توشۇغان يۈكىدىنمۇ كۆپ بولۇشقا باشلاپتۇ. ئىسلاھاتنبىڭ توققۇچىنچى قەدىمى: ۋەيران قىلىپ، قايتا تەشكىللەش.
جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشى

تيەن رويۇچىڭ
10-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن 2007-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى. ئەنگىلىيىلىك ئايال يازغۇچى دورىس لېسسىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ 10مىليون شۋېتسىيە كورۇناسى(تەخمىنەن بىر مىليون 540مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ روھىي ھالىتى مۇرەككەپ بولدى.
جۇڭگولۇقلار نوبىل مۇكاپاتىنى جۇڭگولۇق ياڭ جېننىڭ، لى جىڭداۋلار نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن چۈشىنىشكە باشلىدى. ئەقىللىق جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇقلار ئەقىللىق، دېيىشتى باشقىلار، بىزمۇ شۇنداق دېيىشتۇق. جۇڭگولۇقلار نانقېپى ئەمەس، ھەممە نەرسىدە بىرىنچىلىكنى تالىشىدۇ، بۇ تەرىپى ياخشى. شۇغىنىسى مۇشۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن خوشى كېلىشمەيدىغانداك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلار نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەك چوڭ بىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ھەر يىلى چېپىلغاقلار چىقىپ دۆلەت ئىچىدىكى ، ياكى چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇقلارنى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بار بولغان ئۇلۇغ ئەدەبىيات نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغاندەك قىلىدۇ، مەيلى مۇھاكىمە بايان ۋە چۇ بەگلىكى دەۋرىدىكى كۈيلەر، سوڭ دەۋرىنىڭ نەزمىلىرى، مىڭ، چىڭ دەۋرىنىڭ رومانلىرى بولسۇن ھەممىسى ئەدەبىيات جەھەتتە ناھايىتى شانلىق سەھىپە ياراتتى. يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىمۇ نۇرغۇن ئۇلۇغ يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. يېقىنقى يىللاردا باجىن ھايات چېغىدا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ قىزىق نامزاتى ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ يېشىنى چوڭ كۆرۈشتىمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ باجىن نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل بولالمىدى. ئەلۋەتتە، باجىنمۇ نوبىل مۇكاپاتىنى قىلچە چوڭ بىلمەيتتى.
2000-يىلى فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان گاۋ شىڭجەن ئىسىملىك بىر جۇڭگولۇق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئىش ئەينى چاغدا جۇڭگودا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. گاۋ شىڭجەن دېگەن كىم ؟ دېيىشتى جۇڭگولۇقلار، ئۇ قانچىلىك ئەسەر يېزىپتىكەن؟ نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئۇنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ: ” ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئامىباپ قىممەت، ئىنچىكە كۈزىتىش ئىقتىدارى ۋە تىلىنىڭ موللىقى ، ئۆتكۇرلىكى بىلەن جۇڭگو يېزىقىدىكى ھېكايىچىلىق سەنئىتى ھەم چاڭچىلىگە(تىياتىرچىلىققا) يېڭىچە يول ئاچقان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: تەڭداشسىز نادىر ئەسەر دەپ تەرىپلەنگەن «لىڭشەن تېغى» ۋە جۇڭگودىكى تۇنجى كىچىك تىياتىرخانا دراممىسى دەپ تەرىپلەنگەن «مۇتلەق سىگنال» لار بار.“ دېيىلگەن باھالاش سەۋەبىگە ئاساسەن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار توردىن «لىڭشەن تېغى» نى ئىزىدىشىپ ئوقۇشتى، ئوقۇماستا ھېچگەپ يوق، ئوقۇپلا ئوشۇقى ئالچۇ قوپۇشتى، چۈنكى جۇڭگولۇقلار «لىڭشەن تېغى» نى ئوقۇپ چۈشىنەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. بەزىلەر ھەتتا مۇنداق دېيىشتى: ” پۈتۈنلەي سىياسىي باھانە ئۈچۈنلا مۇشۇنداق باھالاشقان.“ مۇشۇنىڭ تەسىرىدە ئەينى چاغدا مەن «گاۋ شىڭجەننىڭ باھانىسى» دېگەن ماقالىنى يازغان ئىدىم. بۇنى سىياسىيغا چېتىۋېلىشمۇ بىر مۇرەككەپ روھىي ھالەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشىدىن ئىبارەت ئىكەن.
شۇغىنىسى مەن بىر مەسىلىنى بارا-بارا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دېگەن غەربلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان بىر خىل چۈشەنچىسى ئىكەن. بۇ ئەنئەنە، تىل، مەدەنىيەت، كۆز قاراش، مۇھىت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر خىل كۈزىتىشتۇر. گەرچە تەرجىمە ۋاستىسى قوللىنىلسىمۇ، مېنىڭ قارىشىمچە بەزى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلتۇر ئەنگىلىيىگە بارغاندا بىر ئۇلۇغ شائىرنىڭ تۇرالغۇسىنى زىيارەت قىلدۇق، ھەمدە ئۇنىڭ بىرمۇنچە ئۇلۇغ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەلۋەتتە ھەممىسى تەرجىمە نۇسخىسى ئىدى. ئوقۇغاندىن كېيىن مەندە قىلچىمۇ ھاياجانلىنىش كۆرۈلمىدى، مۇشۇنداق ئەسەرنىمۇ ئۇلۇغ دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ تىل مۇھىتىدىكى مەسىلىمىدۇ؟ ئەكسىچە ئېيتقاندا، بەزى غەربكلىكلەردە تاڭ نەزمىلىرنى ئوقۇپ ھېچقاندق ھېسسىيات پەيدا بولمىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، تىل مۇھىتى پەقەتلا بىر ئامىلدىن ئىبارەت خالاس. ئەلۋەتتە يەنە باشقا ئامىللارمۇ بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىنى پىششىق چۈشىنەلىشى بىر مۈشكۈل ئىش.
ئەلۋەتتە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىدىمۇ ئاتالمىش جۇڭگوشۇناسلار باركەن، ئەمما بۇ كىشلىەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى، ئانتروپولوگىيىلىك ئادەتلىرى بىلەن بەك چوڭ ياكى بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، دىققەت قىلدىمكى بۇ ئەمەلىيەتتە غەربلىكلەرنىڭ شەرقلىقلەرگە بولغان قارىشىكەن. ئاختۇرۇپ باقسام، يېقىنقى 22 يىلدىن بېرى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياۋروپا-ئامېرىكىلىق يازغۇچىلاركەن، شەرقلىقلەردىن گاۋ شىڭجەندىن باشقا ياپونىيىلىك چوڭ يازغۇچى جاڭجەن سەنلاڭ 1994-يىلى ئېرىشىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرەر-ئىككى ئافرىقىلىق يازغۇچى باركەن. بۇ غەربلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتقا باھا بېرىشتە ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شەرقلىق ياكى ئافرىقىلىق يازغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ باھالىغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا تاللاش ئۆلچىمى يەنىلا غەربلىكلەرنىڭ ھېسسىياتىغا يېقىن ياكى شۇلارنىڭ ھېسسىياتى بويىچە شەرھىلەنگەن ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن گاۋ شىڭجەننىڭ «لىڭشەن تېغى» دېگەن ئەسىرىنى ئالساق ئۇ ئەسلا جۇڭگولۇقلارنىڭ مەدەنىيەت ئادىتى بويىچە يېزىلمىغان بولىشى مۈمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قارىشىم ناھايىتى ئېنىق – بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى بۇ مۇكاپات جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەمەس، جۇڭگو مەدىنىيىتىگىمۇ تەئەللۇق ئەمەس. بۇ مۇكاپات باشقا ھەراقانداق رىقابەت تۈسىدىكى تەنتەربىيە مۇكاپاتىغا ئوخشىمايدۇ. بەلكى بەدئىي گىمناستىكىغا ئوخشايدۇ، يەنى ئۇنىڭغا ئادەم نومۇر قويىدۇ، بىر يۇقىرى نومۇر، بىر تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئوتتۇرىدىكى كىشىلەر بولسا سىزگە غەلىتە نەزەر بىلەن تىكىلىپ تۇرۇشىدۇ. شۇنداق تۇرسا سىز غەلىبە قىلالايتتىڭىزمۇ؟
ئەمما جۇڭگولۇقلار يەنىلا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشىنى كۆرۈۋېرىۋاتىدۇ. يېقىندىن بېرى باشقلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان جۇڭگو يازغۇچىلىرىنى قىياس قىلىشىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلار قىياس قىلغانلاردىن : جاپىڭۋا، مويەن، يۈخۇا، بېي داۋ، يەن ليەنكې، سەن شۆ قاتارلىقلار بار. چۈش كۆرۈش ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى، ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ. ئەمما ئۇيقىدىن ئويغاندىن كېيىن ئادەم سەگەك بولىشى كېرەك، چۈنكى كۈن چىقتى، سېسىق ئوسۇرۇپ يېتىۋەرگىلى بولمايدۇ. ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزغا مېڭىشىمىز كېرەك.
天若有情 ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ۋېنجۇلۇقلار بىلوگى تورىغا يوللانغان، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
مەنبە: http://www.wzrblog.com/user1/max2000/archives/2007/24880.html

2009年5月12日
ئادەم ۋە ھايۋان
ئادەم ۋە ھايۋان
قارا بېلىق
ئادەم: سۈپ-سۈزۈك دېڭىزدا بەدىنىڭدىكى قارا سىياھ نەدىن كەلگەن؟.
قارا بېلىق: ئادەم ئەسلى پاكدىل كېلىدىغان، يامانلىق قەيەردىن كەلگەن؟
تۆمۈر تۇمشۇق
ئادەم: سېنىڭ تۇمشۇقۇڭ قۇرتلارنى قانداق پەرق ئېتىدىغاندۇ؟
تۆمۈر تۇمشۇق: سېنىڭ ئېغىزىڭ ئوي-خىياللىرىڭنى قانداقمۇ يوشۇرۇپ قالىدىغاندۇ؟
ئاق قۇ
ئادەم : ئۆي غېزىنىڭ بوينى سەل ئۇزۇن بوپ كەتكەن بولسا ئاققۇغا ئايالنماسمىدى؟
ئاققۇ: ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش بىلەنلا شۇغۇللانغان بولسا، بۇ دۇنيا جەننەتكە ئايلانماسمىدى؟
تاشپاقا
ئادەم: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى دەپ بەرگىن.
تاشپاقا: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈڭ بولسا مەندەك تاشپاقا بول.
ئۆمۈچۈك
ئادەم: بۇ جانىۋار داۋاملىق بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا ئوۋ كۈتۈپ تۇرغىنى تۇرغان.
ئۆمۈچۈك: ئادەملەرنىڭ كۈلۈشۈپلا يۈرگىنىنى كۆرىمەن، ئەمما ھەقىقىي كۈلگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
مۈشۈك ياپىلاق
ئادەم: مۈشۈك ياپىلاق نېمىشقا بىر كۆزىدىلا قارايدىغاندۇ؟
مۈشۈك ياپىلاق: بىر كۆزىدە ئوچۇق كۆرگەندىكىن، ئىككى كۆزدە قاراشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
بېلىق
ئادەم بېلىقنى يېسە تەمىنى تېتىغان بولىدۇ.
بېلىق ئادەم يېسە قازاغا يولۇقتى دېيىلىدۇ.
چاشقان
ئادەم: ئوغۇرلۇق قىلماي ياشىيالمامسەن؟
چاشقان ئادەمنى كۆرگەندە: سەن يالغان سۆزلىمەي ياشىيالمامسەن؟
توخۇ
ئادەم: بۈگۈن تۇخۇم تۇغدۇڭمۇيە؟
توخۇ: ساڭا زادى قانچىلىك تۇخۇم كېرەك؟
شاتۇت
شاتۇتنىڭ ئادەمنى دورىشى ئۇنىڭ ئەقىلىقلىقىدىن.
ئادەمنىڭ شاتۇتنى دورىشى كۆڭۈل ئېچىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن.
بۆرە
بۆرىنىڭ ئادەمنى قوغلىشى ئاچلىقتىن.
ئادەمنىڭ بۆرىنى قوغلىشى قىساس ئېلىش ئۈچۈن.
قاپلان
ئادەم: قاپلان دېگەن بەك پىخسىق نېمىكەن، ھەر قېتىم غىزالانغاندا پەقەتمۇ پۇل بەرنەيدۇ(بۇ يەردە قاپالان تېرىسىدىكى تەڭگە گۈللەر پۇلغا ئوخشىتىلغان-ت).
قاپلان: ئادەملەر باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ، ئۆزىنىڭكىنى كۆرمەيدۇ، كاتتا رېستۇرانلاردا قايسى بىرى ئۆزىنىڭ پۇلىغا تاماقلىنىدۇ؟
سازاڭ قۇرتى
ئادەم: سېنىڭ يا سۆڭىكىڭ، يا پېيىڭ يوق تۇرۇپمۇ لاي-لاتقىلارنى يېيەلەيسەن، چۇڭقۇر ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسىەن، ئەڭ مۇھىمى تا ئەبەدكىچە داۋاملاشتۇرالايسەن.
سازاڭ: ئادەملەرنىڭ سۆڭىكى تۇرۇپمۇ ئادەمگە ئېگىلىدۇ؟ تىزلىنىدۇ؟ دېمەك سۆڭەك ئادەمنى جاسارەتلىك قىلالمايدۇ، گپ ۋىجدانلىق بولۇشتا.
پەرۋانە
ئادەم: غايىسى بولۇش ياخشى ئىش، ئەمما لايىقىدا بولغىنى ياخشى، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتسە ساڭا ئوخشاش ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ.
پەرۋانە: مۇھەببەتنى خالىغانچە تاشلىغى بولاتتىمۇ؟
خامىليون
ئادەم: خامىليوننىڭ زادى قانچە خىل رېڭى باردۇ؟
خامىليون: ئادملەرنى سۆزىنىڭ قايسىسى راستۇ؟
قۇلۇلە
ئادەم: بىچارە، ئۆمۈر بويى ماڭسىمۇ كىچىككىنە يول يۈرەلەيدۇ.
قۇلۇلە: بىچارىلەر، ئۆمۈر بويى تالالش ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەت بىلەن ئارزۇسى ھامان پەرقلىق بولغاچقا تولا ئەپسۇسلىنىدۇ.
زىراپە
ئادەم: بوينۇڭنىڭ ئۇزۇنلىقى سېنىڭ ئاچكۆزلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ.
زىراپە: قۇرسىقىڭنىڭ يوغانلىقى چىرىكلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.
يولۋاس
ئادەم: شۇنچە نۇرغۇن ھايۋانلارنى يېۋالسىمۇ يەنە ئورمان شاھى بولىدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟
يولۋاس: نۇرغۇنلىغان خەلقنى قىرغىن قىلسىمۇ دۆلەتكە پادىشاھ بولالايدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟
تاغىل ئات
ئادەم: گۈزەل بولغاچقىلا رەڭدار كىيىمنى كىيىۋالغانمىدۇ؟
تاغىل ئات: ئادەملەر بەتبەشىرە بولغاچقىلا ئېسىل كىيىملەرنى كىيىۋالامدىغاندۇ؟
ئادەم پاشىلارنى چاۋاك(ھاپاق) بىلەن قارشى ئالىدۇ.
ئانا پاشا بالا پاشىلارغا: ئادەملەر ئۇچۇش تېخنىكاڭلارنى ماختاپ تەبرىكلىگەندە ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەڭلار.
پاقا
ئادەم: ھەر كۈنى كاركىراپلا تۇرىسەن، راستىنلا ئاچ قېلىۋاتامسەن؟
پاقا: ھەر كۈنى ئالدىراپلا يۈرىسەن، راستىنلا پۇلۇڭ يوقمۇ؟
چىۋىن
ئادەم: دۇنيادا سەندىنمۇ يىرگىنىشلىك نەرسە بارمىدۇ؟
چىۋىن: ئۇنىڭ كۈلۈپلا تۇرغىنىغا قارىما، دىققەتسىزلىكڭدىن پايدىلىنىپلا پالاق بىلەن سالىدۇ.
سەكسەن پۇت
ئادەم: بىزنىڭمۇ سەكسەنپۇتتەك كۆپ پۇتىمىز بولغان بولسا ئاياغ زاۋۇتلىرى تاماكا زاۋۇتلىرىدىن كۆپرەك پايدا ئالغان بولاتتى.
ئادەملەرنىڭ بىر پۇتى زەخمىلەنسىلا ماڭالمايدىكەن، قارىغاندا پۇتى كۆپ بولغاننىڭ پايدىسى بار ئوخشايدۇ.
ئىت
ئىتنىڭ ئادەمنىڭ ئالدىدا ماڭغىنى خەتەرنى سەزگنلىكىدىن.
ئادەمنىڭ ئىتنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى ئۆزىنىڭ ئىتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ئۈچۈن.
شىر
ئادەملەر شىرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى قەپەزگە سولىۋالىدۇ.
ئەگەر شىر ئادەمنى باشقۇرىدىغان بولسا ئادەملەر ئۆزلىرى قەپەزگە كىرىۋالغان بولاتتى.
پىل
ئادەم: پىل دېگەن بۇ جانىۋار يوغان دەرەخنى يۇلۇپ ئالالىغان بىلەن، يەردىكى يىڭنىنى تېرىپ ئالالمايدۇ.
پىل: ئادەم يىڭنىنى تېرىپ ئالاليدۇ، ئەمما دەرگىنى يۇلۇپ ئالالامدۇ؟ بۇ دېگەن دىئالېكتىكا.
كالا
ئادەم كالىنى يېتىلەپ ماڭغاندا، كالا ئالدىغا توختىماستىن كېتىۋېرىدۇ.
كالا ئادەمنى سۆرىگەندە بولسا، ئادەم قامچىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

订阅:
博文 (Atom)