2009年5月13日

كەپتەرلەرنىڭ سۇيقەستى

كەپتەرلەرنىڭ سۇيقەستى(ياپونىيە)شىڭشىنيىھاياۋانات باغچىسىدا بىر پىل بولۇپ، قاچاندىن بېرىكى ئۇنىڭ يېنىغا بىر توپ كەپتەر ئۇۋىلىغان ئىدى. بۇ سەۋەبسىز بولغان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. چۈنكى ساياھەتچىلەر پىلغا تاشلاپ بەرگەن يېمەكلىك پىلدىن ئېشىپلا قالسا كەپتەرلەر تەييار يېمەكلىك ئېرىشەتتى. كەپتەرلەر پىلغا تايىنىپ مۇشۇنداق ئەركىن، ئازادە ھەمدە مەنىسىز ھالدا كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشمەكتە ئىدى. ئەمما بىكارچىلىقتا ئادەتتىكى پاراڭلىرى تۈگەپ، قىغىنمۇنازىرىلەرگە چۈشۈشتى.— پىل دېگەن بۇ ئەبلەخنى ھەقىقەتەن يامان كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن.— توغرا دەيسەن، بۇ پالاكەت بەدبەخ بەك ھاكاۋۇر، بىزنى پەقەت كۆز ئىلمايدۇ.كەپتەرلەر قۇرساق كۆپۈكلىرىنى تۆكۈشتى، بۇ قۇرساق كۆپىكىمۇ دەل پىلدىن ئاشقان يېمەكلىكلەرگە تاينىپ تەييارتاپلىق قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكەن خورلۇقتىن كەلگەن بولسىمۇ، بۇنى ھېچقايسىسى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايتتى، ئېغىزىدىنمۇ چىقىرىشمايتتى. ئۇلار پەقەت پىلنىڭ بىر نەچچە ئېغىز يامان گېپىنى قىلشتىن باشقا ياخشىراق ئاماللىرىمۇ يوق ئىدى.— ھەممىمىز بىر يوللىلا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ چوقىلايمىزمۇيە؟ بىر نىيەتتە ئىتتىپاق بولۇپ تۇيۇقسىزلا ھۇجم قىلساق چوقۇم ئۇنى يېڭىمىز.— بۇنداق قاراملىق قىلساق بولمايدۇ، چوقۇم بۇنىڭدىنمۇ.كەپتەرلەر پىلان تۈزۈشكە كىرىشتى، دۇنيادا سۇيقەست پىلانلاشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بولمىسا كېرەك. كەپتەرلەر ئۇدا بىرنەچچە كۈن پىلان تۈزۈش بىلەن بولۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەپچىل چارە تېپىپ چىقىشتى. ئۇاردىن بىرسى ۋەكىل بولۇپ پىلنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن:— پىل ئالىيلىرى، پەقت ئۆزلىرىلا ھايۋاناتلارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مۇناسىپ.— شۇنداقمۇ، رەھمەت!— شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزلىرى ئىنسانلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشىسىلا قانداق بولىدۇ، نومۇس ھېس قىلمامدىلا؟— بۇنى مەن ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، قارىغاند اسېنىڭ سۆزلىرىڭ ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ.— ئەمدى ئۇيقۇلىرىنى ئېچىپ ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان پەيت كەلدى. ئۆزلىرى شۇنچە قەددى-قامەتلىك، كۈچتۈنگۈر، شۇنچە يوغان بېشىڭىز ھەمدە ئۇزۇن خارتۇمىڭز بولغاندىكەن چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسىز، ئىنسانلارغا ئۆزىڭىزنى بىر تېتىتىپ قويشىڭىز كېرەك.كەپتەر ئىتائەتمەن پىلنى جىدەل چىقىرىشقا كۈشكۈرتۈپ، پىلنىڭ ئادەمەلر تەرىپىدىن قانداق بويسۇندۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچماقچى ئىدى. شۇنداق بولغاندا ئەڭ زور نومۇسقا قالدىغىنى ئۆزلىرى بولماستىن بەلكى پىل بولاتتى.ئەمما پىل ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەك ياۋاش ئىدى. پىل كەپتەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، كاللىسى سەگەكلەشتى، پۈتۈن بەدىنى قۇۋۋەتكە تولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىشاتكىلارنى سۇندۇردى، كوچىغا چىقىپ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىلەرنى تۈرتۈپ بۇزۇپ يۈردى، ئاخىرى بىر نەچچە پاي ئوق يەپ يەر چىشلىدى.شۇنىڭ بىلەن كەپتەرلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خورلۇقى ئاخىرلاشتى، بۇ تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ئىش بولدى. ئەمما ھاياتلىق رىقابىتى تېخىمۇ كەسكىن تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ ياشىمىقى تېخىمۇ مۈشكۈل بولدى، نەچچە كۈنگە بارمايلا ئۇلار ئاچلىقتىن بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ تۈگەشتى.
«كىچىك ھېكايىلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 5-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

قىزىل رەڭلىك فورد(ھېكايە)

ﻗﯩﺰﯨﻞ رەﯕﻠﯩﻚ ﻓﻮرد(ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ) [ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ]ﺋﯧﺪﯨﺖ ﺷﯩﻤﯩﺲ
ﺗﻮﻟﯘق ﻗﻮراﻟﻼﻧﻐﺎن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎرا ﻧﯩﻴﻪت ﺑﺎﻧﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺳﺴﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮرﻗﯘﺗﯘپ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﺪى. ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺧﯧﺮﯨﺪارﻻرﻧﯩﻤﯘ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﯩﭗﻗﻮﻳﺪى.ﺑﯘ ﻗﺎراﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺎﺗﻴﯩﻦ ﭼﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯚز ﻳﯘﻣﯘپ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼپ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﻗﯩﺰﯨﻞ رەﯕﻠﯩﻚ ﻓﻮرد ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻐﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ.ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﻳﯜﮔﯜرۈﺷﯜپ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ، ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن ﻓﻮرد ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜردى.ﺋﻮن ﺑﻪش ﻣﯩﻨﯘت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﻧﻪخ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ، ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﺮاﻧﺖﻣﯧﻠﻤﯘ ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﻧﻪخ ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼر ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻓﻮرد ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪردى، ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎن ﭘﯜﺗﯜن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘش ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻰ ﺗﺎرﻗﺎﺗﺘﻰ.دﯦﻠﻮ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪە 250ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﭼﺎرﻻش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺳﺎﻗﭽﯩﻤﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﺪﯨﻦﺧﻪۋەر ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى.ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارى ﻛﻠﯧﻨﻜﯥ ﻳﯧﺸﯩﻞ رەﯕﻠﯩﻚ ۋوﻟﻜﺴﯟاﮔﯧﻦ ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪەپ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﭼﺎرﻟﯩﻐﺎچ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﺮﯨﻴﻰ ﻟﯘﻧﯧﺮدﯨﻦ ﺳﻮرﯨﺪى:_ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﮬﻪرﭘﺘﯩﻦ ﺗﯜزۈﻟﮕﻪن ...... ABC دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﻧﻮﻣﯘر ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟دەل ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘ ﺗﯘﺗﻘﯘن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻓﻮرد ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻟﺪﯨﺪە، ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەك ﻗﻮﻏﻼپ ﻳﺎﻧﺪاپ ﺋﯚﺗﺘﻰ:_ دەل ﺋﺎﺷﯘ ﺷﯘ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﯩﭙﯩﻤﯘ، رەﯕﮕﯩﻤﯘ، ﻧﻮﻣﯘرﯨﻤﯘ دەل ﺋﺎﺷﯘ! _ 45 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ 250ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻤﯩﺪۇ؟_ ﮬﻪﻳﺮاﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻮرﯨﺪى ﻟﯘﻧﯧﺮ.ﺋﯘﻻر ﻓﻮرد ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺗﻮﺳﺘﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﺪا ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎدەم ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﺷﻮﭘﯘر ﺗﺎﻗﻪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن:_ ﺑﺎﺷﻘﻼر ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺳﯩﺴﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ، _ دﯦﺪى._ ﭘﯩﺮاۋﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮل ﻳﯜرۈش ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯔ، _ دﯦﺪى ﻛﻠﯧﻨﻜﯥ ﺑﯘﻳﺮۇق ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘزﯨﺪا._ ﻣﺎﻧﺎ، _ ﺷﻮﭘﯘر ﺷﯘﻧﺪاق دەپ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ دﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎردى._ ﺋﺎﻟﻔﺮﯦﺪ ﺳﯧﺪﺗﺎر...ﺑﯘ ﻓﻮرد ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ؟_ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ،_ دﯦﺪى ﺳﯧﺪﺗﺎر ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن._ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ دﯦﻠﻮﻧﯩﯔ ﮔﻤﺎﻧﺪارى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰﺗﯘﺗﻘﯘن ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ._ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﻠﻮ؟ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ؟ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺑﯘﻻﺷﻤﯘﻳﻪ؟_ ﺗﻮﻏﺮا ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰ دەل ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺑﯘﻻش دﯦﻠﻮﺳﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪارى.ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﺮاﻧﺖ ﻣﯧﻞ ﺳﯧﺪﺗﺎرﻧﻰ ﺳﻮراق ﻗﯩﻠﺪى._ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺳﯩﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺑﯘﻻش دﯦﻠﻮﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن دەپ ﮔﯘﻣﺎن ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ._ ﻣﻪن ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ._ راﺳﺖ، ﮬﺎزﯨﺮﭼﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﯘدەك ﭘﺎﻛﯩﺖ ﻳﻮق._ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﺎﻧﻜﺎ؟_ ﮬﯧﻨﯩﺴﺒﺎخ ﺑﺎزﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ رﯦﻴﺪﯦﻞ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ._ ﮬﯧﻨﯩﺴﺒﺎخ؟ ﺑﯘ ﺑﺎزار ﻗﻪﻳﻪردە؟_ ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن 250ﭼﻪﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ._ ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻣﻪن ﻗﺎﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻤﻪن؟_ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﺪە._ ﮬﻪ، ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن؟ _ ﺳﯧﺪﺗﺎر ﻏﻪزەپ ﺑﯩﻠﻪن ۋارﻗﯩﺮﯨﺪى _ دﯦﻠﻮ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﭗ 45 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﯘﯕﻼر، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪن ﺋﯘﭼﺎﻏﺪا دﯦﻠﻮ ﺳﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ 250ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺪﯨﻢ!_ دەل ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺰ ﺗﺎزا ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﻘﺎن ﻧﯘﻗﺘﺎ، ﺋﻪﻣﻤﺎ دﯦﻠﻮ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼر ﭼﯩﻘﯩﭗﻗﺎﭼﻘﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻞ رەﯕﻠﯩﻚ ﻓﻮرد، ﻧﻮﻣﯘر ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﯧﻨﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش._ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدﯨﻤﯘ ﻣﻪن ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻳﺎردەم ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﯘدەﻛﻤﻪن، ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰﻗﻮﻳﯘۋﯦﺘﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك._ ﻣﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻤﺎﻳﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺮاﻧﺖ ﻣﯧﻞ ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﺪﺗﺎرﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘۋەﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ دﯦﻠﻮﺳﯩﺪا ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼر رﯦﻴﺪﯦﻞ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 75ﻣﯩﯔﻣﺎرك ﺑﯘﻻپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯩﺪى. ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﺎرﯨﺸﺎ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺧﺎدﯨﻤﻰ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼرﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن ﭘﯘﻟﻼرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﭘﯘل ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ۋە ﺳﺎﻗﭽﯩﻼرﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺑﯘﻻﻧﻐﺎن ﭘﯘﻟﻼرﻧﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﺑﻮﻟﺪى.ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼرﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘش ﺋﺎﺳﺎن ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى، ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﺮاﻧﺖ ﻣﯧﻞﺋﻮﺑﺪان ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼر ﮬﻪﻳﺪەپ ﻗﺎﭼﻘﺎن ﻗﯩﺰﯨﻞ رەﯕﻠﯩﻚ ﻓﻮرد ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﻮﻳﺎ ﻳﻪر ﻳﯘﺗﻘﺎﻧﺪەﻛﻼ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ راﻳﻮﻧﺪا ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﯘ دﯦﻠﻮ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪى. ﻳﺎق، ﭼﻮﻗﯘم ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ! ﺑﺮاﻧﺖ ﻣﯧﻞ ﻗﺎﻳﺘﺎ_ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯜزەﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰﺑﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﺪﺗﺎرﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮى روﺷﻪن ﭘﻪرﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى.ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜز ﺑﻪردى، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎدەم ﻗﯩﺰﯨﻞ رەﯕﻠﯩﻚ ﻓﻮردﻧﻰ ﮬﻪﻳﺪەپ ﻗﺎﭼﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯩﺮ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻧﻪزەرى ﺳﯧﺪﺗﺎرﻏﺎ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﺘﻰ.ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ دﯦﻠﻮﺳﻰ ﻳﯜز ﺑﻪردى، دﯦﻠﻮ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﭘﻤﯘ_ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﻧﯚۋەت ﺳﯧﺪﺗﺎر ﻳﻮل دوﻗﻤﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻼ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻗﺎﺗﻨﺎش ﺗﻪرﺗﯩﯟﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚردى.ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎن ﺳﯧﺪﺗﺎرﻏﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪى، ﮬﻪﻣﺪە:_ ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﻣﯩﺪﯕﯩﺰﻣﺎ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﺎﻳﺴﯩﺰ؟_ ﺋﺎھ ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ! ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎرﻣﯩﺪى، ﻛﯚرﻣﻪﭘﺘﯩﻤﻪن، ﻛﻪﭼﯜرۈڭ، ﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻼي._ ﻛﻪﭼﯜرۈم ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺶ ﭘﯜﺗﻤﻪﻳﺪۇ، 10ﻣﺎرك ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ تاپشۇرىشىڭىز ﻛﯧﺮەك._ ﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘم دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن، _ ﺳﯧﺪﺗﺎر ﺷﯘﻧﺪاق دﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﯩﻨﻰﺗﺎﭘﺸﯘردﯨﺪە، ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪى.ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﺪﺗﺎر ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼر رازۋﯦﺪﻛﺎ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى. ﺳﯧﺪﺗﺎر ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪۈدى، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﺮاﻧﺖ ﻣﯧﻞ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ:_ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮬﯧﻨﯩﺴﺒﺎخ، ﭘﺎرﻣﯩﺴﺘﺎد، روﺳﻼۋ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯜچ ﺟﺎﻳﺪا ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘق دەﻟﯩﻞ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯘق._ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯚﻳﻠﯜۋاﺗﯩﺴﯩﺰ، _ دﯦﺪى ﺳﯧﺪﺗﺎر ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ، _ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻳﻪرﻟﻪردە ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻢﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ._ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻳﯩﺮاق ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪن ﺋﯘ ﻳﻪردە ﺋﻪﻣﻪس دﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯘ؟ ﺑﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪن ﺷﯘ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼرﻧﯩﯔﺑﯩﺮﯨﺴﻪن، ﭘﻪﻗﻪت ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ دﯦﻠﻮدا ﺋﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﭽﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﭗﺑﻪردﯨﯔ._ ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻢ ﺋﻪﻣﻪس._ ﺳﻪن ﻗﻪﺳﺘﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ، _ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ﺑﺮاﻧﺖ، _ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ دﯦﻠﻮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗﺋﯧﻴﺘﺎﻳﻠﻰ ﺳﻪن ﻗﻪﺳﺘﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﯔ._ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻛﻪﭼﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪن._ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪۇ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﺗﯘرﺳﺎ ﺳﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻪﺳﺘﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺪﯨﯔ. ﺳﯧﻨﯩﯔﭘﯩﻼﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﺎﻳﻼ دەپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﯔ ﻳﻮﻗﻜﻪن، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪۇق، ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ دﯦﻠﻮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪۇق._ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘﻻﯕﭽﻰ دەپ ﺋﻮﻳﻼپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺴﯩﺰ..._ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻗﺎﻟﺘﯩﺴﻜﻪن، ﺳﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﻟﺪﯨﯔ، ﺋﯩﺶ ﭘﯜﺗﯜﺷﻰﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺳﻪن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻓﻮرد ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪەپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼرﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰﺗﺎرﺗﺘﯩﯔ، ﺳﻪن ﻣﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇدە._ ﺑﯘ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﭗ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ، ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘۋﯦﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك، _ ﺳﯧﺪﺗﺎرﻧﯩﯔﭼﯩﺮاﻳﻰ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى._ ﭘﯩﻼﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪن ﻛﯚرﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨﻼپ ﻗﻮﻳﺪى، ﺳﻪن ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘرﻏﺎن10ﻣﺎرك ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ، ﺷﯘ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ ﭘﯘل ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘ ﭘﯘل دەل ﮬﯧﺴﺴﯩﺒﺎخ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻻﻧﻐﺎن ﭘﯘل ﺋﯩﻜﻪن.ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺳﯧﺪﺗﺎرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻰ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎن ﭘﺎﻟﻪچ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﺪە:_ ﺑﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺋﯚﻣﺮۈﻣﺪە ﺋﻪڭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻪدەل ﺗﯚﻟﻪﺗﺘﻰ،_ دەپ ﻏﻮدۇرﯨﺪى.<تەرﺟﯩﻤﯩﻠﻪر.ﺗﻪرﻣﯩﻠﯩﺮى> ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2007_ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4_ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎرﻏﯘ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ

يىللاردىكى مېتېئورولوگىيە كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى

يىللاردىكى مېتېئورولوگىيە كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى
1961-يىلى مېتېرېئولوگىيىنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە بولغان تەسىرى
1962-يىلى مېتېئورولوگىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىشى
1963-يىلى تىرانسپورت ۋە مېتېرېئولوگىيە
1964-يىلى مېتېئورولوگىيە – ئىقتىسادىي تەرققىياتنىڭ بىر ئامىلى
1965-يىلى خەلقئارا مېتېرېئولوگىيە ھەمكارلىقى
1966-يىلى دۇنيا ھاۋارايىنى كۈزىتىش تورى
1967-يىلى ھاۋارايى ۋە سۇ
1968-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە يېزا ئىگىلىكى
1969-يىلى مېتېئورولوگىيىلىك مۇلازىمەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى
1970-يىلى مېتېئورولوگىيە تەربىيىسى ۋە مەشقى
1971-يىلى مېتئورولوگىيە ۋە ئىنسانىيەت مۇھىتى
1972-يىلى مېتئورولوگىيە ۋە ئىنسانىيەت مۇھىتى
1973-يىلى خەلقئارا مېتېئورولوگىيە ھەمكارلىقىنىڭ 100يىلى
1974-يىلى مېتئورولوگىيە ۋە ساياھەت
1975-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە تېلېگراف
1976-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش
1977-يىلى ھاۋارايى ۋە سۇ
1978-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە مۇندىن كېيىنكى تەتقىقات
1979-يىلى مېتېورولوگىيە ۋە بايلىق
1980-يىلى ئىنسانىيەت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى
1981-يىلى دۇنيا ھاۋارايىنى كۈزىتىش تورى - بىر خىل تەرەققىيات ۋاستىسى
1982-يىلى ئالەم بوشلۇقىدىن ھاۋارايىنى كۈزىتىش
1983-يىلى مېتېئورولوگىيە كۈزىتىش خادىملىرى
1984-يىلى مېتېئورولوگىيە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1985-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە جامائەت بىخەتەرلىكى
1986-يىلى كىلىمات ئۆزگىرىشى، قۇرغاقلىشىش ۋە قۇملىشىش
1987-يىلى مېتېئورولوگىيە - خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسى
1988-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە ئاخبارات ۋاستىسى
1989-يىلى مېتېئورولوگىيە ئاۋىئاتسىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1990-يىلى مېتېرېئولوگىيە ۋە گېدرولوگىيە تارماقلىرى تەبىئىي ئاپەتنى كېمەيتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1991-يىلى يەرشارى ئاتموسفېراسى
1992-يىلى ھاۋارايى ۋە كىلىمات مۇقىم تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1993-يىلى مېتېئورولوگىيە ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈش
1994-يىلى ھاۋاريى ۋە كىلماتنى كۈزىتىش
1995-يىلى ئاممىۋى ھاۋارايى مۇلازىمىتى
1996-يىلى مېتېئورولوگىيە تەنتەربىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ
1997-يىلى ھاۋارايى ۋە شەھەرلەردىكى سۇ مەسىلىسى
1998-يىلى ھاۋارايى، دېڭىز ۋە ئىنسانلار پائالىيىتى
1999-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە ساغلاملىق
2000-يىلى دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتنىڭ 50يىللىق مۇلازىمىتى
2001-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە سۇچىلىقنىڭ پىدائىلىرى
2002-يىلى ھاۋارايى ۋە كىلىماتنىڭ ئېكسترېموم ھادىسىلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى كېمەيتىش
2003-يىلى كەلگۈسىمىزدىكى كىلىمات
2004-يىلى ئۇچۇر دەۋرىدىكى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە سۇ
2005-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات، سۇ ۋە سىجىل تەرەققىيات
2006-يىلى تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كېمەيتىش
2007-يىلى قۇتۇپ مېتېئورولوگىيىسىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا بولغان تەسىرىنى تونۇش
2008-يىلى يەر شارىنى ياخشى كۈزىتىپ، گزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى
2009-يىلى ھاۋارايى، كىلىمات ۋە بىز نەپەسلىنىدىغان ھاۋا

يازغۇچى ۋە تەنقىتچى

يازغۇچى ۋە تەنقىتچى
يەن ليەنكې
يازغۇچىلار تەنقىچى توغرىىسدا مۇھاكىمە قىلسا ئاغىزدىلا تۈگىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەنقىتچى يوق سورۇنلاردىلا بۇ توغرىدا سۆزلەيدۇ. تەنقىتچى يازغۇچى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلسا كۆپىنچە ئاغزىدىلا سۆزلەپ قالماستىن بەلكى يەنە قەلىمى ئارقىلىق، مەتبۇئات ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.
ماياك بولالايدىغان كىشىلا مۇنەۋۋەر تەنقىتچى بولالايدۇ، ئۇلار يازغۇچىلارغا ئىجادىيەت ئېلىپ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك سۇيىقەستچى بولۇپ، ھەر زامان تەنقىتچىگە قىلتاق قۇرغۇچىدۇر.
يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ، تەنقىتچى يازغۇچىنى قالتىس ئادەم دېگەندەك قىلىپ يازغۇچىغا يول قويغان ئاساستا يازمىسىنىڭ ئاخىرىغا ”ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ“ دېگەن سۆزنى قىستۇرۇپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە تەنقىتچى ئاستىرتتىن يازغۇچىنى مازاق قىلىدۇ؛ تەنقىتچىمۇ ماختاشنى خالايدۇ، يازغۇچى تەنقىتچىنى ئاجىز كۆرگەندەك ، گويا ئۇ يازغۇچىغا يېلىنىۋاتقاندەك ”ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ“ دېگەن سۆزنى كەمدىن كەم قىلدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا تەنقىتچى يازغۇچىنى نېمە دېيىشىگە قىلچە پىسەنت قىلمايدۇ.
مەنمۇ باشقىلارنىڭ ماختىشىنى خالايمەن، ئەمما مېنى تەنقىت قىلغان تەنقىتچىلەرگە ھۆرمەت قىلىمەن. مەن تەنقىتچىلەرنىڭ باشقىلارنى تەنقىت قىلغاندا دەل جايىغا تەككۈزىشىنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما مېنى تەنقىت قىلغاندا گەپنى سىلىقراق قىلىشنى خالايمەن.
مەن تەنقىتچىلەرنىڭ ئوبزورىنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمدە قاندقاق مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ كۆرۈلىدىغنالىقىنى ئالدىن بىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ھەر قېتىم ئۇلار كۆرسەتكەن مۇمكىنچىلىك بويىچە ئىجادىيەت قىلىمەن، خددى ھەر قېتىم شۇنچە تىرىشساممۇ يەنىلا خاتا يولغا كىرىپ قالىمەن، ئۆزۈمنى شۇنچە مادارسىز، ئىقتىدارسىز سېزىمەن.
نام چىقارماقچى بولغان يازغۇچىلار ئەڭ ئەسكى تەنقىتچىلەرنى ئكزىلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئوبزور يازغۇزىدۇ، چۈنكى بۇنداق تەنقىتچىلەر قارىنى ئاق قىلىۋېتەلەيدۇ. نام چىقارماقچى بولغان تەنقىتچىلەر داڭدار يازغۇچىلارنى تاپىدۇدە، ئۇلارنىڭ ئەسىرىگە ئوبزور يېزىپ ئاقنى قارا قىلىۋېتەلىسىلا داڭ چىقارغىنى شۇ.
20يىلنىڭ ئالدىدا قەدىمىي ئاستانە كەيفېڭدىن لۇڭتىڭغا بارىدىغان كوچىدا 70نەچچە ياشلىق بىر بوۋاينىڭ كوچىدىلا ئايالىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقانىدىم، بىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ھەممەيلەن بوۋايغا شۇنچە يىل بىرگە ئۆي تۇتۇپ مۇشۇ ياشقا كەلگەنىكەنسىلەر بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ياردەمدە بولمامسىلەر، دېيىشىپ ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولدۇق. بوۋاينى بىر چەتكە تارتىۋەتكىنىمىزدە بولسا ئۇنىڭ ئايالى ئورنىدىن تۇرۇپ: نېمە ئېرىمنى تارتىپ يۈرىسىز، بىز ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق دەتالاشتا سوقۇشۇپ ئۆتتۇق، مېنى ئۇرسا ئۇنىڭ ئىچى پۇشقى چىقىدۇ، مېنىڭمۇ ھاردىقىم چىقىدۇ، ئانچە-مۇنچە سۈركىلىش بولمىغان تۇرمۇشنى تۇرمۇش دېگىلى بولاتتىمۇ؟ دېېۋىدى، قاتتىق ئوسال ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، نېمە بۇ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقان بولغىيتتىم، دەپ قالغانىدىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام يازغۇچى بىلەن تەنقىتچى ئاشۇنداق ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشقۇچىلاركەنمىز. ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشمىساق، كۆڭۈل بۆلمىسەك بىزدەك يازغۇچىلارنىڭ، تەنقىتچىلەرنىڭ نېمە ئىشى دەيسىز. ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشقاندىن كېيىن بەلكىم سىز خان بولۇپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئارتۇق ئىشلارغا كۆڭۈل بولىۋەرسە بەلكىم يېزىقچىلىق پىرى بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.

جۇڭگو سەنئەت تەنقىت تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى

سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى
سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى ئەپەندى 1942-يىلى كورېيىنىڭ جەنۇبىي چىنشاڭ ۋىلايىتىنىڭ يىنىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان،1965-يىلى ياپونىيىنىڭ زاۋداۋتيەن ئۇنىۋېرىستېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1966-يىلى ئامېرىكا گېئورگى ۋاشىڭتون ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ دەرسلىرىنى تاماملىغان، 2000-يىلى سېئۇل ئۇنىۋېرىستېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمىي پەخىرىي دوكتۇرى بولغان.
لى كۇنشى ئەپەندى 1966-يىلى سامسۇڭ گۇرۇھىغا خىزمەتكە قاتناشقان، ئۇ چاغدىكى ۋەزىپىسى مەركىزىي گېزىتى(سامسۇڭ شىركىتى قارمىقىدىكى كارخانا) نىڭ كېڭەش ئەزاسى ئىدى. شۇندىن كېيىنكى 30 نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ سامسۇڭ شىركىتى مەھسۇلات ۋە بايلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇھى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1987-يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. لى كۇنشى ئەپەندى سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ تاشقى پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ كەلمەكتە، ئۇ يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، كورېيە مېيىپلارر تەنھەركەت جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
لى كۇنشى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تالانتلىق رەھبەرلىك ماھارىتىگە تاينىپ سامسۇڭ گرۇھىنى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندۇردى. 1988-يىلى ئۇ سامسۇڭ گۇرۇھىغا باش مۇدىر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە سامسۇڭ شىركىتىنى كورېيىدىكى بىرىنچى چوڭ كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. لى كۇنشى ئەپەندى كىشىنى پەخىرلەندۈرگىدەك مۇۋەپپىقىيەت ئالدىدا قانائەتلىنىپ بىر ئىزىدا توختاپ قالمىدى. سامسۇڭ شىركىتىنى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 1993-يىلى لى كۇنشى ئەپەندى كېيىنچە دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى تارتقان «يېڭى تىجارەت» ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇ ئەسىر ئاخىرىدكى كارخانا كىرزىسىنى توغرا مۆلچەرلىدى ھەمدە « خوتۇن بالىلاردىن باشقسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ شىركەت خىزمەتچىلىرىنى ئۆزگىرىش، تەرەققىيات، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە سەپەرۋەر قىلدى، ساننى مەركەز قىلشىتەك تىجارەت ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، سۈپەتنى مەركەز قىلىشتەك تىجارەت ئىدىيىگە كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن سامسۇڭ شىركىتى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانا رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى «يېڭى تىجارەت» ھەرىكىتى پۈتكۈل كورېيىدىكى كارخانا ساھەسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان ئىدى، بۇ قېتىمقى تىجارەتتە يېڭىلىققا كۆچۈش پائالىيىتى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنياۋى ئىلغار كارخانا يۆنۈلىشىگە تەرەققىي قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى دەل «يېڭى تىجارەت ھەرىكىتى» نىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. سامسۇڭ شىركىتى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈزۈلمە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، «تاللاش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت كەسپىي تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويدى، كەلگۈسى تىپىدىكى كارخانا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا پائال مەبلەغ سالدى، ھازىرقى سامسۇڭ شىركىتى ئېلېكترون، پۇل مۇئامىلە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، سودا ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە ھەر قايسى كەسپىي ساھەلەرنىڭ سەۋىيىسى تەرتىپكە سېلىنغان ئىسمى جىسمىغا مۇناسىپ دۇنياۋى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندى.
لى كۇنشى مۇدىر كارخانىنىڭ جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەڭ تەرققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى ھەمدە بۇ خىل ئىدىيىنى تىجارەت ئىدىيىسىگە سىڭدۈردى. سامسۇڭ شىركىتى جەمئىيەتتىكى ئاجىزلار توپىنى قۇتقۇزۇشتەك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى.
كارخانا تىجارەت، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە زور مۇۋەپپىقىيەت ۋە تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، مۇدىر لى كۇنشى ئەپەندى كورېيە پۇقرالار ئوردىنىنىڭ چەكسىز گۈل مۇكاپاتى، خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك مۇكاپاتى، كورېيە تەنتەربىيە ئوردىنىنىڭ كۆك ئەجدىھا، قارام يولۋاس مۇكاپاتى قاتار كۆپ خىل مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى.

جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشى

جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشى
تيەن رويۇچىڭ
10-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچقۇرۇن 2007-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى. ئەنگىلىيىلىك ئايال يازغۇچى دورىس لېسسىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ 10مىليون شۋېتسىيە كورۇناسى(تەخمىنەن بىر مىليون 540مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ روھىي ھالىتى مۇرەككەپ بولدى.
جۇڭگولۇقلار نوبىل مۇكاپاتىنى جۇڭگولۇق ياڭ جېننىڭ، لى جىڭداۋلار نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن چۈشىنىشكە باشلىدى. ئەقىللىق جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇقلار ئەقىللىق، دېيىشتى باشقىلار، بىزمۇ شۇنداق دېيىشتۇق. جۇڭگولۇقلار نانقېپى ئەمەس، ھەممە نەرسىدە بىرىنچىلىكنى تالىشىدۇ، بۇ تەرىپى ياخشى. شۇغىنىسى مۇشۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن خوشى كېلىشمەيدىغانداك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلار نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەك چوڭ بىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ھەر يىلى چېپىلغاقلار چىقىپ دۆلەت ئىچىدىكى ، ياكى چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇقلارنى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بار بولغان ئۇلۇغ ئەدەبىيات نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغاندەك قىلىدۇ، مەيلى مۇھاكىمە بايان ۋە چۇ بەگلىكى دەۋرىدىكى كۈيلەر، سوڭ دەۋرىنىڭ نەزمىلىرى، مىڭ، چىڭ دەۋرىنىڭ رومانلىرى بولسۇن ھەممىسى ئەدەبىيات جەھەتتە ناھايىتى شانلىق سەھىپە ياراتتى. يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىمۇ نۇرغۇن ئۇلۇغ يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. يېقىنقى يىللاردا باجىن ھايات چېغىدا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ قىزىق نامزاتى ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ يېشىنى چوڭ كۆرۈشتىمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ باجىن نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل بولالمىدى. ئەلۋەتتە، باجىنمۇ نوبىل مۇكاپاتىنى قىلچە چوڭ بىلمەيتتى.
2000-يىلى فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان گاۋ شىڭجەن ئىسىملىك بىر جۇڭگولۇق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئىش ئەينى چاغدا جۇڭگودا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. گاۋ شىڭجەن دېگەن كىم ؟ دېيىشتى جۇڭگولۇقلار، ئۇ قانچىلىك ئەسەر يېزىپتىكەن؟ نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئۇنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن شۋېتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ: ” ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئامىباپ قىممەت، ئىنچىكە كۈزىتىش ئىقتىدارى ۋە تىلىنىڭ موللىقى ، ئۆتكۇرلىكى بىلەن جۇڭگو يېزىقىدىكى ھېكايىچىلىق سەنئىتى ھەم چاڭچىلىگە(تىياتىرچىلىققا) يېڭىچە يول ئاچقان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: تەڭداشسىز نادىر ئەسەر دەپ تەرىپلەنگەن «لىڭشەن تېغى» ۋە جۇڭگودىكى تۇنجى كىچىك تىياتىرخانا دراممىسى دەپ تەرىپلەنگەن «مۇتلەق سىگنال» لار بار.“ دېيىلگەن باھالاش سەۋەبىگە ئاساسەن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار توردىن «لىڭشەن تېغى» نى ئىزىدىشىپ ئوقۇشتى، ئوقۇماستا ھېچگەپ يوق، ئوقۇپلا ئوشۇقى ئالچۇ قوپۇشتى، چۈنكى جۇڭگولۇقلار «لىڭشەن تېغى» نى ئوقۇپ چۈشىنەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. بەزىلەر ھەتتا مۇنداق دېيىشتى: ” پۈتۈنلەي سىياسىي باھانە ئۈچۈنلا مۇشۇنداق باھالاشقان.“ مۇشۇنىڭ تەسىرىدە ئەينى چاغدا مەن «گاۋ شىڭجەننىڭ باھانىسى» دېگەن ماقالىنى يازغان ئىدىم. بۇنى سىياسىيغا چېتىۋېلىشمۇ بىر مۇرەككەپ روھىي ھالەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشىدىن ئىبارەت ئىكەن.
شۇغىنىسى مەن بىر مەسىلىنى بارا-بارا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دېگەن غەربلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان بىر خىل چۈشەنچىسى ئىكەن. بۇ ئەنئەنە، تىل، مەدەنىيەت، كۆز قاراش، مۇھىت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر خىل كۈزىتىشتۇر. گەرچە تەرجىمە ۋاستىسى قوللىنىلسىمۇ، مېنىڭ قارىشىمچە بەزى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇلتۇر ئەنگىلىيىگە بارغاندا بىر ئۇلۇغ شائىرنىڭ تۇرالغۇسىنى زىيارەت قىلدۇق، ھەمدە ئۇنىڭ بىرمۇنچە ئۇلۇغ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەلۋەتتە ھەممىسى تەرجىمە نۇسخىسى ئىدى. ئوقۇغاندىن كېيىن مەندە قىلچىمۇ ھاياجانلىنىش كۆرۈلمىدى، مۇشۇنداق ئەسەرنىمۇ ئۇلۇغ دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ تىل مۇھىتىدىكى مەسىلىمىدۇ؟ ئەكسىچە ئېيتقاندا، بەزى غەربكلىكلەردە تاڭ نەزمىلىرنى ئوقۇپ ھېچقاندق ھېسسىيات پەيدا بولمىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، تىل مۇھىتى پەقەتلا بىر ئامىلدىن ئىبارەت خالاس. ئەلۋەتتە يەنە باشقا ئامىللارمۇ بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىنى پىششىق چۈشىنەلىشى بىر مۈشكۈل ئىش.
ئەلۋەتتە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىدىمۇ ئاتالمىش جۇڭگوشۇناسلار باركەن، ئەمما بۇ كىشلىەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى، ئانتروپولوگىيىلىك ئادەتلىرى بىلەن بەك چوڭ ياكى بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، دىققەت قىلدىمكى بۇ ئەمەلىيەتتە غەربلىكلەرنىڭ شەرقلىقلەرگە بولغان قارىشىكەن. ئاختۇرۇپ باقسام، يېقىنقى 22 يىلدىن بېرى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياۋروپا-ئامېرىكىلىق يازغۇچىلاركەن، شەرقلىقلەردىن گاۋ شىڭجەندىن باشقا ياپونىيىلىك چوڭ يازغۇچى جاڭجەن سەنلاڭ 1994-يىلى ئېرىشىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرەر-ئىككى ئافرىقىلىق يازغۇچى باركەن. بۇ غەربلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتقا باھا بېرىشتە ئۆزىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شەرقلىق ياكى ئافرىقىلىق يازغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ باھالىغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا تاللاش ئۆلچىمى يەنىلا غەربلىكلەرنىڭ ھېسسىياتىغا يېقىن ياكى شۇلارنىڭ ھېسسىياتى بويىچە شەرھىلەنگەن ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن گاۋ شىڭجەننىڭ «لىڭشەن تېغى» دېگەن ئەسىرىنى ئالساق ئۇ ئەسلا جۇڭگولۇقلارنىڭ مەدەنىيەت ئادىتى بويىچە يېزىلمىغان بولىشى مۈمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قارىشىم ناھايىتى ئېنىق – بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى بۇ مۇكاپات جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەمەس، جۇڭگو مەدىنىيىتىگىمۇ تەئەللۇق ئەمەس. بۇ مۇكاپات باشقا ھەراقانداق رىقابەت تۈسىدىكى تەنتەربىيە مۇكاپاتىغا ئوخشىمايدۇ. بەلكى بەدئىي گىمناستىكىغا ئوخشايدۇ، يەنى ئۇنىڭغا ئادەم نومۇر قويىدۇ، بىر يۇقىرى نومۇر، بىر تۆۋەن نومۇر چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئوتتۇرىدىكى كىشىلەر بولسا سىزگە غەلىتە نەزەر بىلەن تىكىلىپ تۇرۇشىدۇ. شۇنداق تۇرسا سىز غەلىبە قىلالايتتىڭىزمۇ؟
ئەمما جۇڭگولۇقلار يەنىلا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى چۈشىنى كۆرۈۋېرىۋاتىدۇ. يېقىندىن بېرى باشقلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان جۇڭگو يازغۇچىلىرىنى قىياس قىلىشىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلار قىياس قىلغانلاردىن : جاپىڭۋا، مويەن، يۈخۇا، بېي داۋ، يەن ليەنكې، سەن شۆ قاتارلىقلار بار. چۈش كۆرۈش ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى، ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ. ئەمما ئۇيقىدىن ئويغاندىن كېيىن ئادەم سەگەك بولىشى كېرەك، چۈنكى كۈن چىقتى، سېسىق ئوسۇرۇپ يېتىۋەرگىلى بولمايدۇ. ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىزغا مېڭىشىمىز كېرەك.

天若有情 ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ۋېنجۇلۇقلار بىلوگى تورىغا يوللانغان، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
مەنبە: http://www.wzrblog.com/user1/max2000/archives/2007/24880.html

2009年5月12日

ئادەم ۋە ھايۋان

ئادەم ۋە ھايۋان
قارا بېلىق
ئادەم: سۈپ-سۈزۈك دېڭىزدا بەدىنىڭدىكى قارا سىياھ نەدىن كەلگەن؟.
قارا بېلىق: ئادەم ئەسلى پاكدىل كېلىدىغان، يامانلىق قەيەردىن كەلگەن؟
تۆمۈر تۇمشۇق
ئادەم: سېنىڭ تۇمشۇقۇڭ قۇرتلارنى قانداق پەرق ئېتىدىغاندۇ؟
تۆمۈر تۇمشۇق: سېنىڭ ئېغىزىڭ ئوي-خىياللىرىڭنى قانداقمۇ يوشۇرۇپ قالىدىغاندۇ؟
ئاق قۇ
ئادەم : ئۆي غېزىنىڭ بوينى سەل ئۇزۇن بوپ كەتكەن بولسا ئاققۇغا ئايالنماسمىدى؟
ئاققۇ: ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش بىلەنلا شۇغۇللانغان بولسا، بۇ دۇنيا جەننەتكە ئايلانماسمىدى؟
تاشپاقا
ئادەم: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى دەپ بەرگىن.
تاشپاقا: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈڭ بولسا مەندەك تاشپاقا بول.
ئۆمۈچۈك
ئادەم: بۇ جانىۋار داۋاملىق بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا ئوۋ كۈتۈپ تۇرغىنى تۇرغان.
ئۆمۈچۈك: ئادەملەرنىڭ كۈلۈشۈپلا يۈرگىنىنى كۆرىمەن، ئەمما ھەقىقىي كۈلگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
مۈشۈك ياپىلاق
ئادەم: مۈشۈك ياپىلاق نېمىشقا بىر كۆزىدىلا قارايدىغاندۇ؟
مۈشۈك ياپىلاق: بىر كۆزىدە ئوچۇق كۆرگەندىكىن، ئىككى كۆزدە قاراشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
بېلىق
ئادەم بېلىقنى يېسە تەمىنى تېتىغان بولىدۇ.
بېلىق ئادەم يېسە قازاغا يولۇقتى دېيىلىدۇ.
چاشقان
ئادەم: ئوغۇرلۇق قىلماي ياشىيالمامسەن؟
چاشقان ئادەمنى كۆرگەندە: سەن يالغان سۆزلىمەي ياشىيالمامسەن؟
توخۇ
ئادەم: بۈگۈن تۇخۇم تۇغدۇڭمۇيە؟
توخۇ: ساڭا زادى قانچىلىك تۇخۇم كېرەك؟
شاتۇت
شاتۇتنىڭ ئادەمنى دورىشى ئۇنىڭ ئەقىلىقلىقىدىن.
ئادەمنىڭ شاتۇتنى دورىشى كۆڭۈل ئېچىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن.
بۆرە
بۆرىنىڭ ئادەمنى قوغلىشى ئاچلىقتىن.
ئادەمنىڭ بۆرىنى قوغلىشى قىساس ئېلىش ئۈچۈن.
قاپلان
ئادەم: قاپلان دېگەن بەك پىخسىق نېمىكەن، ھەر قېتىم غىزالانغاندا پەقەتمۇ پۇل بەرنەيدۇ(بۇ يەردە قاپالان تېرىسىدىكى تەڭگە گۈللەر پۇلغا ئوخشىتىلغان-ت).
قاپلان: ئادەملەر باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ، ئۆزىنىڭكىنى كۆرمەيدۇ، كاتتا رېستۇرانلاردا قايسى بىرى ئۆزىنىڭ پۇلىغا تاماقلىنىدۇ؟
سازاڭ قۇرتى
ئادەم: سېنىڭ يا سۆڭىكىڭ، يا پېيىڭ يوق تۇرۇپمۇ لاي-لاتقىلارنى يېيەلەيسەن، چۇڭقۇر ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسىەن، ئەڭ مۇھىمى تا ئەبەدكىچە داۋاملاشتۇرالايسەن.
سازاڭ: ئادەملەرنىڭ سۆڭىكى تۇرۇپمۇ ئادەمگە ئېگىلىدۇ؟ تىزلىنىدۇ؟ دېمەك سۆڭەك ئادەمنى جاسارەتلىك قىلالمايدۇ، گپ ۋىجدانلىق بولۇشتا.
پەرۋانە
ئادەم: غايىسى بولۇش ياخشى ئىش، ئەمما لايىقىدا بولغىنى ياخشى، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتسە ساڭا ئوخشاش ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ.
پەرۋانە: مۇھەببەتنى خالىغانچە تاشلىغى بولاتتىمۇ؟

خامىليون
ئادەم: خامىليوننىڭ زادى قانچە خىل رېڭى باردۇ؟
خامىليون: ئادملەرنى سۆزىنىڭ قايسىسى راستۇ؟
قۇلۇلە
ئادەم: بىچارە، ئۆمۈر بويى ماڭسىمۇ كىچىككىنە يول يۈرەلەيدۇ.
قۇلۇلە: بىچارىلەر، ئۆمۈر بويى تالالش ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەت بىلەن ئارزۇسى ھامان پەرقلىق بولغاچقا تولا ئەپسۇسلىنىدۇ.
زىراپە
ئادەم: بوينۇڭنىڭ ئۇزۇنلىقى سېنىڭ ئاچكۆزلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ.
زىراپە: قۇرسىقىڭنىڭ يوغانلىقى چىرىكلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.
يولۋاس
ئادەم: شۇنچە نۇرغۇن ھايۋانلارنى يېۋالسىمۇ يەنە ئورمان شاھى بولىدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟
يولۋاس: نۇرغۇنلىغان خەلقنى قىرغىن قىلسىمۇ دۆلەتكە پادىشاھ بولالايدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟
تاغىل ئات
ئادەم: گۈزەل بولغاچقىلا رەڭدار كىيىمنى كىيىۋالغانمىدۇ؟
تاغىل ئات: ئادەملەر بەتبەشىرە بولغاچقىلا ئېسىل كىيىملەرنى كىيىۋالامدىغاندۇ؟
ئادەم پاشىلارنى چاۋاك(ھاپاق) بىلەن قارشى ئالىدۇ.
ئانا پاشا بالا پاشىلارغا: ئادەملەر ئۇچۇش تېخنىكاڭلارنى ماختاپ تەبرىكلىگەندە ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەڭلار.
پاقا
ئادەم: ھەر كۈنى كاركىراپلا تۇرىسەن، راستىنلا ئاچ قېلىۋاتامسەن؟
پاقا: ھەر كۈنى ئالدىراپلا يۈرىسەن، راستىنلا پۇلۇڭ يوقمۇ؟
چىۋىن
ئادەم: دۇنيادا سەندىنمۇ يىرگىنىشلىك نەرسە بارمىدۇ؟
چىۋىن: ئۇنىڭ كۈلۈپلا تۇرغىنىغا قارىما، دىققەتسىزلىكڭدىن پايدىلىنىپلا پالاق بىلەن سالىدۇ.
سەكسەن پۇت
ئادەم: بىزنىڭمۇ سەكسەنپۇتتەك كۆپ پۇتىمىز بولغان بولسا ئاياغ زاۋۇتلىرى تاماكا زاۋۇتلىرىدىن كۆپرەك پايدا ئالغان بولاتتى.
ئادەملەرنىڭ بىر پۇتى زەخمىلەنسىلا ماڭالمايدىكەن، قارىغاندا پۇتى كۆپ بولغاننىڭ پايدىسى بار ئوخشايدۇ.
ئىت
ئىتنىڭ ئادەمنىڭ ئالدىدا ماڭغىنى خەتەرنى سەزگنلىكىدىن.
ئادەمنىڭ ئىتنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى ئۆزىنىڭ ئىتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ئۈچۈن.
شىر
ئادەملەر شىرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى قەپەزگە سولىۋالىدۇ.
ئەگەر شىر ئادەمنى باشقۇرىدىغان بولسا ئادەملەر ئۆزلىرى قەپەزگە كىرىۋالغان بولاتتى.
پىل
ئادەم: پىل دېگەن بۇ جانىۋار يوغان دەرەخنى يۇلۇپ ئالالىغان بىلەن، يەردىكى يىڭنىنى تېرىپ ئالالمايدۇ.
پىل: ئادەم يىڭنىنى تېرىپ ئالاليدۇ، ئەمما دەرگىنى يۇلۇپ ئالالامدۇ؟ بۇ دېگەن دىئالېكتىكا.
كالا
ئادەم كالىنى يېتىلەپ ماڭغاندا، كالا ئالدىغا توختىماستىن كېتىۋېرىدۇ.
كالا ئادەمنى سۆرىگەندە بولسا، ئادەم قامچىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن تەرجىمە قىلىندى