سۇ تۇڭ
يۈگرەش مۇسابىقىسى
ئىدارىدىن يۈگۈرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى يوغان قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكىلەرگە پەقەت يېتىشەلمىدى. ئاخىرقى نۇقتىغا بارغاندا كاتىپ مۇنداق دېدى:
- سېكىرتار، مەيۈسلەنمەڭ، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن سىزنىڭ نەتىجىڭىز ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق سالاپەتلىك يۈگەردىڭىز، ئەگەر سىز ئارقىدىن قوغلىمىغان بولسىڭىز، ئۇلار تېز يۈگۈرەلەمتى؟
كىم سېمىز؟
باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۈچ بالا كىمنىڭ دادىسى ئەڭ سېمىز، دەپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ.
بىرى مۇنداق دەپتۇ:
- مېنىڭ دادام ئەڭ سېمىز، تۈنۈگۈن ئۇ گىرغا چۈشكەنىدى، قورسىقى بەك يوغان بولغاچقا، گىرنىڭ سائىتىنى كۆرەلمەي، مېنى قاراپ باق دېۋىدى، قارىسام دەل 100كىلوگرام كەپتۇ.
يەنە بىرى:
- مېنىڭ دادام سېمىز، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە دادام ئۇخلاۋېتىپ كارىۋاتتىن پولغا چۈشۈپ كەتكەنتى، ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر يەر تەۋرىدى، دەپ قېلىپ تالاغا قېچىپ چىقىشتى.
ئۈچىنچىسى:
- شۇنچىلىكمىتى؟ باشقىلار مېنىڭ دادامنى ئولتۇرسا بىر بىنانى ئىگىلەيدۇ ، بىر ئولتۇرۇشىدا بىر بۇقىنى يەپ تۈگىتىۋېىتىدۇ، دېيىشىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى
ناھىيىدىن كادىرلارنى «ھايات-ماماتلىق تاللاش» دېگەن كىنونى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىنو يېرىملاشمايلا قارا تەرگە چۆمۈپ، ئورۇندىقدىن پەسكە سېرىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك قول-قول ئۇنى يۆلەپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈشتى، ئۇنىڭ ئايالى خەۋەرنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە، دوختۇر ئۇنىڭدىن ئېرىنىڭ ئادەتتە قانداق كېسىلى بارلىقىنى سورىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:
- ئېرىمنىڭ يۈرىكى ئاجىز، ئادەتتە ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرىنى ئاڭلىسا ياكى چىرىكلىككە قارشى كىنو-فىلىملەرنى كۆرسە بۈگۈنكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى
بەزىلەر مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى سەنئەت بۇيۇمىنى چۈشەنمەيدۇ دېۋىدى، كۆپچىلىك ئىشەنمىدى. بىر كۈنى ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ مەدەنىيەت بازىرىنى تەكشۈرۈشكە چىقتى، تەكشۈرۈۋېتىپ ئىدارە باشلىقى بىلىكى يوق ۋېناسنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ:
- بۇ ليۇ خلەنغۇ؟ - دېدى، كاتىپى شۇ ھامان:
- بۇ دېگەن ۋېناس، - دەپ ئەسكەرتتى، بۇنى ئاڭلىغان ئىدارە باشلىقى ئاچچىقلىنىپ دېدى:
- نېمە ۋېناس؟ ۋېناغىمۇ بارغانمەن! چەتئەلگە چىقتىم دەپلا ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرىمىزغا ئەجنەبىيچە ئات قويۇۋالساق قانداق بولىدۇ. بۇ دېگەن ليۇ خلەن، قارا، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى دۈشمەنلەر چانىۋەتكەن گەپ!
«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
2009年5月13日
گېرمانىيەنىڭ بىر شەھەر باشلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ نايكوم سېكىرتارىنىڭ سۆھبىتى
(فېليەتون)
ۋاڭ جەي
بۇ ئىش بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا يۈز بەرگەن. جۇڭگونىڭ مەلۇم ناھىيىسى گېرمانىيىنىڭ بىر شەھىرى بىلەن “قېرىنداش شەھەر” بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىنى ئارزۇ قىلغان. گېرمانىيىلىكلەرمۇ بۇ تۈرگە ئۈمىد بىلەن قارىغان، ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئىناتىيىن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
دەسلىپىدە جۇڭگو تەرەپ گېرمايىلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆزدىن كەچۈرمەي، خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغانلىقىدىن ناھايىتى ئەجەبلەنگەن. ئەمما يۈز تۇرانە سوراشتىن ئۇيالغان، ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىق قىلىش بىلەن يىغىن ئاخىرى ۋاقتىدا ئېچىلدى.
بارلىق خېرىدار چاقىرىش يىغىنلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇ يىغىندا جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن –نىزاملىرىنىۋە بۇ ناھىيىنىڭ نوپۇسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئالاھىدە كەسپى قاتارلىقلارنى قارشى تەرەپكە تەپسىلى تونۇشتۇردى، گېرمانىيە تەرەپمۇ سالىدىغان مەبلەغ ۋە مەبلەغ سېلىنىدىغان ساھەنىڭ خەلقئارادىكى بازار ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئەمما گېرماىيە تەرەپ جۇڭگولۇقلارنىڭ دوكلاتىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى، جۇڭگو تەرەپمۇ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقا ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ھەيران بولدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قۇرۇق گەپنىڭ جىقلىقىنى، دوكلاتنىڭ ٪75ىدە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى يەر جاھاننى قاپلىدى... دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن ، پەقەت ٪25ىنىڭلا “ئىشەنچلىك ئەمەلىي” مەزمۇن ئىكەنلىكىنى، باشقا مەزمۇنلارنىڭ تېلېفون ھەققىنى بىھۇدە زايا قىلىش دەپ قارىدى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار تىزىملىكىدە شەھەر باشلىقى ۋە زاۋۇتنىڭ رەھبىرىدىن باشقا يەنە بىر نەپەر بولكا پىشۇرۇش ئۇستىسى، بىر نەپەر تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە بىر نەپەر ئائىلە ئايالىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ رەھبىرى پاراڭلاشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ نايكوم سېكىرتارى ئاخىر ھەيرانلىقىنى بېسىۋالالماي گېرمانىيە تەرەپنىڭ شەھەر باشلىقىدىن كۆڭلىدىكىنى سورىدى.
— شەھەر باشلىقى ئەپەندى، سىز نېمە ئۈچۈن ئادەملىرىڭىزنى ئېلىپ نەخ مەيدانغا تەكشۈرۈشكە كەلمەيسىز؟
— سىزلەر بىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، بارلىق چىقىمنى ئۈستۈڭلارغا ئالىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈردىڭلار، ئەمما بىز بارساق ناھىيەڭلارنىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ بىھۇدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماي تۇرالمىدۇق، ناھىيەڭلاردىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بىزنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سىلەر تەرەپكە بارساق خېرىدار چاقىرىشنىڭ ئادىللىقىغا ۋە بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، — دېدى شەھەر باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ.
— خامچوت؟ — نايكوم سېكىرتارى ھەيرانلىق بىلەن سۆزنى داۋاملاشتۇردى،— قارىسام سىلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار ئىچىدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرمۇ باركەن.
— ھە؟ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر؟ — ھەيران قالدى شەھەر باشلىقى.
— ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىچۇ؟
— ئۇلار دېگەن شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ نازارەتچىلىرى، ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە شەھەرلىك پالاتانىڭ قوللىشى بولمىسا مەن ھېچ قانداق زور قارارلارنى چىقىرالمايمەن، ئۇلار دېگەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، بۇ تۈردە قارار چىقىرىشتا ئۇلارنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھوقۇقى بار، ئۇلار بۈگۈنكى يىغىندا ناتوغرا ئىشلارنىڭ بار يوقلىقىنى ۋە مېنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىمنىمۇ نازارەت قىلىدۇ.
— .....— جۇڭگو تەرەپ سۈكۈتكە چۆمدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گەېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە گېرمانىيىگە كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى، بىزنىڭ نايكوم سېكىرتارىمىز شۇ ھامانلا ماقۇل بولدى ۋە گېرمانىيە تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە جۇڭگوغا ئېكىسكۇرسىيىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، گېرمانىيە تەرەپ ماقۇل دېمىدى.
— ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ بىزنى قىزغىن تەكلىپ قىلغىنىڭىزلارغا رەھمەت، ئەمما بۇ يىل بارالمايمەن، چۈنكى بۇ يىللىق خامچوتقا بۇ چىقىم كىرگۈزۈلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پالاتا ۋە شەھەر خەلقىدىن خالىغانچە راسخوت تەلەپ قىلسام بولمايدۇ، ئەمما كېلەر يىلى مەن بۇ ئىشنى خامچوتقا كىرگۈزۈپ پالاتانىڭ تەستىقىغا سۇنىمەن، ياكى مەن شەھەر باشلىقلىقىدىن قالغاندىن كېيىن ئۆز خىراجىتىم بىلەن جۇڭگوغا ساياھەتكە بارساممۇ بولىدۇ.
جۇڭگو تەرەپتىن سادا چىقمىدى.
يىغىن ئاخىرلاشتى، خېرىدار چاقىرىش ئىشى ئاساسەن بېكىتىلىپ بولدى. ھەشەمەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش مەرىكىسىدە نايكوم سېكىرتارى ھاكىمغا پىچىرلاپ مۇنداق دېدى:
— نېمىسلار بەك ئەستايىدىلكەن، قائىدىدە بەك چىڭ تۇرىدىكەن. جانلىق ئىش كۆرۈشنى پەقەت بىلمەيدىكەن، بۇلار بىلەن مۇندىن كېيىن ياخشى ھەمكارلىشالارمىزمۇ؟
مۇشۇ ۋاقىتتا ئاددىغىنە بىر ئىشخانىدا تېلېفون يىغىنغا قاتناشقا ن گېرمانىيىلىكلەر مۇندىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتاتتى.
— بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭىزلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، بۈگۈن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم، ئىشقا تەسىر يەتكۈزگەنلىك تولۇقلىمىسىنى كېلەر ئايدا پاراۋانلىق ھېساۋاتىڭىزلارغا كىرگۈزۈۋېتىمەن— دېدى شەھەر باشلىقى ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىغا.
— شەھەر باشلىقى ئەپەندى، — دېدى ئائىلە ئايالى شەھەر باشلىقىغا — مەن بۇ تۈرگە قارشى پىكىردە قالىمەن.
— نېمە ئۈچۈن خانىم؟
— بۇ جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بەك بەدخەجمۇ قانداق؟ پۇلىمىزنى ئۇلارنىڭكىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا تازا ئىشەنچىم يوق، ئۇلار ھەتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ پۇلىنى قەدىرلىمەيدىغان تۇرسا بىزنىڭ پۇللىرمىزنى ئاياپ ئولتۇرارمۇ؟
نېمىسلار سۈكۈتكە چۆمدى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتى ۋە كانچىلىقى باشقۇرۇشتا قاتتىق قائىدىلىك ئىكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، 23 يىلدىن بېرى زور ھادىسە كۆرۈلۈپ باقماپتۇ، بىزلەردە بولسا ھالىقىلىق ( يېمىكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش، كان ھادىسىسى، دېمكراتىيە قۇرۇلۇشى، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، مائارىپ، داۋالاش ئىشلاھاتى قاتارلىق) مەسىلىلەردە كەمدىن كەم ئەستايىدىل بولىمىز، ئۇششاق (چولپانلار توغرىسىدىكى پىتنە-پاساتلار دېگەندەك) ئىشلاردا بولسا زىغىرلاپ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزلەيمىز.
«فېليەتونلار گېزىتى تورى»دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

“ئەل رايىغا خىيانەت قىلىش”
ليۇ چېڭلۇڭ
كۆپ يىللار ئىلگىرى “ھۆججەتكە خىيانەت قىلىش” دەيدىغان بىر گەپ چىققانىدى، بۇ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ھۆججەتلەرنىڭ روھى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە باسۇرۇۋېتىلگەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. چۈنكى كۆپ ساندىكى سىياسەتلەر ئاۋامغا نەپ يەتكۈزسە، كۆپ ھاللاردا ئەمەلدارلارغا پايدىسىز بولىدۇ. ھازىر ھۆججەتلەرگە خىيانەت قىلىش بەك تەسلىشىپ كەتتى، تېلېۋىزور شۇنچە ئومۇمىيلاشقان، تورنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز تۇرسا، خەۋەر-سىياسەتلەرنى جامال قىلىش كەلمەسكە كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمىر-پەرماننىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى.
يۇقىرىنىڭ روھىغا خىيانەت قىلىش قىيىنغا چۈشكەن بولسا، ئەل رايىچۇ؟ ئەل رايى كۆپىنچە خىيانەتكە ئۇچرىماقتا، توسۇپ قېلىماقتا.
مېنىڭ بىر رەھبىرىم بولىدىغان، يېقىندا ئالىي مەمۇرىي ئىنىستىتۇتقا كۇرسقا بېرىپ كەلدى.بۇ رەھبەر پەزىلەتلىك ھەم ئىقتىدارلىق ئىدى، دېمەك مەسئۇلىيەتچان كادىر دېيىشكە بولاتتى. ئۇ كۇرسنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزگە ئىنتايىن خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت يولىنىڭ يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەسلىسىدە چاتاق يوقكەن، ئەمما تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈش بىر مەسىلە بوپ قاپتۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەرزىيەت تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا خەۋەرلەندرۈشتىكى مۇھىم يول بولسىمۇ،ئەمما مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى ناتايىن ئىكەن. مەسىلەن: مەيلى قانداق ئەھۋالدىكى يۇقىرىغا ئەرزىيەتكە بارغاندا، مەيلى ئۇۋالچىلىق بولسۇن، بولمىسۇن، يوللۇق بولسۇن، يولسىز بولسۇن كىمدە كىم ئۆلكىگە(ئاپتونۇم رايونغا)، بېيجىڭغا ئەرزىيەتكە بارسا تۆۋەندىن ئۆلكە مەركىزىگە، بېيجىڭگە ئادەم كېلىپ ئەرزىيەتكە كەلگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ. نامدا “ئادەمنى قايتۇرۇپ كېلىش” بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بولسا بولسا “توسۇش”تىن ئىبارەت. ھازىر ھەر بىر ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئۆلكە مەركىزى(ئاپتونۇم رايون مەركىزى) ھەم بېيجىڭدە ئىش باشقارمىسى بار، بۇلارغا يىلىغا نەچچە يۈزمىڭدىن بىرەر مىليونغىچە راسخوت كېتىدۇ، بۇلار مىنىستىرلىقلارغا يېقىنلىشىشتىكى كۆپلىگەن چىرىكلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنە قانچىلىغان ئەل رايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇن بولىدۇ؟
خەلق تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىشىشى، ئۇۋالچىلىقنىڭ كۆىيىشىنى ئەلۋەتتە ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك ئىدى، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەرزىيەت سىياسىتىنىڭ تامامەن “توغرا”، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشىمۇ ھەقىقەتەن بىر ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئادەتتە مېنىڭ بۇ رەھبىرىم بۇ جەھەتتە سۆزلەشكە دېگەندەك جۈرئەت قىلالمايتتى، مەسىلەلەرنى يۇقىرىغا تولۇق ئىنكاس قىلالمايتتى، بۇ قېتىم “ئىنىستىتۇت”قا بېرىپ كۇرستا بۇ مەسىلىنى بىر “ئىلمىي مەسىلە” سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مۇشۇنداق مەخسۇس مەمۇرىي مەسىلىلەرنى تەتقىىق قىلىدىغان ئورۇندا سىياسەتنىڭ “ئەقىلدارلار”نىڭ سىياسەتنىڭ بەلگىلىنىشىدە تامامەن پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىشى كېرەككەن، شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى شۇلار ئارقىلىق يەتكۈزمەكچى بوپتۇ. نەتىجىدە “ئەقىلدارلار” شۇ ھامان بۇنداق مەسىلىنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماڭ، دەپ ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپتۇ.
مېنىڭ بۇ باشلىقىممۇ بىر رەھبەر تۇرسا، رەھبەرمۇ پىكىرنى دېيەلمىسە، پۇقرالار كىمگە دېيەلەيتتى؟
خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەر، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى راۋان چۈشۈۋاتقان ئەمىر-پەرمانلاردەكلا يۇقىرىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزىلەمدۇ؟ئاساسىي قاتلامدىن يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ھەر دەرىجە، ھەر قايسى ئېچىقلار تەرىپىدىن ئاز-ئازدىن قىسىۋېلىنامدىغاندۇ؟ ئەڭ ئالىي قاتلامغا يەتكەندە ئىنكاس قىلىنغان ئەاھۋاللارنىڭ چىنلىقى قانچىلىكتۇ؟ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ئەمىر-پەرمانلار دەرىجىمۇ-دەرىجە ھەسسىلىۋېتىلگەن، يۇقىرىغا يوللانغان ئىنكاسلار دەرىجىمۇ-ژەرىجە قىرقىۋېتىلگەن؛ يۇقىرىدىن چۈشكەن نەچچە ۋاراقلا سۆز تۆۋەنگە چۈشكەندە قېلىن كىتابقا ئايلىنىۋاتقان؛ تۆۋەننىڭ شۇنچە كۆپ توم كىتابتەك ئەھۋاللىرى يۇقىرىغا يەتكەندە بىر ۋاراقمۇ قالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ نەگە كېتىدۇ؟ خىيانەت قىلىنغان گەپ، قىسىۋېلىنغان، باسۇرۇۋېلىنغان گەپ.
مۇشۇ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بۇنىڭغا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئىنچىكىرەك ئويلايدىغان بولساق ئەسلى ئەرزىيەتتىكى ئەل رايىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ ياكى ئەرزىيەتنىڭ “تەرتىپكە پاراكەندىچىلىك سالغان” لىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ؟ ئەرزىيەتكە كەلگۈچىلەرنى “قورشاپ توسۇش”، ئەرزىيەت مەسىلىسىنى نەدىن كەلگەن بولسا يەنىلا شۇ يەردە ھەل قىلىشقا بۇيرۇشتا، يۇقىرىدىكىلەر “ئادەمنىڭ كېسىلى بار”لىقىنى بىلەمدۇ يا؟ ھۆججەتنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك “مەجۇرلۇق”ى بار؟ پەرمان راۋان بولمىسا تۆۋەندىكىلەرنىڭ زور جىنايىتىدۇر؛ ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتمەسلىكىچۇ، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟
سىياسەت، ھۆججەت، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى.... بۇلار بىر تۈپ دەرەخ، دەرەخ بولغاندىمۇ توغان دەرەخ، بىز ھەممىمىز مۇشۇ دەرەختە جان باقىمىز. بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى ئۇچىدىمۇ ياكى ئاستىدىمۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ، ھۆججىتى، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى ئەلرايىغا ئاساسەن بەلگىلىنەمدۇ ياكى كاللىسىغا كەلگىنى بويىچە بېكىتىلىپ شۇ بويىچە ھۆججەت چۈشۈرۈلۈپ، شۇ بويىچە سۆزلىنەمدىغاندۇ؟
«فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق)سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

3000يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت
3000 مىڭ يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت
(فېليەتون)
ئەنلى
مەن ئىنسانلارنىڭ 3000 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىن گۈمان قىلىمەن.ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى قىياس قىلىنغان مۇنداق بىر ئوبرازلىق سۆز بار:《ئىنسانلار ئاخىرى يەر شارىدىكى بارلىق سۇنى خورىتىپ تۈگىتىدۇ،قېپقالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز يېشى بوپ قالىدۇ، خالاس!》
شۇنداق، ھازىرقى تەبىئەتكە ئاچكۆزلۈك بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقان تالان-تاراجلار، ئەسەبىلەرچە بۇزغۇنچىلىق سۈرىتى ۋە”يادرو قوراللىىرغا ئىنتىلىۋاتقان، ئىگە بولۇۋاتقان دۆۋلەت ۋە تەشكىلات “ لارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىدەك ئەھۋاللارغا قاراپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرشقا مەجبۇرمىزكى، ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
ئەمما ھەرقانداق مۆجىزە يۈز بېرىشى ئېھتىماكغا ناھىيىتى يېقىن. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قەيسىرانە ياشاش ئىرادىسىگە تاينىپ 3000 يىلدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا، سىلەردىن 3000 يىل مۇقەددەم يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە نېمە دېيىشىم كېرەك؟ ئالدى بىلەن،ئۆزۈم ياشىغان دەۋىردىكى ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە گۇناھىمنى ئىقرار قىلماقچىمەن. ئىشىنمەنكى سىلەر بىزنى توختىماي تىللاۋاتىسىلەر، قاغاۋاتىسىلەر، بىزگگ لەنەت ئوقۇۋاتىسىلەر. بىز بۇ دەۋىر ئىنسانلىرى ئەجدادلارغا نىسبەتەن《ۋاپاسىز ئەۋلات》، سىلەرگە نىسبەتەن 《ۋاپاسىز ئەجداد》لارمىز.سىلەر بىزگە قانچە لەنەت-نەپرەت ئوقۇساڭلارمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىز يەرشارىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇۋەتتۇق؛ ئېتىز-ئېرىقلارنى بارا-بارا قۇم بارخانلىرىغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ بۈك باراقسان چوققىلارنى ۋاقىتسىز تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ ھاۋاغا زەھەرلىك ماددىلارنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، كۆپ-كۆك ئاسماننى ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قاپلىۋەتتۇق؛ سۈپسۈزۈك دەريا-ئېقىنلارنى گويا يارا ئېغىزىدىن چىققان يىرىڭلارغا ئوخشىتىپ قويدۇق؛ يەر شارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىكى نېفىت، كۆمۈر ۋە بارلىق كېرەكلىك ئېنىرگىيە زاپىسىنى قىلچە تىزگىنسىزقىدىرىپ قېزىپ تۈگەتتۇق؛ ئەۋلاتلارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق بايلىقلارنى ئىشلىتىۋالدۇق ۋە بۇزبۇپ چاچتۇق؛ بىز ۋەھشىلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ھەمراھىمىز بولغان ھايۋانلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ باردۇق، ئۇلارنى داستىخنىمىزدىكى مەزىلىك تائاملارغا ئايلاندۇرۇپ يەپ تۈگەتتۇق. بىز ھايۋانلارنى ئوۋلاش بىلەن بىرگە ئادەملەر ئارىسىغىمۇ ھەر خىل ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، ئۆزىمىزگە يات ئىرق، يات دىن، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى قىردۇق؛ ھەتتا ئوخشاشمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىمۇ بوش قويمىدۇق، كاللىلار يەردە دومىلاپ، قان دەريا بولۇپ ئاقتى،ئەگەر سىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدىن ھېساپ ئالماقچى بولساڭلار، بىز تارىخ جاۋاپكارلىقى سەھنىسىدىكى باش جىنايەتچىلەردۇرمىز. بىز گۇناھىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەيىپلەش، تۆۋە قىلىشتىن باشقا نېمىمۇ قىلالايتۇق؟! قوي يۈتكەندىن كېيىن قوتان ئوڭشىغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەلبەتتە. ئەگەر بىزنى سىلەرگە كېرەكلىك دەپ قارىغاندىمۇ ، بىز پەقەت سىلەرگە سەلبىي دەرسلىكلا بولالايمىز، خالاس! مەن سىلەرنىڭ قانداق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە ياشاۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن، ئەگەر سىلەر دېموكىراتىيىلىك، مەدەنىيەتلىكدۇنيادا ئەركىن نە ھاۋادىن پەسلىنىپ، مېھرى-شەپقەتكە چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقان بولساڭلار، ئەجدادىڭلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ،ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرغايسىلەر، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئەجدادلىرىڭلار مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئىز بېسىپ، ھاياتىنى بەدەل قىلغان. ئۇلارنىڭ قېنى شەپەقنى قىزارتقان. ئەگەر سىلەر چېقىمچىلار ۋە مەخپىي تىڭشىغۇچ ئەۋج ئالغان دەۋىردە ياشاۋاتقان بولساڭلار، سىلەرنىڭ بوشىشىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا زوراۋانلىق بىلەن باتۇرلارچە ئاداققىچە كۆرەش قىلغايسىلەر. سىلەر بىزنىڭ دەۋىردە ياڭرىغان《بارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس》 دېگەن شوئارنى ئېسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار. سىلەر مېنىڭ بۇ خېتىمنى كۆرگەندە مەن ئاللىبۇرۇن پاسىق سۆڭەككە ئايلىنىپ بولغان بولىمەن، شۇنداقتىمۇ سىلەرنىڭ بەختلىك سالامەت بولىشىڭلارنى تىلەيمەن.
«فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»2005-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
《جۇڭگو مىللەتلىرى》نىڭ 2005-يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان

ئەقلىيەلەر
ئەقلىيەلەر
ئادەمنىڭ ھاياتى قانچە پۇلغا يارايدۇ – بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. ھاياتنىڭ ساڭا مەنسۇپ بولغان دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۇ ساڭا نېمەت، قايتۇرۇپ كېتىلگەندە بولسا ئامانەتنىڭ قايتۇرۇلىشى بولىدۇ. ئەتراپىمىزغا سەپ سېلىپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ بەزىدە قىممەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ھەتتا بەزىدە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. –بېئېنبىز تەلپۈنىدىغان جاي چۈشەنمەيدىغان جايدۇر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ باشقا شەھەرگە كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا – بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشتىنلا ئىبارەت.— ئېمىلىيجەمىئىيەت كەيپىياتى بۇزۇلغان، ئەخلاق دەپسەندە بولغان ئەھۋالدا بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق پەقەت بىر ئىدىيىۋى يۈك ۋە روھىي كىشەنگە ئايلىنىپ ئادەمنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ، ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلاتقا بالاسى تېگىدۇ. – چىن جەنيۈنكىشىلەر كۆپ سۆزلىمىگەن ياخشى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە سۆزلىمەسلىك ئەمەس بەلكى ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپ قىلماي، ئاستىرتتىن پۇلنى كۆرسە كۆزى قىزىرىدىغانلا ساماندەك. – خەي لۇڭتۈزۈم بولمىسا ھەممە نەرسە ئىشەنچسىز بولىدۇ. – ياڭ شۆۋۇشەھەرلەردە ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ پىيادىلەر ۋە ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرنى كۆرگەندە ئەسلى سىگنال بېرىشنىڭ ئورنى يوق. سىگنال بەرگەنلىك بىلىپ بىلمەي ئۇلارنى قوغلىغانلىق بولۇپ، بۇ بىر ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. – ۋۇ روزېڭ”بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرۈش “روھى كەيپىياتى بەزىلەرنىڭ كاللىسىغا شۇنداق مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن. ھەتتا ئۇ قانۇن، ئەخلاققا ھەمدە ھېچقانداق نەرسىگە بويسۇنمايدۇ، ئەمما بۇيرۇق چۈشۈرگەن رەھبەرگە ۋە بۇيرۇق چۈشۈرگۈچىنىڭ ئەمىلىگە قاتتىق چوقۇنىدۇ. – ليۇ خۇڭبوبۇرۇن ئەڭ ئاسان ياساندۇرغىنى بولىدىغىنى تارىخ بىلەن كىچىك قىزچاق، دەيدىغان سۆز بار ئىدى. ئەمما ھازىر بىلىمسىزلەر ئالىملاردەك ياسىنىۋالىدىغان، سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغانلار سەنئەتكارلاردەك ياسىنىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى. تۇرمۇش چىنلىقىغا قارايدىغان بولساق، ساختىلىق ھەقىقەتتىن بەكرەك دەۋر سۈرۈپ كەتتى. – جا پىڭۋاتىرىشچانلىق ئەلۋەتتە بىر گۈزەل ئەخلاق، ئەمما نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلارنىڭ سىماسىدىن نائىلاجلىق ۋە ھەسرەتنى كۆرگەندەك بولدۇم. – چېن داچاۋباشقلارغا ئەينەك سوۋغا قىلىش ئەسلى كەمچىلىكىنى كۆرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىق بولاتتى. ئەمما ھازىرقى ئەينەكلەر سېھىرلىك ئەينەككە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ، چىن سۆزلەيدىغانلارنى ئالۋاستى قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. – خۇڭ لەن” پەقەت جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ، ئادەملەر ئارا بولسا باراۋەر بولىدۇ “. ئەمەلىيەتتە بولسا ” جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى “ ھەر ۋاقىت ئاجىز باراۋەرلىك ئېڭىنى كونترول قىلماقتا، شۇڭا بۇ سۆزنىڭ ئالدىنقى يېرىمى راست گەپ، كېيىنكى يېرىمى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى. – دۇڭياڭ ماشېڭچىن ۋەدە بىلەن ساختا ۋەدە بەئەينى چىۋىن بىلەن ھەسەل ھەرىسىدەك بېشىمىزدا ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ تۇرىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى چىۋىن ھەسەل ھەرىسىدەك ھەسەل بېرەلمەيدۇ. – شاۋ فۇشىنسېغىزخان دەيدۇ: قاغا گۈزەل مەدھىيەلەرنى ئوقۇسىمۇ ئۇنىڭغا تىل-ئاھانەت، تاش-تۇپراقلار ياغىدۇ، مەن شاختا سەكرەپ يۈرۈپ كىشىلەرنى قاغىساممۇ ماڭا نازۇ-نېمەتلەر ياغىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى نام ئاتاق ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىمكەن. – ليۇ كەيمالايدىن قورقما، غالچىدىن قورق. بولۇپمۇ غالچىلىق مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلغۇچىلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. – ۋاڭ روگۇكىشىلەر ئادەتلەنگىنىنى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ. سەن ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسەن نۇرغۇن ئەيىپلەشكە ئۇچرايسەن، ھەتتا تەس كۈنگە قېلىشىڭمۇ مۇمكىن، - تەن يەنتۇڭئائىلە ئۈچۈن ئىناقلىقتىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.ھاياتلىق ئۈچۈن قەلبنىڭ ئەركىن-خۇشلىقىدىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.دۇنيادا ئېتىقادتىن ئارتۇق نەرسە بولمايدۇ. – شاڭزى«جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

قىسقا فېليەتونلار
قىسقا فېليەتونلار
شەخسكە قەرزدار بولغانلار نامراتلاردۇر، دۆلەتكە قەرزدار بولغۇچىلار بولسا بايلاردۇر؛ ھاراق ئىچكەندە گىرادۇسىغا قارايدىغانلار نامراتلار، ماركىسىغا قارايدىغانلا بايلاردۇر؛ كىتابنى نامراتلار يازىدۇ، بايلار قانۇنسىز نەشىر قىلدۇرىدۇ؛ ئۆي قۇشلىرىنى يەيدىغانلار نامراتلاردۇر، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يەيدىغانلار بايلاردۇر؛ يەر تېرىيدىغانلار نامراتلار، يەر سودىسى قىلىدىغانلار بايلاردۇر. يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن ئۆزىڭىز، ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەن دوستىڭىزدۇر؛ ساقلىنىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن نەپس، ئەڭ ئاسان ئازدۇرىدىغان دۈشمەن ھېسسىياتتۇر. ياشلار تارىخقا قارىسا خۇددى تەپسىلىي ھېساۋاتنى كۆرگەندەك بولىدۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلار تارىخقا قارىسا تۈر ھېساۋاتىنى كۆرگەندەك بولىدۇ، ياشانغانلار بولسا قالايمىقان ھېسابنى كۆرگەندەك، پات-پات ساختا ھېساۋاتنى بايقايدۇ. ***كەمبەغەلنىڭ ئىئانە قىلىشى ھېسسىياتتىن، باينىڭ سەدىقە بېرىشى ئىدىراكتىن. كەمبەغەللەرنىڭ تۇتۇشقىنى قول، تۇتاشقىنى قەلب؛ باينىڭ ئىئانە قىلغىنى پۇل، قايتۇرۇۋالغىنى نام-ئاتاق، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا پايدا-مەنپەئەت. كەمبەغەل كىشى باي بولغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى كەمبەغەللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. تەبىئەتنى ئۆزگەرتىۋەتىپ بۇلارنى يوق قىلىۋەتكەن زادى نېمە؟ بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ تويماس نەپسى ئەمەسمۇ! جېنىنىڭ بارىچە بەھرىمان بولۇش، ۋە ياساشمۇ بوش ۋاقىتلارنىمۇ كۆپۈككە ئەيلاندۇرماقتا.***قۇلاق: بىر خىل ئاۋاز سۈزگۈچ بولۇپ، ئۇ سەمىمى سۆزلەرنى سۈزۈۋېتىپ، قۇرۇق گەپ ۋە خوشامەت سۆزلىرىنىلا ئېپ قالىدۇ.غايە: بىر خىل سوپۇننىڭ ماغزىپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە بولۇپ، مەلۇم ئارىلىقتىن ئۇنىڭغا قارىسىڭىز ناھايىتى گۈزەل كۆرىنىدۇ، ھەتتا ئۇنى قوغلىشىسىز، ئۆزىڭىزنى گويا بىر قۇشتەك سېزىسىز، ئۇنىڭغا يېتىشىپ ئىلكىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا بولسا ئۇ ۋەيران بولىدۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى يوقىتىپ سىزنى مەيۈسلەندۈرىدۇ.ئاچكۆزلۈك: يوقسۇللۇقتىنمۇ بەتەر بولغان بىر خىل ئازابتۇر. يوقسۇللۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاچكۆزلۈك ھەممىگە تويمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. جەلپكارلىق: يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان گۈزەل سىرتقى قىياپەت ۋە ئۇنىڭ رادىئاتسىيە كۈچى بولۇپ، ئادەتتە مۇھەببەت ۋە سۇيقەستنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.پۇرسەت: كىشىلەرنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى سىنايدىغان يوچۇقتۇر.كومپوزىتور: بەش تال سىمغا قۇمچاقنى ۋە پاقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يايىدىغان ئادەم. جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى»
يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى»
(فېليەتون)
چېن جاڭ
يېقىنقى يىللاردىن بېرى كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى رۇسلاش يۈزىسىدىن يېڭىدىن «كادىرلار قوللانمىسى» تۈزۈپ چىقىلدى، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ شۇ بويىچە قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. پارىنى قوبۇل قىلىپ ئاشكارە بولۇپ قالغاندا مەسئۇلىيەتنى خوتۇن، بالىلىرىغا دۆڭگەپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
2. ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇشتىن چاتاق چىققاندا خەۋەرلەرنى قامال قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
3. ئاۋمىنغا بېرىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغا قىمار ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
4. ساۋاتسىزلارنى، لۈكچەكلەرنى سوت مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
5. ئۈچ ياشلىق بالىغا مائاشىنى ئالغۇزۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
6. پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن «ئەمەل» لەرنى توپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
7. ھەر تەرەپتىن ئاشلىق ئارىيەت ئېلىپ دۆۋىلەپ باش مىنىستىرنى ئالداشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
8. ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەت كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىزلارنى قورقۇتۇشقا، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
9. سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ چاغاندا ئۆيىگە قايتقان قىزلارنىڭ ھەممىسىنى قامىۋېلىپ، ئۇلارنى نومۇسىنى ساتقان دەپ ئىقرار قىلدۇرۇپ جەرىمانە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
10. يىغىن زالىغا ئوت كەتكەندە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاۋۋال قاچۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك، ئۆزى ھەممىدىن بۇرۇن قېچىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىمايدۇ.
11. نامراتلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەندە سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن گۈرۈچ، تېلېۋىزور قاتارلىق بۇيۇملارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
12. دېھقانلار قالدۇرۇق پۇلنى تاپشۇرالمىغاندا ئادەم باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشقا رۇخسەت قىلىمايدۇ.
13. ئۆزلىرى «كەنت پۇلى» ياساپ دېھقانلارنىڭ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
14. ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇۋەتكەندە، دەرھال توختاپ ئادەم قۇتقۇزۇش كېرەك، ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئادەمنى باسۇرغانچە مېڭىۋېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
15. بالىلار «سۇ ئۈزەلمەيمەن» دېسە، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ سۇغا تاشلىۋېتىپ تۇنجۇقتۇرۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
16. قول ئاستىدىكى كادىرلارنىڭ خوتۇنىغا چېقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
17. قاتىل ياللاپ خىزمەتدېشى ياكى باشلىقنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
18. گۇماندارلارنى تۇتقاندا چوقۇم قاماقخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئۆز ئالدىغا ئېتىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
«جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

订阅:
评论 (Atom)