يازغۇچى ۋە تەنقىتچى
يەن ليەنكې
يازغۇچىلار تەنقىچى توغرىىسدا مۇھاكىمە قىلسا ئاغىزدىلا تۈگىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەنقىتچى يوق سورۇنلاردىلا بۇ توغرىدا سۆزلەيدۇ. تەنقىتچى يازغۇچى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلسا كۆپىنچە ئاغزىدىلا سۆزلەپ قالماستىن بەلكى يەنە قەلىمى ئارقىلىق، مەتبۇئات ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.
ماياك بولالايدىغان كىشىلا مۇنەۋۋەر تەنقىتچى بولالايدۇ، ئۇلار يازغۇچىلارغا ئىجادىيەت ئېلىپ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك سۇيىقەستچى بولۇپ، ھەر زامان تەنقىتچىگە قىلتاق قۇرغۇچىدۇر.
يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ، تەنقىتچى يازغۇچىنى قالتىس ئادەم دېگەندەك قىلىپ يازغۇچىغا يول قويغان ئاساستا يازمىسىنىڭ ئاخىرىغا ”ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ“ دېگەن سۆزنى قىستۇرۇپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە تەنقىتچى ئاستىرتتىن يازغۇچىنى مازاق قىلىدۇ؛ تەنقىتچىمۇ ماختاشنى خالايدۇ، يازغۇچى تەنقىتچىنى ئاجىز كۆرگەندەك ، گويا ئۇ يازغۇچىغا يېلىنىۋاتقاندەك ”ئارتۇقچىلىقى كەمچىلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ“ دېگەن سۆزنى كەمدىن كەم قىلدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا تەنقىتچى يازغۇچىنى نېمە دېيىشىگە قىلچە پىسەنت قىلمايدۇ.
مەنمۇ باشقىلارنىڭ ماختىشىنى خالايمەن، ئەمما مېنى تەنقىت قىلغان تەنقىتچىلەرگە ھۆرمەت قىلىمەن. مەن تەنقىتچىلەرنىڭ باشقىلارنى تەنقىت قىلغاندا دەل جايىغا تەككۈزىشىنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما مېنى تەنقىت قىلغاندا گەپنى سىلىقراق قىلىشنى خالايمەن.
مەن تەنقىتچىلەرنىڭ ئوبزورىنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمدە قاندقاق مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ كۆرۈلىدىغنالىقىنى ئالدىن بىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ھەر قېتىم ئۇلار كۆرسەتكەن مۇمكىنچىلىك بويىچە ئىجادىيەت قىلىمەن، خددى ھەر قېتىم شۇنچە تىرىشساممۇ يەنىلا خاتا يولغا كىرىپ قالىمەن، ئۆزۈمنى شۇنچە مادارسىز، ئىقتىدارسىز سېزىمەن.
نام چىقارماقچى بولغان يازغۇچىلار ئەڭ ئەسكى تەنقىتچىلەرنى ئكزىلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئوبزور يازغۇزىدۇ، چۈنكى بۇنداق تەنقىتچىلەر قارىنى ئاق قىلىۋېتەلەيدۇ. نام چىقارماقچى بولغان تەنقىتچىلەر داڭدار يازغۇچىلارنى تاپىدۇدە، ئۇلارنىڭ ئەسىرىگە ئوبزور يېزىپ ئاقنى قارا قىلىۋېتەلىسىلا داڭ چىقارغىنى شۇ.
20يىلنىڭ ئالدىدا قەدىمىي ئاستانە كەيفېڭدىن لۇڭتىڭغا بارىدىغان كوچىدا 70نەچچە ياشلىق بىر بوۋاينىڭ كوچىدىلا ئايالىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقانىدىم، بىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ھەممەيلەن بوۋايغا شۇنچە يىل بىرگە ئۆي تۇتۇپ مۇشۇ ياشقا كەلگەنىكەنسىلەر بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ياردەمدە بولمامسىلەر، دېيىشىپ ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولدۇق. بوۋاينى بىر چەتكە تارتىۋەتكىنىمىزدە بولسا ئۇنىڭ ئايالى ئورنىدىن تۇرۇپ: نېمە ئېرىمنى تارتىپ يۈرىسىز، بىز ئۆمۈر بويى مۇشۇنداق دەتالاشتا سوقۇشۇپ ئۆتتۇق، مېنى ئۇرسا ئۇنىڭ ئىچى پۇشقى چىقىدۇ، مېنىڭمۇ ھاردىقىم چىقىدۇ، ئانچە-مۇنچە سۈركىلىش بولمىغان تۇرمۇشنى تۇرمۇش دېگىلى بولاتتىمۇ؟ دېېۋىدى، قاتتىق ئوسال ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، نېمە بۇ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقان بولغىيتتىم، دەپ قالغانىدىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام يازغۇچى بىلەن تەنقىتچى ئاشۇنداق ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشقۇچىلاركەنمىز. ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشمىساق، كۆڭۈل بۆلمىسەك بىزدەك يازغۇچىلارنىڭ، تەنقىتچىلەرنىڭ نېمە ئىشى دەيسىز. ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشقاندىن كېيىن بەلكىم سىز خان بولۇپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئارتۇق ئىشلارغا كۆڭۈل بولىۋەرسە بەلكىم يېزىقچىلىق پىرى بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
جۇڭگو سەنئەت تەنقىت تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
2009年5月13日
订阅:
博文评论 (Atom)
没有评论:
发表评论