2009年5月13日

جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە

جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە
(ئىلمىي ماقالە)
لى شياۋفېڭ
ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يەنىلا گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىدىكى دەرقەمسىزلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى رويابقا چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقنى تونۇپ يېتىمىز.ھالقىلىق سۆزلەر: مىللەتلەر ئەدەبىياتى/ ئەدەبىي تەنقىد/ گىرۋەكلىشىششۈبھىسىزكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمىنىڭ شەكىلىنىشىدىن بىلەن زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى يېرىم ئەسىدىن بېرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتتى. ئەمما جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يەنىلا گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىدىكى بوشلۇقنى كۆرگىنىمىزدە، جۇڭگو ئاز سانلىق مىلەتلەر ئەدەبەي تەنقىدچىلىكىنى رويابقا چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقنى تونۇپ يېتىمىز.
بىرىنچى
ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت گىرۋەك ئورۇندا تۇرىدىكەن، ھامان ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. گەرچە بۇ خىل مەدەنىيەت ئۆزدىكى تىل ھوقۇقىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلاپ قالىلىغان بىلەن، ئەمما بۇ تىل كۆپ ھاللاردا نەزەردىن ساقىت بوپ قالىدۇ ھەتتا”ئازسانلىقلارنىڭ ئاۋازى“ سۈپىتىدە بېسىلىپ قالىدۇ. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىياتى جەريانىدا زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. مۇڭغۇللاردىن: ن. سەيىنچوقتۇ، ب. بۇرىنبېخ، مالاچىنفۇ، ئودىسىر، زاراگاخۇ، بورجى يۈەنيې، جاڭ خاۋ، بەي شۆلىن، گو شۆبو، دېڭ يىگۇاڭ؛ ئۇيغۇرلاردىن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوۋ، زۇنۇن قادىر، قەييۇم تۇردى، زوردۇن سابىر؛ جۇاڭزۇلاردىن ۋېي چىلىن، لۇ دى، خۇا شەن، ۋېي يىفەن، فېڭ يى، گۇي زى؛ زاڭزۇلاردىن: راۋجى باساڭ، يىدەن سەيراڭ، جاڭبيەن جاسو، زاشى داۋا، ئالەي؛ بەيزۇلاردىن: شاۋ شۆ، جىڭ يى؛ مانجۇلاردىن: لاشې، كې يەن، خۇ جاۋ، شۇ يى، يې گۇاڭلىڭ، جاۋ مېي؛ خۇيزۇلاردىن: گا لياڭ، جاۋ چېڭجى، گو فېڭ، خودا، شى شۇچىڭ، ما رۈيفاڭ؛ لىزۇلاردىن: جىدى ماجا، لۇ چىن؛ تۇجازۇلاردىن: سۇن جەنجۇڭ، لڭ چۈەنفېڭ؛ ئېۋېنكېلاردىن: ئۇرېرتۇ؛ داغۇرلاردىن: ئېردۇنجاب، مېڭقۇبويان؛ ناشىزۇلاردىن: ياڭ شىگاڭ، شا لى؛ ياۋزۇلادىن: لەن خۇەيشاڭ؛ مياۋزۇلاردىن: شياڭ بېنگۈي قاتارلىق... بۇ يازغۇچىلار شېئىر، ھېكايىچىلىق(رومان)، نەسىر قاتارلىق ساھەلەردە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى يۇقىرى بىر دەرىجە ۋە قاتلامغا كۆتۈردى. بولۇپمۇ يۇقىرىقى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىللى مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى ۋە نەمۇنىسى دەپ قاراپ ئۇلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللەت مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مىللىي تىل مۇھىتىغا قايتۇرغىنىمىزدا، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيەت تىلى ۋە باشقا مەدەنىيەت قىممەت سىستېمىسىدا دىققەتكە ئېرىشەلمەيدىغان مەدەنىيەت قىممىتى كۆپلەپ گەۋدىلىنىدۇ( ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر خىل ئەدەبىي ئەسەر ئۆز مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت تىلى مۇھىتىدىلا ئۆزىنىڭ بەدئىي ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ).ئەمما، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆرىنەرلىك ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، رايون ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ تەسىرىدە يەنىلا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان، ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىدىغان، ئۆز-ئۆزىدە دەۋرىيلىنىدىغان ھالدا تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن ئاستا بولماقتا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا تېخى ھەقىقى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئەدەبىيات مەۋقەسى شەكىللەنمىدى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى كۈچىنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم بىر ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان ئەسەر ئىجاد قىلغاندا(مەسلىەن ئالەينىڭ «چاڭ توزان بېسىققاندا»، جاۋ مېينىڭ «بۇ يەردىن ئەبەدىلىككىچە»)، بىز ئۇنى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ھوسۇلى دەپ ھېس قىلمىدۇق، ياكى بۇنداق ھېسسىيات ناھايىتى كەم بولغاچ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە يۈكسەكلىدە تۇرۇپ باھا بەرمىدۇق. پەقەت ئۇنىڭ مەلۇم بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ھوسۇلى دەپلا قارىدۇق، شۇڭلاشقا بۇ ئەسەرلەرنىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاجىز ئورنى ۋە گىرۋەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى زور رولىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىمايدۇ ۋە تونۇپ يەتمەيدۇ، شۇڭا كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە بۇ تەرەپنى تېخىمۇ كۈچەيتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئۆز ئەسىرىىدىكى روشەن مىللىي كىملىكىگە سەل قارايدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىغا قەدەم بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسەرلىرىدىكى مىللىيلىق بارا-بارا يوقايدۇ، موڭغۇل يازغۇچى گو شۆبونىڭ «قۇملۇقتىكى بۆرە بالا» دېگەن ئەسىرى ۋەكىللىكىدىكى كېيىنكى ئەسەرلىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر. گەرچە بۇ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگىنى يەنىلا ئۇ پىششىق بولغان مىللەتنىڭ تۇرمۇشى بولغىنى بىلەن، گو شۆبو ئەسلىدىكى (مەسىلەن: «قۇملۇق تۈلكىسى»)دەك موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن كۈزەتمەستىن، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەدەنىيەت سىستېمىسىنى يوقاتقان، ياكى بولمىسا ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىپادىلىگەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئەسىرى گەرچە «ئېكېلوگىيە ئەدەبىياتى» دېگەن گۈزەل تاجغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي تۇرمۇشى ۋە مىللىي مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تۈردىكى يازغۇچىلارغا نىسبەتەن مىللەت پەقەت بىر شەرتلىك بەلگىدىن دېرەك بېرىپ، ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتدىكى رولىنىڭ قانچىلىك زور بولىدىغانلىقى ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئىككىنچى
ئاز سانلىق مىللەت ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىز، گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ ئامىللار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆپلىگەن سەۋەبلەر بۈگۈنكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئاجىز، گىرۋەك ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ خىل ئاجىز، گىرۋەك ئورۇندا تۇرۇش جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپلا قالماي، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتى ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى بىلەن بولغان پىكىرلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشتا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشتەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.ھەممىمىزگە ئايانكى، باشقا-باشقا مىللەت، باشقا-باشقا مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، پىكىرلىشىش ئۆزئارا ئىپادە قىلىش ۋە پىكىرلىشىش قوش يۆنۈلۈشتىكى ئىپادە قىلىش ۋە باراۋەر پىكىرلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىشى كېرەك. ئەمما، ھازىرقى يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتىدا بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز كۈچلۈك مەدەنىيەت ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى ئاجىز مەدەنىيەت ياكى گىرۋەك(گىرۋەك) مەدەنىيەتكە يۇقىرىدا تۇرۇپ تۆۋەنگە ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەشتە ئوقۇغۇچى ۋە ئىپەدىلەنگۈچى ئوبيېكىت ئەركىن سېزىدىغان مەدەنىيەتمەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چىقىش قىلماستىن، كۈچلۈك مەدەنىيەتنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە قىممەت گەۋدىسىنى چىقىش قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ختا چۈشەنچە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى باشتىن تارتىپلا كۈچلۈك پىكىرنىڭ بېسىمى ئاستىىدكى ئىپادىلەش ۋە خاتا چۈشىنىش ئىچىدە ترۇپ كەلدى.ھازىرقى زامان موڭغۇل ئەدەبىياتىنى مىسل قىلىپ سۆزلەيلى. 50-يىللاردا مالاچىنفۇ، ئودىسىر، چوقتۇنارىن، پېنسك، زاراگاخۇ ۋەكىللىكىدىكى يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئخقادىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىچكى موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ ئەسەرلەەر ئەينى چاغدا بۇ رومانلاردا بەدئىي قاراش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى جەھەتتە شۇ دەۋردىكى خەنزۇ يازغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك يېتەرسىزلىك مەۋجۇت ئىدى. ئەمما كىشىلەر بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدئى ئۇسلۇبتىكى بۇ كەمتۇكلارغا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن، موڭغۇل مەدەنىيىتى ئاساسىي ئېقىمدىكى مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەسلىدىنلا ھېسىداشلىق قىلىنىش، ئەپۇ قىلىشتەك ئاجىز ۋە گىرۋەك ئورۇندا تۇراتتى؛ ئىككىنچىدىن، بۇ يايلاق مەدەنىيىتى ئىپادىلەنگەن رومانلاردا ئىپادىلەنگەن ناتونۇش بولغان يات مەدەنىيەت مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ يات مەدەنىيەتكە بولغان ئىنتىزارلىقىنى قاندۇردى. كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بولىدىغىنى بۇ رومانلادىكى بەدئىي ئۇسلۇب بولماستىن، بەلكى باشقا مەدەنىيەت مەنزىرىسى – يايلاق مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، يايلاقنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلاردۇر.يەنە مىسالغا ئالساق، جۇڭگودىكى بۈگنكى زامان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى تەلەيلىك ھېسابلىنىدىغان ئۇرېرتۇنىڭ «ئوۋچىنىڭ ئۆتۈنۈشى»، « ئاچىماق مۈڭگۈزلۈك بۇغا»، «كەھرىۋا رەڭلىك گۈلخان» دېگەن ئەسەرلىرى ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. بىراق، ئۇنىڭدىكى بەدئىي قاراش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە چىققان دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئېلۇنچۈن مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي فورماتسىيىسىنىڭ مەدەنىيەت مەزنرىسى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېلۇنچۈن ئىپتىدائىي مەدەنىيتىنىڭ ناتونۇشلىقىغا بولغان ئىنتىزار نەزىرىنى قاندۇردى دېگەن تۈزۈك. چۈنكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت فورماتسىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گىرۋەكتە، ئاجىز بولىشى تەبىئىي. ئەمما، مانا مۇشۇنداق بىر مىللەتتىن ئاساسىي ئېقىم سىستېمىسى تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان يازغۇچى مەيدانغا كەلگەن، ھەمدە ساپ بولغان ئېلۇنچۈن مەدەنىيىتىنىڭ ناتونۇش مەزىرىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.ئاپتورنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئەسەردىكى مەدەنىيەت مەنزىرىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەسەرنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا بەكرەك لاەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.دەل مانا مۇشۇنداق بولغاچقىلا كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ كەسكىن ئوبزورچىمۇ ئۇلارنىڭ ئەسىرىدىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەت مەۋقەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى ۋە «باشقىلار»نىڭ ئوقۇش ئىستىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى بەرىبىر يات مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ، گەرچە بۇ مەدەنىيەتلەر گىۋەكتە بولسىمۇ كۆپىنچىلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان تارىخلىرى بار. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى تارىختا كۈچلۈك مەدەنىيەت بولغان، مەسىلەن: موڭغۇل مەدەنىيىتى، قىتان مەدەنىيىتى، تېبەت(زاڭزۇ) مەدەنىيىتى، مانجۇ مەدەىنيىتى، خۇيزۇ مەدەنىيىتى قاتارلىق، بۇ خاتىرىلەر مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ پىسخكىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇلاردا بۇ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە يات مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقىي فورماتسىيىسىنى كۈچلۈك چۈشىنىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. دەل مۇشۇ يازغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە تولغان ئىجادىيىتى «باشقىلار»نىڭ گىرۋەك، ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشىغا بولغان ئىستىكىنى قاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىي زوقلىنىش بەلگە ئاستىدىكى مەدەنىيەت قاتلىمىغا كىرىپ قالغان ھامان، بولۇپمۇ بىر مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە قىممەت سىستېمىسىنىڭ «ئىشىك يوچۇقى»دىن باشقا بىر مەدەنىيەت سىستېمىسىنى كۈزەتكەندە، خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىدىن زور ئارقىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خاتا چۈشىنىش ئاساسلىقى مىللەت ۋە مىللىي ئۆرپ ئادەتنى خاتا چۈشىنىشتە ئىپادە بولىدۇ.ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مىىلىي مەدەنىيەتنىڭ تىرىك ئابىدىسى. ھەر قانداق بىر ئۆرپ-ئادەت مۇشۇ مىللەتنىڭ ئىستېتىك پىسخىكىسى بىلەن ھاياتىدىكى ھېسسىيات ۋە ئىرادىسىنىڭ بۇيۇملاشقان فورماتسىيىسىدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىدىن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى دەسلەپكى ھەقىقى قىياپتىنى ئوپ-ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما، ئۆرپ-ئادەت ھەرىكەتلىك تەرەققىيات سىستېمىسى بولۇپ، بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىدۇ، بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر بولسا مەدەنىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللەت تارىخى ھەتتا مىللىي روھنىڭ ھامىلە مېڭى سۈپىتىدە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ خاتىرىسدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى خاتا چۈشىنىش پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يايلاق مەدەنىيىتىنى مىسال قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يايلاق تىلغا ئېلىنسىلا، بىپايان ئاسمان، چەكسىز دالا، ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر، يار-يار ھارۋىلار نامايەن بولىدۇ؛ موڭغۇللار تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنسىلا ئوت-چۆپ ۋە سۇنى قوغلىشىپ ماكانلىشىدىغان، خام گۆش يەيدىغان، يوغان ئاپقۇرلاردا مەي ئىچىدىغان مەنزىرە، مىللىي خاراكتىرى تىلغا ئېلىنسا تەربىيە كۆرمىگەن، مەردانە-جاسارەتلىك ھالەت ناميەن بولىدۇ. ئەسلىدە جانلىق، كۆپ خىل، مۇرەككەپ بولغان مىللىي تۇرمۇش ۋە خاراكتىر، ئابىستىراكىتلاشتۇرۇۋېتىلگەن، قاتماللاشتۇرۇۋېتىلگەن. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى يايلاق ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىدە نۇرغۇنلىغان ئاتاقتىكى ئۆرپ-ئادەت كەنتلىرىدە ئاللىبۇرۇن موڭغۇل كەمزۇرلىرىنى تاشلىۋەتكەن موڭغۇللارغا كەمزۇر كىيدۈرۈلگەن، ئاتنى تاشلاپ موتوسىكىلىت بىلەن مال بېقىۋاتقانلارغا ئات مىندۈرگەن، كىگىز ئۆيدىن خىشلىق ئۆيلەرگە كۆنگەنلەرنى كىگىز ئۆيلەرگە كىرگۈزگەن، تىراكتۇر ئىشلىتىشكە باشلىغان موڭغۇللارنى يار-يار ھارۋىغا چۈشۈرۈپ قويغان، مانا مۇشۇلار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ غەلىتە پىسخىكىسىنى قاندۇرىۋاتقان. بۇ ھادىسىلەر ماھىيەتتە مىللىي مەدەنىيەتكە خىلاپ، تىراگىدىيە تۈسىدىكى مەدەنىيەت نامايەندىسى بولۇپ، بۇنداق نامايەندە قىلىش بىر تەرەپتىن ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە خوشامىتىنى ئىپادە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت بىلەن بولغان پەرقىنى زورايتىۋېتىپ، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش دەرىجىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەردىمۇ ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىدىكىدەك خاتا چۈشەنچە ھادىسىلىرى مەۋجۇت. 80-يىللارنىڭ ئاخىرى روياپقا چىققان، زاڭزۇلار تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدىغان «گەز باغلىغان تىلىڭنى ياكى بىكارچىلىقىڭنى كۆرسەت» رومانى چەكلەندى، سەۋەبى يازغۇچى پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى، دىن سىياسىتىگە خىلاپ ئىش كۆرگەن، زاڭزۇلار تۇرمۇشىنى بۇرمىلاپ تەسۋىرلىگەن. ئەمما مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ ئەسەردە يازغۇچى پارتىيىنىڭ مىللىي، دىن سىياسەتلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن باشقا يەنەئەڭ ئاساسلىقى مىللىي مەدەنىيەت(ئۆرپ-ئادەت)نى پارچىلاش شەكلىدە خاتا چۈشىنىۋالغان. كونكېرت مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەنئەنىسى ۋە سىستېمىسىدىن پارچىلاپ ئېلىپ «باشقىلار» نىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى، مەدنىيەت قىممىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «ئىپادىلەش» ۋە «ئىجاد قىلىش» مىللىي مەدنىيەتكە زور زىيان سالدى.ھەممىمىزگە ئايانكى، مىللىي مەدەنىيەت بولسا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان مۇكەممەل ھاياتلىق سىستېمىسى بولۇپ، خۇددى نۇزى ئېيتقاندەك: ”بىر مىللەتنىڭ كوللىكتىپ تىرىشچانلىقى ئاستىدا شەكىللەنگەن مەلۇم تۇرمۇش سەكلى بولۇپ. بارا-بارا ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۇھىتىنى بەرپا قىلغان. ئۇ – ئۇلارنىڭ سەنئىتى، پەن- تېخنىكىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىنى ھەم قائىدە-يوسۇنلىرى نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ......(مەدىنىيەتنىڭ) قىممەت قارىشى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى، خەلق چۆچەكلىرى، رەسىم، نەققاشلىق، مۇراسىم، تەبرىك پائالىيەتلىرىدە گەۋدىلىنىدۇ.“① بۇ ئامىللار ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرىدىغان مەزمۇن بولالايدۇ. بىراق بىز بۇ بەدئىي ئۇسلۇبلارنى مىللىي مەدەنىيەت سسىتېمىسىدىن يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئستېتىك پۇراقنى يۈزەكى قاتلامدىن ھېس قىلساق، ياكى بولمىسا ناتونۇش لەززەت ۋە قىزىقچىلىقنى «ئىشىكنىڭ شىشىقى»دىن ماراپ ئېرىشسەك مىللىي مەدەنىيەتكە نىسبەتەن پارچىلاش شەكلىدىكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل خاتا چۈشەنچە تېخى كىشىلەرنىڭ راۋرۇس دىققىتىنى تارتقىنى يوق. ئەكسىچە، كۆپ ھاللاردا ئاساسىي ئېقىم مەدەنيىتىدىن كەلگەن ئالقىش ۋە مەدھىيىلەرگە مەسخۇش بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىز، گىرۋەك ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزغا سەل قاراپ، خاتا چۈشەنچنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پەرۋا قىلمايۋاتىمىز.
ئۈچىنچى
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ گىرۋەكلىشىش، خاتا چۈشەنچ پەيدا قىلىش ئەمەلىيىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۈچۈن كەڭ تاشا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن. ئەمما، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گىرۋەكلىشىشى يەنە بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىكىدە دەرقەمسىزلىكى ۋە گىرۋەكلىشىشىنى بەلگىلىگەن. نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ساداسىنى كەمدىن كەم ئاڭلايمىز، روشەن مىللىي مەدەنىيەت مەۋقەسى ۋە مىللىي كىملىكنى ئىنتايىن ئاز ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: يېڭى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئىچىدە جاڭ چىڭجى، ئۇرېرتۇ، جاشى داۋا، ئەلي، بورجى يۈەنيې، مېي جو، شياڭ بېنگۈي قاتارلىق يازغۇچىلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىپتىخارى دېيىشكە بولىدۇ، ئەمم اقىزىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە بېرىلگەن باھالارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئاساسىي ئېقىمدىن كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ يازغۇچىلارغا ئەدەبىي ۋە مدەنىيەت مەنىسىدىن قىلىنغان باھا ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتدىن كەلگەن. بولۇپمۇ بۇ ئەدەبىي تەنقىدلەردىن ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە بولغان شەرھىسىنى ھېس قىلپلا قالماستىن يەنە ئاساسىي ئېقىمنىڭ كۈچلۈك سۆز ئىبارىسىدىن بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبارسىز قاراۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلالايمىز.مەسىلەن: ئالەينىڭ رومانى «چاڭ توزان بېسىققاندا» گە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىلەردە، شۇنى بايقايمىزكى، كۆپىنچە ماقالىلاردا روماندىكى ناتونۇش بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئۆزگىچە بولغان بىرىنچى شەخستىن باشقا نۇقتىدا تۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلىغا زور قىزىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما روماندىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تەسۋىرلەنگەن يۈزەكى ھادىسە ئاستىىدكى چۇڭقۇر قاتلاملىق مىللىي مەدەنىيەت قىممىتىگە بولسا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سىستېمىلىق تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىنمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇھكىمە قىلغۇچى پەقەت روماندىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسىگىلا دىققەت قىلغان، نېمىشقا مۇشۇنداق ئىپادىلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان، يەنى زاڭزۇ مەدەنىيىتى سىستېمىسىغا ھەقىقى ئىچكىرلەپ كىرمىگەن، روماندىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ۋە قىلمىشلىرىنى زاڭزۇ مدەنىيىتى پىسخىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ شەرھىلىمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رومان گەرچە گىرۋەكلىشىش تېمىسىدا يېزىلغىنى ئۈچۈن مۇاكاپاتلانغىنى بىلەن، بۇ روماننىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تارىخى ۋە جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا پەيدا قىلغان ئەھمىيىتىنى تەتقىق قىلىش تېخى باشلانغىنى يوق. يەنە مىسالغا ئالساق، گو شۆبونىڭ قۇملۇق تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش رومانلىرىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولىشى، ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت مەزمۇنى يەنى رومانغا سىڭدۈرۈلگەن موڭغۇل مىللىتىنىڭ تەبىئەت قارىشى ۋە تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭدىكى ئېكېلوگىيىلىك ئەھمىيىتى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېكولوگىيىلىك رېئاللىقىنىڭ مەنپەتىگە بولغان غەمخورلىقىغا ماسلاشقانلىقىدىن بولغان.شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، باشقا بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىغا بولغان خاتا چۈشەنچ ۋە تەنقىد بەزىدە بىر مىللى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت يۆنۈلىشى ۋە تاللىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەت مەۋقەسىنى يوقىتىدۇ. ئىلگىرى «قۇياش قەبىلىسى» دېگەن ئەسىرى بىلەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ”تۇلپار مۇكاتى“غا ئېرىشكەن زاڭزۇ ئايال يازغۇچى مېي جو ئىجادىيەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ناھايىتى مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن تەۋە بولغان يازغۇچىلار توپى بۇرۇن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قاتارىغا چىقرىۋېتىلگەن ئىدى. ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىدا ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچ يېتەرلىك ئەمەس، باشقىلارمۇ ئۇلارنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئەسلىدە بىر مىللىي ئەسەر يازىمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم، ئەمما ئەسەر پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن مىللىي ئەسەر دەپ بېكىتىلدى، ئەدەبىي ئەھمىيىتىگە سەل قارالدى، يېپىۋەتتى. مېي جو بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا يېقىنلىشى ئىستىكى ھەم مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەت مەۋقەسەنى ئۆزگەرتىشكە بولغان تەخىرسىز كەيپىياتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلغان. مېنىڭچە گەرچە ئۇنىڭ زاڭزۇ مەدەنىيىتىگە چۇڭقۇر مۇھەببىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل نىيىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت نىشانىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يەنە گو شۆبونىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى بىر يۈرۈش قۇملۇق تېمىسىدىكى رومانلىرى يايلاق مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىگەندىكى مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتەك روشەن بولغان مەنپەئەت پۇرىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى گەۋدىسىدىن پۈتۈنلەي ئاجراپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە ماسلاشقان ھۇزۇرلىنىش خاراكتىرىدىكى مەسەل ياكى چۆچەككە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەليلى گو شۆبو بولسۇن ياكى مېي جو بولسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبنى ئىگەللىشى ۋە جار سېلىشىدا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ روامنىدا ئىپادىلەنگەن مىللىي پۇراق ئىكەنلىكىنى تېخى چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، مۇبادا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدەنىيەت بىلەن بولغان قانداشلىقىنى ئۈزۈپ تاشلىسا ئۇلارنىڭ ئىجاىديەت ھاياتىمۇ شۇ ھامان جەھەننەمگە يول ئالىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ دەرقەمسىزلىكى ۋە ئاساسىي ئېقىمنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا بولغان تەنقىدىدىكى خاتا چۈشەنچلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدىچىلىكىنىڭ كۈچى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى كۈچىدىن ئاجىز، ھازىرغىچە تېخى ئۆزىنىڭ بىر بۆلۈك تەنقىدچىلەر قوشۇنى ۋە تەنقىدچىلەر توپىغا ئىگە بولغىنى يوق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىن ئارقىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمۇ تارقاق ھالەتتە بولۇپ، ھەقىقى مەنىدىكى بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىنىڭ تەنقىد قارىشى كەمچىل، بۇ ئالدى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئۇقۇمىنىڭ چېگرىسى ۋە مەزمۇنىغا باھا بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ.بىلىشىمىز كېرەككى، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاساسىي گەۋدە مىللەت(خەنزۇ مىللىتى) تىن باشقا جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يىغىندىسى بولۇشى كېرەك. مەلۇم بىر يەككە مىللەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچ قاتلام مەنىگە ئىگە بولىدۇ، بىرى، ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىچكى قانۇنىيىتىگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يەككە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى؛ ئىككىنچى، پۈتۈن جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى بولسا جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى گەۋدىسىدە ۋەكىللىك قىلغان جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن قىممىتى ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسىرىگە بولغان تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە چوۇقۇم مۇشۇ ئۈچ خىل مەنە ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. يەنى، بىر ئاز سانلىق ئەدەبىي ئەسىرىنى باھالىغاندا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مىللى خاسلىقىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتى تەرەقىياتىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىگە باھا بېرىش، ھەمدە ئۇنى پۈتۈن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاراق كۆرۈنۈشىگە قويۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى تەسىرىگە باھا بېرىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى جڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئۆزگىچە ئىجادىيىتى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ تقىممىتىنى دەل، توغرا ئىگەللىگىلى بولىدۇ.بىراق ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە ھەمىشە بىر يەككە ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئۇقۇمى بىر پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىنماقتا. مەسىلەن: موڭغۇل ئەدەبىياتى، زاڭزۇ ئەدەبىياتى، جۇاڭزۇ ئەدەبىياتى، بەيزۇ ئەدەبىياتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، يەككە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بىر پۈتۈن گەۋدە نۇتقسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەپسىلىي كۈزىتىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ خېلى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ ۋە سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇندىن باشقا، بۈگنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە سەگەك تۇرۇپ تەنقىد قىلىش ئېڭى كەمچىل، بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ مىللى مەدەنىيەت جۈملىدىن تەنقىد ئوبيېكتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە چۈشىنشى كەمچىل بولغاچقا، مىللى ئەدەبىياتتىكى ئايرىم مىساللارغا نىسبەتەن ئىچكىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت تەھلىلى ئېلىپ بارالمايدۇ ۋە بەدئىي باھا بېرەلمەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى ئەسەرلەردىكى مىللى پۇراق، مىللى تەسۋىر بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ جېنى بولغان مىللىي روھنىڭ غەليانلىرى ۋە ئۇنىڭ قايتا تىكىلىنىشىدەك ھالىقىلىق ۋە ئورتاق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئېتىبارى يېتەرلىك ئەمەس. يەر شارى خاراكتىرلىق نەزەر بىلەن مىللى مەدەنىيەتكە، مىللى مەدەنىيەت ۋە تەنقىد قىلىنىۋاتقان ئوبېيكىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ يەر شارى مەدەنىيەت ۋەزىيىتىىدكى ئورنىغا ئەسلا باھا بېرەلمەيدۇ. ھەمىشە ئەس بىلەنلا، ئاپتور بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ، يۈزەكى ۋە ئادەتتىكىچە شەرھى ھالىتىدىلا تۇرۇپ قالىدۇ، يازغۇچىنى نىشانلىق يېتەكلىيەلمەيدۇ، بىرەر ئەسەر ياكى بىرەر يازغۇچى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نەزەرىيىۋى كۈچى كەم. شۇڭلاشقا يازغۇچىلار ئوبزوردىن ئىلھام ئالالمايدۇ. جۈملىدىن بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسىنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يازغۇچىلاردا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى سەۋەبىگە ئىنتايىن سەگەك تونۇشى يېتەرلىك بولماي، مىللى مەدەنىيەتتىن چەتنەش خاھىشى كۆرۈلگەن چاغدا، ياكى بولمىسا، يازغۇچى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك ھالدىكى باھاسىغا ۋە يېتەكلىشىگە تازا ئېھتىياجلىق چاغدا، ئەدەبىي تەنقىد ھەمىشە زۇۋانسىز، دەرقەمسىز ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ(مەسىلەن: ئالەي، مېي جو تۈرىدىكى يازغۇچىلاغا نىسبەتەن). بۇ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى تېگىشلىك رولى ۋە جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىدىكى تەسىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تۆتىنچى
گىرۋەك مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشىنىشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ئاجىز ئورنىنى ئۆزگەرتىش، يالغۇز ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە بولغان ئاڭلىق قارشىلىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى زورايتىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپتۇر. بۇ نۇقتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نۇتقىمىزنىڭ ئورنى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ پۈتكۈل جۇڭگو بۈگنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىدىكى ئاجىز ئورنىنى ۋە گىرۋەكلىشىشتەك رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مىللى مدەنىيەتنى توغرا چۈشەندرۈشنى ئۆز زېممىسىگە ئالغان چاغدا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەندقى نۇتقىنى بەرپا قىلىشى، گۇمانىتارىلىق روھقا ۋە ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى ئىلىم خىسلىتىگە ئىگە بولىشى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلمىي پىرىنسىپىنى قوغلىشىشى كېرەك، بۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆزىنىڭ گىرۋەك ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت بۇرچىنى ئورۇنداشتا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇقەررەر يولدۇر.جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇشۇ ئەسەر يارىتىلغان ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“غا قايتۇرۇپ كۈزىتىش ۋە تەەھلىل قىلىش - خاتا چۈشەنچ ھادىسىسىنى تۈگىتىشتىكى قوللىنىشچان تاكتىكىدۇر. مەدەنىيەت”تىل مۇھىتى“(Culture Context) ئەدەبىي ئەسەر يارىتىلىدىغان مەنبەدۇر.ئەدەبىيات ئېمبرىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ - زامان ۋە ماكاندىكى بەلگىلىك مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بىلەن مەدەنىيەت ھالىتى تەشكىل قىلغان ”مەدەنىيەت مەيدانى“ (The field of Culture) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ كاتېگورىيىنىڭ ئىككى قاتلام مەنىسى بار. بىرى ئەدەبىي ئەسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالاھىدە مەدەنىيەت مورفولوگىيىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ مەۋجۇتلۇق ھالىتى، ئۆرپ-ئادەت، پىسخىكىلىق مورفولوگىيە، ئېتىكىلىق قىممەتتىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ”مەدەنىيەت كەيپىياتى“نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بىرى ئەدەبىي ئەىسەرنىڭ ئاپتورى( ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق يازغۇچىسى، يەككە ياكى ئوپچى ئىجاد قىلغۇچى)نى كۆرسىتىدۇ.بۇ ئالاھىدە ”مەدەنىيەت مەيدانى“ دىكى مەۋجۇدلۇق شەكلى، مەۋجۇدلۇق يۈزلىنىشى، بىلىش ئىقتىدارى، بىلىش يولى بىلەن بىلىش پىسخىكىسى ۋە تونۇش ئۇسۇلى، ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق يەتكەن بىلىش دەرىجىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاپتورلىرىنىڭ ”بىلىش مورفولوگىيىسى“ دۇر. ”ئەدەبىيات ئېمبرىئولوگىيە“ سىنى تەشكىل قىلىدىغان ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ ”ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىغىندىسى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى “، ”يات مىللەت مەدەنىيەتى بىلەن روبىرو تۇرۇشى بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ ۋە ”ئىنسانىيەت تەپەككۇرى بىلەن بىلىش ئورتاقلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ. ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسىرى مانا مۇشۇنداق تىل مۇھىتىدا پەيدا بولىدۇ②. ئەدەبىي ئەسەرنى مانا مۇشۇ ئۈچ خىل تىل مۇھىتىغا قايتۇرغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ئەدەبىي ئەسەردىكى كونكېرت مەدەنىيەت مورفولوگىيىسى بىلەن مۇشۇ ئەسەر تايندىغان ئانا گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلىيەلەيمىز، مىللى مەدەنىەيەتتىن ئىبارەت ئەينىكى بىلەن كونكېرت ئەسەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى يورۇتۇپ بېرەلەيمىز، يازغۇچىغا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز، شۇندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيەت يولىمىزنى توغرىلىيالايمىز. بۇ نۇقتا ئەمدىلا باش كۆتۈرۈۋاتقان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئالەي، شى شۇچىڭ، شياڭ بېنگۈي، گۈيزى، شا لى قاتارلىق يازغۇچىلارغا ناھايىتى مۇھىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى، پۈتكۈل ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىمدۇر.يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، يەرشارىلىشىۋاتقان تىل مۇھىتى شارائىتىدا، يالغۇز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىىدكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا كونكېرت مەدەنىيەت مۇھىتىغا قويۇشىمىز ئەسلا كۇپايە قىلمايدۇ، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى ئكز تەرەققىياتىدا بېكىنمە ھالەتتە بولماسلىقى، بەلكى ئوچۇق ھالەتتە بولۇشى، ئۆزىدىكى ھاياتى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئامىللارنى قوزغىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، راۋاجلىنىشنى يات مەدەنىيەتتىن ئىزدىنىشى لازىم.مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەرەققىياتىنى يات مەدەنىيەتتىن ئىزدىنىش يالغۇز يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا تاللىغان قارشىلىشىش تاكتىكىسىلا بولماستىن بەلكى يەنە ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆز مىللىتى مەدەنىيەت ئاجىزلىقىنى، گىرۋەكلىك ئورنىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇقەررەر يولدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيتى بىلەن ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىدىكى كۈچلۈك، ئاجىزلىق پەرقىگە دىققەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ گىرۋەكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى خىل مەدەنىيەت(ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەت) نىڭ دىئالوگ مۇمكىنلىكى ۋە ”جەم بولغان ئەمما ئوخشىمايدىغان“ يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشىنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك.مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشى يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتى شارائىتىدا ھەرگىزمۇ يەنە بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر خىل مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ”ئاز سانلىقلار“ گىرۋەك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقىلا قاراشلىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىدا سوقۇلىشى ھەرگىزمۇ يەككە يۆنۈلۈشتە بولماستىن، بەلكى قوش يۆنۈلۈشتىكى ئۆز ئارا شەرھى ۋە دىئالوگدۇر. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدىكى دىئالوگ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى سىلجىتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى ئاز سانلىق پىكىرلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنى يىغىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، تەنقىدى پىكىرلىرىنى توپلاشقا مەدەنىي ئاساس تەييارلاپ بېرىدۇ.بۇ نۇقتىدا ئوخشاش مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئورتاق مەدەنىيەت ئورنى ۋە ئورتاق سىياسىي تىل مۇھىتى(دۆلەتنىڭ مىللى سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى، مەدەدنىيىتىگە قىلغان يار يۆلىكى) ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە بىربىرىنى تولۇقلىشى ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى ئالدى بىلەن ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەببىي تەنقىدىنىڭ يىغىندىسى بولۇشى كېرەك؛ بىر تۇتاش بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمى ئاستىدىكى بىر تۇتاش تەنقىد پىكرى ۋە تەنقىد قارىشى يېتەكچىلىكىدىكى تەنقىد بولىشى كېرەك؛ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى نەزەرى ئاستىدىكى باشقا-باشقا ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ھازىرقى ئۆزگىرىشى ۋە قايتا كۈزىتىشىنىڭ ھەمدە ستراتېگىيىلىك تەشكىللىنىشى بولىشى، ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈدىغان، دائىرە بويىچە ئىش كۆرۈدىغان پارتىزانلارچە بولماسلىقى كېرەك؛ سىرتقى يات مەدەنىيەت بىلەن بىر گەۋدە قىياپىتىدە دىئالوگ قىلىشى، پىكىرلىشىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغىلى، گىۋەكلىكتىن چىقىش ۋە ئاجىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەمەلىي كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىللى مەدەنىيەتنىڭ پاكلىقىنى قوغداشنى مەقسەتنى چىقىش قىلغان ئاق كۆڭۈللۈكنى چىقىش قىلغان بېكىمىچىلىك نەتىجىدە تېخىمۇ گىرۋەكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا خاتا چۈشىنىش سادالىرى ئىچىدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھايتاىي كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاشكارىلىقى – ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئەدەبىيات قرىشىنى ئۆرنەك قىلىشى، قوبۇل قىلىشى ۋە يەرشارىلىشىش مەدەنىيەت ۋەزىيىتى شارائىتىدا ئۆز ئورنىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. لۇشۈن ئەپەندىنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئېلىپ كىرىش ئىديىسى بىزنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك مەدەنىيەت نەزەرىيىسىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ مەۋجۇدلۇق تاكتىكىسى بولماستىن، بەلكى يەرشارىلىشىش تىل مۇچىتى شارائىتىدىكى مىللى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ۋە مۇقەررەر تەلىپىدۇر.ئۇندىن باشقا، مۇستەقىل ئىلمىي روھ تۇرغۇزۇش بولسا ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىچكى خىسلىتىدۇر. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆز مىللىتىدىكى يازغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خۇلاسىلەپ، باھالاپ ۋە يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مىللى مەدەنىيەتنى تارقىتىشبۇرچى، ئۆز تەنقىدىنىڭ پىكرىنى كۈچەيتىشتەك ئاداققى نىشانىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت نەزەر دائىرىسى ۋە ئىلمىي نىشانى ئۆزىنىڭ ئىلمىي روھىنىڭ مۇھىم تەرىپىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي روھى يەنە ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ مېغىزىنى تاللاپ شاكىلىنى تاشلىۋېتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.ھەممىگە ئايانكى، بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى، ئەركىنلىكى، ئۆزىنى تىزگنلەيدىغان ھاياتلىق سىستېمىسى بولىدۇ. ھەر بىر مەدەنىيەت بەلگىلىك مەدەنىيەت گەۋدىسىگە تەۋە بولىدۇ. تارىختا مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى كۆپ ھاللاردا مىللەتنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشدىن ئىبارەت ”قاتتىق دېتال“ بىلەن ئىسپاتلىنىپ كەلدى. مىللى مەدەنىيەت بولسا مىللى كىملىكنىڭ بىر خىل بەلگىسىدۇر. گەرچە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئالاھىدە بىر تىل مۇھىتىدا مىللى مەدەنىيەت ھەر خىل تەرەققىيات ھالىتىدە گەۋدىلەنگەن بولسىمۇ، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققى قىلىدۇ. بىر مىللەت ئۆزى تاينىدىغان مەدەنىيەت گەۋدىسىنى تاپقاندا، بىر خىل مىللى مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى، ئەركىنلىكى، ئۆزىنى تىزگنلەيدىغان ھاياتلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەندە، بۇ سىستېمىنى ئاسراش ۋە ئۇنى قوغداش گويا تۇغما قابىلىيەتكە ئايلىنىدۇ. خۇددى فانۇن مىسال قىلىپ ئېيتقاندەك: ”گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە، يەرلىك سەنئەتكار ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي بىر پارچە مىللەتنىڭ بەدئىي ئەسىرىنى ياراتماقچى بولغاندا، پىنھان جايغا كىرىۋېلىپ كونا قادىئەلەر بويىچە بارلىق ئۇششاق دېتاللارنىمۇ قويماي ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇنداق سەنئەتكارلار گەرچە ھازىرقى زامانىۋى ماھارەت(ئۇسلۇب) نى ئۈزۈل كېسىل تەتقىق قىلغان، ھازىرقى زامان رەسساملىق ۋە بىناكارلىق ئېقىملىرىغا قاتناشقان بولسىمۇ، چەتئەل مېدىنىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ، ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۆزى قول تىقىپ ھەقىقى مەنىدىكى مىللى مەدەنىيەتنى ئىزدەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قارىشىدىكى مىللىي سەنئەتنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. ئەمما بۇ كىشىلەر تەپەككۇر شەكلى ۋە ئۇ تايىنىدىغان ئوزۇقلۇق ماتېرىيالى ھەتتا زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى، تىل، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنىڭ دىئالىكتىكىلىق بىلەن قايتا تەشكىللىنىپ خەلقنىڭ پىسخكىسىغا كىرگەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان، مۇستەملىكە دەۋرىدە قوغداش رولىنى ئوينىغان ئاشۇ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلار مانا ئەمدىلىكتە غايەت زور ئۆزگىرىشىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە... ھەقىقى بەدئىي ئەسەر ياراتماقچى بولغان سەنئەتكار مۇقەررەر ھالدا شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ رېئاللىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئۇ چوقۇم كەلگۈسى بىلىملىرىنى بايقىغان جايغا يەتكۈچە توختىماي ئالغا بېسىشى كېرەك.“③ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھالەت پەقەت مەدەنىيەتنىڭ بېكىنمىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بولسا پايدىسى تەگمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت قارىشىنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئىنتايىن قىيىن. كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك مەدەنىيەت نەزەرىيىسىدە بىر جۈملە سۆز بولۇپ ئۇ ئەينەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ: ئاز سانلىقلار ھۆكۈمراننى(زومىگەرنى) ئىنكار قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئاز سانلىقلارنى ئىناكر قىلىشى كېرەك. ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلا مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى قوغدىغۇچىسىدۇر. بۇنداق ئىنكار قىلىش ئەلۋەتتە ئاددى مەنىدىكى تاشلىۋېتىش ئەمەس، ”باشقىلار“ نىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت سىستېمىسى ياكى ”ئىشىكنىڭ شىشىقى “نى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باشقا بىر مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئاسمىلىياتسىيە قىلىش تېخىمۇ ئەمەس. بەلكى پۈتۈن دۇنيا يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پاسسىپ ئامىل ۋە ناچار مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. 20-ئەسىرنىڭ 20-،30- يىللىرىدا لۇشۈننىڭ خەلقنىڭ خاراكتىرى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى فېئودال ئامىللارنى تەنقىد قىلىشى ۋە ئىنكار قىلىش روھى ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىزگە ناھايىتى ياخشى مىسال بولالايدۇ.مۇبادا ئۆزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ئاساسىي يېتەكچى مەدەنىيەتنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشقا قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئوخشاشلا ئۆز ساپاسى ۋە خىسلىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولغان بولىدۇ. بۇ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتنى خاتا چۈشىنىش تىپىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىگە ئوخشىمايدۇ. مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ”چىرىپ ئۆلگەن قىسمى “نى مەردانىلىق بىلەن ئىنكار قىلىشمۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي روھىنىڭ تەركىبى قىسمىدۇر.ئەلۋەتتە، بىز چوقۇم جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى كۆپ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ بىرىكمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تارقاق ۋە ھەر بىر يەككە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ پەرقلىق بولىشى ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئۆزئارا ئوخشاش ئاجىز ئورنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ماسلاشتۇرۇش (بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىش) تا بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە بۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى تارقاقلىقتىن مەركەزلەشتۈرۈشكە، قىسمەنلىكتىن بىر پۈتۈن گۋدىلىككە يۈزلەندرۈرۈش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەسلىدىنلا جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مەيلى ئەدەبىي ئىجادىيەت بولسۇن ياكى ئەدەبىي تەنقىد بولسۇن ئۇنىڭ گۈللىنىشى ياكى چېكىنىشى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتىدا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈلەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇش بىلەن بىرگە ئوخشاشلا جۇڭگو ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى منۇقەررەر تەلەپتۇر. بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى يوق.
ئىزاھات:
① كېتۇ كاتلاك: «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى: كېيىنكى مۇستەملىكە ئاياللار ئەسىرىنىڭ نەزەرىيىسىگە يۈزلىنىش» ئابدۇل. R.جانمۇھەممەد، داۋىد لويىد: «ئاز سانلىق پىكىر نەزەرىيىسىگە يۈزلىنىش» 547-بەت، «كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى نەزەرىيىسى» گە كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.② يەنشاۋنىڭ :« ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ بىلەن ”ۋارىئاتسىيە“ ھەمدە ئەدەبىياتنىڭ ئېمبرىئولوگىيىسى» گە قارالسۇن، «كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» 1-توپلام، 84-، 85-بەتلەر، يېڭى دۇنيا نەشرىياتى 2001-يىل 4-ئاي نەشرى.
③ فرانز فانۇن: « مىللى مەدەنىيەت ھەققىدە»، ① بىلەن ئوخشاش، 284-بەت.تەرجىمە قىلغۇچىدىن: لى شاۋفېڭ ئىمزاسىدىكى بۇ ئەسەر ئەسلى «مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىن «جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتى تورى» دا ئېلان قىلىنغان ۋە باشقا كۆپلىگەن تور بەتلەر كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان.
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

没有评论:

发表评论