كەپتەرلەرنىڭ سۇيقەستى(ياپونىيە)شىڭشىنيىھاياۋانات باغچىسىدا بىر پىل بولۇپ، قاچاندىن بېرىكى ئۇنىڭ يېنىغا بىر توپ كەپتەر ئۇۋىلىغان ئىدى. بۇ سەۋەبسىز بولغان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. چۈنكى ساياھەتچىلەر پىلغا تاشلاپ بەرگەن يېمەكلىك پىلدىن ئېشىپلا قالسا كەپتەرلەر تەييار يېمەكلىك ئېرىشەتتى. كەپتەرلەر پىلغا تايىنىپ مۇشۇنداق ئەركىن، ئازادە ھەمدە مەنىسىز ھالدا كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشمەكتە ئىدى. ئەمما بىكارچىلىقتا ئادەتتىكى پاراڭلىرى تۈگەپ، قىغىنمۇنازىرىلەرگە چۈشۈشتى.— پىل دېگەن بۇ ئەبلەخنى ھەقىقەتەن يامان كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن.— توغرا دەيسەن، بۇ پالاكەت بەدبەخ بەك ھاكاۋۇر، بىزنى پەقەت كۆز ئىلمايدۇ.كەپتەرلەر قۇرساق كۆپۈكلىرىنى تۆكۈشتى، بۇ قۇرساق كۆپىكىمۇ دەل پىلدىن ئاشقان يېمەكلىكلەرگە تاينىپ تەييارتاپلىق قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكەن خورلۇقتىن كەلگەن بولسىمۇ، بۇنى ھېچقايسىسى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايتتى، ئېغىزىدىنمۇ چىقىرىشمايتتى. ئۇلار پەقەت پىلنىڭ بىر نەچچە ئېغىز يامان گېپىنى قىلشتىن باشقا ياخشىراق ئاماللىرىمۇ يوق ئىدى.— ھەممىمىز بىر يوللىلا ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ چوقىلايمىزمۇيە؟ بىر نىيەتتە ئىتتىپاق بولۇپ تۇيۇقسىزلا ھۇجم قىلساق چوقۇم ئۇنى يېڭىمىز.— بۇنداق قاراملىق قىلساق بولمايدۇ، چوقۇم بۇنىڭدىنمۇ.كەپتەرلەر پىلان تۈزۈشكە كىرىشتى، دۇنيادا سۇيقەست پىلانلاشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بولمىسا كېرەك. كەپتەرلەر ئۇدا بىرنەچچە كۈن پىلان تۈزۈش بىلەن بولۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەپچىل چارە تېپىپ چىقىشتى. ئۇاردىن بىرسى ۋەكىل بولۇپ پىلنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن:— پىل ئالىيلىرى، پەقت ئۆزلىرىلا ھايۋاناتلارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مۇناسىپ.— شۇنداقمۇ، رەھمەت!— شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزلىرى ئىنسانلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشىسىلا قانداق بولىدۇ، نومۇس ھېس قىلمامدىلا؟— بۇنى مەن ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، قارىغاند اسېنىڭ سۆزلىرىڭ ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ.— ئەمدى ئۇيقۇلىرىنى ئېچىپ ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان پەيت كەلدى. ئۆزلىرى شۇنچە قەددى-قامەتلىك، كۈچتۈنگۈر، شۇنچە يوغان بېشىڭىز ھەمدە ئۇزۇن خارتۇمىڭز بولغاندىكەن چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسىز، ئىنسانلارغا ئۆزىڭىزنى بىر تېتىتىپ قويشىڭىز كېرەك.كەپتەر ئىتائەتمەن پىلنى جىدەل چىقىرىشقا كۈشكۈرتۈپ، پىلنىڭ ئادەمەلر تەرىپىدىن قانداق بويسۇندۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچماقچى ئىدى. شۇنداق بولغاندا ئەڭ زور نومۇسقا قالدىغىنى ئۆزلىرى بولماستىن بەلكى پىل بولاتتى.ئەمما پىل ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەك ياۋاش ئىدى. پىل كەپتەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، كاللىسى سەگەكلەشتى، پۈتۈن بەدىنى قۇۋۋەتكە تولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىشاتكىلارنى سۇندۇردى، كوچىغا چىقىپ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىلەرنى تۈرتۈپ بۇزۇپ يۈردى، ئاخىرى بىر نەچچە پاي ئوق يەپ يەر چىشلىدى.شۇنىڭ بىلەن كەپتەرلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خورلۇقى ئاخىرلاشتى، بۇ تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ئىش بولدى. ئەمما ھاياتلىق رىقابىتى تېخىمۇ كەسكىن تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ ياشىمىقى تېخىمۇ مۈشكۈل بولدى، نەچچە كۈنگە بارمايلا ئۇلار ئاچلىقتىن بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ تۈگەشتى.
«كىچىك ھېكايىلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 5-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
2009年5月13日
订阅:
博文评论 (Atom)
没有评论:
发表评论