سۇ تۇڭ
يۈگرەش مۇسابىقىسى
ئىدارىدىن يۈگۈرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى يوغان قورسىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدىكىلەرگە پەقەت يېتىشەلمىدى. ئاخىرقى نۇقتىغا بارغاندا كاتىپ مۇنداق دېدى:
- سېكىرتار، مەيۈسلەنمەڭ، ئەمەلىيەتتە بۈگۈن سىزنىڭ نەتىجىڭىز ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق سالاپەتلىك يۈگەردىڭىز، ئەگەر سىز ئارقىدىن قوغلىمىغان بولسىڭىز، ئۇلار تېز يۈگۈرەلەمتى؟
كىم سېمىز؟
باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۈچ بالا كىمنىڭ دادىسى ئەڭ سېمىز، دەپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ.
بىرى مۇنداق دەپتۇ:
- مېنىڭ دادام ئەڭ سېمىز، تۈنۈگۈن ئۇ گىرغا چۈشكەنىدى، قورسىقى بەك يوغان بولغاچقا، گىرنىڭ سائىتىنى كۆرەلمەي، مېنى قاراپ باق دېۋىدى، قارىسام دەل 100كىلوگرام كەپتۇ.
يەنە بىرى:
- مېنىڭ دادام سېمىز، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە دادام ئۇخلاۋېتىپ كارىۋاتتىن پولغا چۈشۈپ كەتكەنتى، ئاستىنقى قەۋەتتىكىلەر يەر تەۋرىدى، دەپ قېلىپ تالاغا قېچىپ چىقىشتى.
ئۈچىنچىسى:
- شۇنچىلىكمىتى؟ باشقىلار مېنىڭ دادامنى ئولتۇرسا بىر بىنانى ئىگىلەيدۇ ، بىر ئولتۇرۇشىدا بىر بۇقىنى يەپ تۈگىتىۋېىتىدۇ، دېيىشىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى
ناھىيىدىن كادىرلارنى «ھايات-ماماتلىق تاللاش» دېگەن كىنونى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىنو يېرىملاشمايلا قارا تەرگە چۆمۈپ، ئورۇندىقدىن پەسكە سېرىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك قول-قول ئۇنى يۆلەپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈشتى، ئۇنىڭ ئايالى خەۋەرنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە، دوختۇر ئۇنىڭدىن ئېرىنىڭ ئادەتتە قانداق كېسىلى بارلىقىنى سورىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:
- ئېرىمنىڭ يۈرىكى ئاجىز، ئادەتتە ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرىنى ئاڭلىسا ياكى چىرىكلىككە قارشى كىنو-فىلىملەرنى كۆرسە بۈگۈنكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى
بەزىلەر مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى سەنئەت بۇيۇمىنى چۈشەنمەيدۇ دېۋىدى، كۆپچىلىك ئىشەنمىدى. بىر كۈنى ئىدارە باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ مەدەنىيەت بازىرىنى تەكشۈرۈشكە چىقتى، تەكشۈرۈۋېتىپ ئىدارە باشلىقى بىلىكى يوق ۋېناسنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ:
- بۇ ليۇ خلەنغۇ؟ - دېدى، كاتىپى شۇ ھامان:
- بۇ دېگەن ۋېناس، - دەپ ئەسكەرتتى، بۇنى ئاڭلىغان ئىدارە باشلىقى ئاچچىقلىنىپ دېدى:
- نېمە ۋېناس؟ ۋېناغىمۇ بارغانمەن! چەتئەلگە چىقتىم دەپلا ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرىمىزغا ئەجنەبىيچە ئات قويۇۋالساق قانداق بولىدۇ. بۇ دېگەن ليۇ خلەن، قارا، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى دۈشمەنلەر چانىۋەتكەن گەپ!
«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
2009年5月13日
گېرمانىيەنىڭ بىر شەھەر باشلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ نايكوم سېكىرتارىنىڭ سۆھبىتى
(فېليەتون)
ۋاڭ جەي
بۇ ئىش بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا يۈز بەرگەن. جۇڭگونىڭ مەلۇم ناھىيىسى گېرمانىيىنىڭ بىر شەھىرى بىلەن “قېرىنداش شەھەر” بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشىنى ئارزۇ قىلغان. گېرمانىيىلىكلەرمۇ بۇ تۈرگە ئۈمىد بىلەن قارىغان، ئىككى تەرەپ خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئىناتىيىن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
دەسلىپىدە جۇڭگو تەرەپ گېرمايىلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگوغا كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆزدىن كەچۈرمەي، خەلقئارالىق تېلېفون يىغىنى شەكلىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغانلىقىدىن ناھايىتى ئەجەبلەنگەن. ئەمما يۈز تۇرانە سوراشتىن ئۇيالغان، ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىق قىلىش بىلەن يىغىن ئاخىرى ۋاقتىدا ئېچىلدى.
بارلىق خېرىدار چاقىرىش يىغىنلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇ يىغىندا جۇڭگو تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن –نىزاملىرىنىۋە بۇ ناھىيىنىڭ نوپۇسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئالاھىدە كەسپى قاتارلىقلارنى قارشى تەرەپكە تەپسىلى تونۇشتۇردى، گېرمانىيە تەرەپمۇ سالىدىغان مەبلەغ ۋە مەبلەغ سېلىنىدىغان ساھەنىڭ خەلقئارادىكى بازار ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئەمما گېرماىيە تەرەپ جۇڭگولۇقلارنىڭ دوكلاتىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى، جۇڭگو تەرەپمۇ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقا ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ھەيران بولدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قۇرۇق گەپنىڭ جىقلىقىنى، دوكلاتنىڭ ٪75ىدە دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى يەر جاھاننى قاپلىدى... دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن ، پەقەت ٪25ىنىڭلا “ئىشەنچلىك ئەمەلىي” مەزمۇن ئىكەنلىكىنى، باشقا مەزمۇنلارنىڭ تېلېفون ھەققىنى بىھۇدە زايا قىلىش دەپ قارىدى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار تىزىملىكىدە شەھەر باشلىقى ۋە زاۋۇتنىڭ رەھبىرىدىن باشقا يەنە بىر نەپەر بولكا پىشۇرۇش ئۇستىسى، بىر نەپەر تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە بىر نەپەر ئائىلە ئايالىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ رەھبىرى پاراڭلاشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ نايكوم سېكىرتارى ئاخىر ھەيرانلىقىنى بېسىۋالالماي گېرمانىيە تەرەپنىڭ شەھەر باشلىقىدىن كۆڭلىدىكىنى سورىدى.
— شەھەر باشلىقى ئەپەندى، سىز نېمە ئۈچۈن ئادەملىرىڭىزنى ئېلىپ نەخ مەيدانغا تەكشۈرۈشكە كەلمەيسىز؟
— سىزلەر بىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، بارلىق چىقىمنى ئۈستۈڭلارغا ئالىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈردىڭلار، ئەمما بىز بارساق ناھىيەڭلارنىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ بىھۇدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماي تۇرالمىدۇق، ناھىيەڭلاردىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بىزنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز سىلەر تەرەپكە بارساق خېرىدار چاقىرىشنىڭ ئادىللىقىغا ۋە بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، — دېدى شەھەر باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ.
— خامچوت؟ — نايكوم سېكىرتارى ھەيرانلىق بىلەن سۆزنى داۋاملاشتۇردى،— قارىسام سىلەرنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلار ئىچىدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرمۇ باركەن.
— ھە؟ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر؟ — ھەيران قالدى شەھەر باشلىقى.
— ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىچۇ؟
— ئۇلار دېگەن شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ نازارەتچىلىرى، ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە شەھەرلىك پالاتانىڭ قوللىشى بولمىسا مەن ھېچ قانداق زور قارارلارنى چىقىرالمايمەن، ئۇلار دېگەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، بۇ تۈردە قارار چىقىرىشتا ئۇلارنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھوقۇقى بار، ئۇلار بۈگۈنكى يىغىندا ناتوغرا ئىشلارنىڭ بار يوقلىقىنى ۋە مېنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىمنىمۇ نازارەت قىلىدۇ.
— .....— جۇڭگو تەرەپ سۈكۈتكە چۆمدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گەېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە گېرمانىيىگە كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى، بىزنىڭ نايكوم سېكىرتارىمىز شۇ ھامانلا ماقۇل بولدى ۋە گېرمانىيە تەرەپنى ۋاقىت يار بەرسە جۇڭگوغا ئېكىسكۇرسىيىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، گېرمانىيە تەرەپ ماقۇل دېمىدى.
— ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ بىزنى قىزغىن تەكلىپ قىلغىنىڭىزلارغا رەھمەت، ئەمما بۇ يىل بارالمايمەن، چۈنكى بۇ يىللىق خامچوتقا بۇ چىقىم كىرگۈزۈلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پالاتا ۋە شەھەر خەلقىدىن خالىغانچە راسخوت تەلەپ قىلسام بولمايدۇ، ئەمما كېلەر يىلى مەن بۇ ئىشنى خامچوتقا كىرگۈزۈپ پالاتانىڭ تەستىقىغا سۇنىمەن، ياكى مەن شەھەر باشلىقلىقىدىن قالغاندىن كېيىن ئۆز خىراجىتىم بىلەن جۇڭگوغا ساياھەتكە بارساممۇ بولىدۇ.
جۇڭگو تەرەپتىن سادا چىقمىدى.
يىغىن ئاخىرلاشتى، خېرىدار چاقىرىش ئىشى ئاساسەن بېكىتىلىپ بولدى. ھەشەمەتلىك ئۇيۇشتۇرۇلغان تەبرىكلەش مەرىكىسىدە نايكوم سېكىرتارى ھاكىمغا پىچىرلاپ مۇنداق دېدى:
— نېمىسلار بەك ئەستايىدىلكەن، قائىدىدە بەك چىڭ تۇرىدىكەن. جانلىق ئىش كۆرۈشنى پەقەت بىلمەيدىكەن، بۇلار بىلەن مۇندىن كېيىن ياخشى ھەمكارلىشالارمىزمۇ؟
مۇشۇ ۋاقىتتا ئاددىغىنە بىر ئىشخانىدا تېلېفون يىغىنغا قاتناشقا ن گېرمانىيىلىكلەر مۇندىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتاتتى.
— بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭىزلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، بۈگۈن ھەر قايسىڭىزلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم، ئىشقا تەسىر يەتكۈزگەنلىك تولۇقلىمىسىنى كېلەر ئايدا پاراۋانلىق ھېساۋاتىڭىزلارغا كىرگۈزۈۋېتىمەن— دېدى شەھەر باشلىقى ئاشپەز، تۇرۇبا ئىشچىسى ۋە ئائىلە ئايالىغا.
— شەھەر باشلىقى ئەپەندى، — دېدى ئائىلە ئايالى شەھەر باشلىقىغا — مەن بۇ تۈرگە قارشى پىكىردە قالىمەن.
— نېمە ئۈچۈن خانىم؟
— بۇ جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بەك بەدخەجمۇ قانداق؟ پۇلىمىزنى ئۇلارنىڭكىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا تازا ئىشەنچىم يوق، ئۇلار ھەتتا ئۆز دۆلىتىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ پۇلىنى قەدىرلىمەيدىغان تۇرسا بىزنىڭ پۇللىرمىزنى ئاياپ ئولتۇرارمۇ؟
نېمىسلار سۈكۈتكە چۆمدى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتى ۋە كانچىلىقى باشقۇرۇشتا قاتتىق قائىدىلىك ئىكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، 23 يىلدىن بېرى زور ھادىسە كۆرۈلۈپ باقماپتۇ، بىزلەردە بولسا ھالىقىلىق ( يېمىكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش، كان ھادىسىسى، دېمكراتىيە قۇرۇلۇشى، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، مائارىپ، داۋالاش ئىشلاھاتى قاتارلىق) مەسىلىلەردە كەمدىن كەم ئەستايىدىل بولىمىز، ئۇششاق (چولپانلار توغرىسىدىكى پىتنە-پاساتلار دېگەندەك) ئىشلاردا بولسا زىغىرلاپ تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزلەيمىز.
«فېليەتونلار گېزىتى تورى»دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

“ئەل رايىغا خىيانەت قىلىش”
ليۇ چېڭلۇڭ
كۆپ يىللار ئىلگىرى “ھۆججەتكە خىيانەت قىلىش” دەيدىغان بىر گەپ چىققانىدى، بۇ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ھۆججەتلەرنىڭ روھى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە باسۇرۇۋېتىلگەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. چۈنكى كۆپ ساندىكى سىياسەتلەر ئاۋامغا نەپ يەتكۈزسە، كۆپ ھاللاردا ئەمەلدارلارغا پايدىسىز بولىدۇ. ھازىر ھۆججەتلەرگە خىيانەت قىلىش بەك تەسلىشىپ كەتتى، تېلېۋىزور شۇنچە ئومۇمىيلاشقان، تورنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز تۇرسا، خەۋەر-سىياسەتلەرنى جامال قىلىش كەلمەسكە كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمىر-پەرماننىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى.
يۇقىرىنىڭ روھىغا خىيانەت قىلىش قىيىنغا چۈشكەن بولسا، ئەل رايىچۇ؟ ئەل رايى كۆپىنچە خىيانەتكە ئۇچرىماقتا، توسۇپ قېلىماقتا.
مېنىڭ بىر رەھبىرىم بولىدىغان، يېقىندا ئالىي مەمۇرىي ئىنىستىتۇتقا كۇرسقا بېرىپ كەلدى.بۇ رەھبەر پەزىلەتلىك ھەم ئىقتىدارلىق ئىدى، دېمەك مەسئۇلىيەتچان كادىر دېيىشكە بولاتتى. ئۇ كۇرسنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزگە ئىنتايىن خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت يولىنىڭ يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەسلىسىدە چاتاق يوقكەن، ئەمما تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈش بىر مەسىلە بوپ قاپتۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەرزىيەت تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا خەۋەرلەندرۈشتىكى مۇھىم يول بولسىمۇ،ئەمما مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى ناتايىن ئىكەن. مەسىلەن: مەيلى قانداق ئەھۋالدىكى يۇقىرىغا ئەرزىيەتكە بارغاندا، مەيلى ئۇۋالچىلىق بولسۇن، بولمىسۇن، يوللۇق بولسۇن، يولسىز بولسۇن كىمدە كىم ئۆلكىگە(ئاپتونۇم رايونغا)، بېيجىڭغا ئەرزىيەتكە بارسا تۆۋەندىن ئۆلكە مەركىزىگە، بېيجىڭگە ئادەم كېلىپ ئەرزىيەتكە كەلگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ. نامدا “ئادەمنى قايتۇرۇپ كېلىش” بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بولسا بولسا “توسۇش”تىن ئىبارەت. ھازىر ھەر بىر ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئۆلكە مەركىزى(ئاپتونۇم رايون مەركىزى) ھەم بېيجىڭدە ئىش باشقارمىسى بار، بۇلارغا يىلىغا نەچچە يۈزمىڭدىن بىرەر مىليونغىچە راسخوت كېتىدۇ، بۇلار مىنىستىرلىقلارغا يېقىنلىشىشتىكى كۆپلىگەن چىرىكلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنە قانچىلىغان ئەل رايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇن بولىدۇ؟
خەلق تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىشىشى، ئۇۋالچىلىقنىڭ كۆىيىشىنى ئەلۋەتتە ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك ئىدى، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەرزىيەت سىياسىتىنىڭ تامامەن “توغرا”، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشىمۇ ھەقىقەتەن بىر ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئادەتتە مېنىڭ بۇ رەھبىرىم بۇ جەھەتتە سۆزلەشكە دېگەندەك جۈرئەت قىلالمايتتى، مەسىلەلەرنى يۇقىرىغا تولۇق ئىنكاس قىلالمايتتى، بۇ قېتىم “ئىنىستىتۇت”قا بېرىپ كۇرستا بۇ مەسىلىنى بىر “ئىلمىي مەسىلە” سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مۇشۇنداق مەخسۇس مەمۇرىي مەسىلىلەرنى تەتقىىق قىلىدىغان ئورۇندا سىياسەتنىڭ “ئەقىلدارلار”نىڭ سىياسەتنىڭ بەلگىلىنىشىدە تامامەن پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىشى كېرەككەن، شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى شۇلار ئارقىلىق يەتكۈزمەكچى بوپتۇ. نەتىجىدە “ئەقىلدارلار” شۇ ھامان بۇنداق مەسىلىنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماڭ، دەپ ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپتۇ.
مېنىڭ بۇ باشلىقىممۇ بىر رەھبەر تۇرسا، رەھبەرمۇ پىكىرنى دېيەلمىسە، پۇقرالار كىمگە دېيەلەيتتى؟
خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەر، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى راۋان چۈشۈۋاتقان ئەمىر-پەرمانلاردەكلا يۇقىرىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزىلەمدۇ؟ئاساسىي قاتلامدىن يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ھەر دەرىجە، ھەر قايسى ئېچىقلار تەرىپىدىن ئاز-ئازدىن قىسىۋېلىنامدىغاندۇ؟ ئەڭ ئالىي قاتلامغا يەتكەندە ئىنكاس قىلىنغان ئەاھۋاللارنىڭ چىنلىقى قانچىلىكتۇ؟ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ئەمىر-پەرمانلار دەرىجىمۇ-دەرىجە ھەسسىلىۋېتىلگەن، يۇقىرىغا يوللانغان ئىنكاسلار دەرىجىمۇ-ژەرىجە قىرقىۋېتىلگەن؛ يۇقىرىدىن چۈشكەن نەچچە ۋاراقلا سۆز تۆۋەنگە چۈشكەندە قېلىن كىتابقا ئايلىنىۋاتقان؛ تۆۋەننىڭ شۇنچە كۆپ توم كىتابتەك ئەھۋاللىرى يۇقىرىغا يەتكەندە بىر ۋاراقمۇ قالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ نەگە كېتىدۇ؟ خىيانەت قىلىنغان گەپ، قىسىۋېلىنغان، باسۇرۇۋېلىنغان گەپ.
مۇشۇ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بۇنىڭغا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئىنچىكىرەك ئويلايدىغان بولساق ئەسلى ئەرزىيەتتىكى ئەل رايىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ ياكى ئەرزىيەتنىڭ “تەرتىپكە پاراكەندىچىلىك سالغان” لىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ؟ ئەرزىيەتكە كەلگۈچىلەرنى “قورشاپ توسۇش”، ئەرزىيەت مەسىلىسىنى نەدىن كەلگەن بولسا يەنىلا شۇ يەردە ھەل قىلىشقا بۇيرۇشتا، يۇقىرىدىكىلەر “ئادەمنىڭ كېسىلى بار”لىقىنى بىلەمدۇ يا؟ ھۆججەتنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك “مەجۇرلۇق”ى بار؟ پەرمان راۋان بولمىسا تۆۋەندىكىلەرنىڭ زور جىنايىتىدۇر؛ ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتمەسلىكىچۇ، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟
سىياسەت، ھۆججەت، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى.... بۇلار بىر تۈپ دەرەخ، دەرەخ بولغاندىمۇ توغان دەرەخ، بىز ھەممىمىز مۇشۇ دەرەختە جان باقىمىز. بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى ئۇچىدىمۇ ياكى ئاستىدىمۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ، ھۆججىتى، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى ئەلرايىغا ئاساسەن بەلگىلىنەمدۇ ياكى كاللىسىغا كەلگىنى بويىچە بېكىتىلىپ شۇ بويىچە ھۆججەت چۈشۈرۈلۈپ، شۇ بويىچە سۆزلىنەمدىغاندۇ؟
«فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق)سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

3000يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت
3000 مىڭ يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت
(فېليەتون)
ئەنلى
مەن ئىنسانلارنىڭ 3000 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىن گۈمان قىلىمەن.ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى قىياس قىلىنغان مۇنداق بىر ئوبرازلىق سۆز بار:《ئىنسانلار ئاخىرى يەر شارىدىكى بارلىق سۇنى خورىتىپ تۈگىتىدۇ،قېپقالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز يېشى بوپ قالىدۇ، خالاس!》
شۇنداق، ھازىرقى تەبىئەتكە ئاچكۆزلۈك بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقان تالان-تاراجلار، ئەسەبىلەرچە بۇزغۇنچىلىق سۈرىتى ۋە”يادرو قوراللىىرغا ئىنتىلىۋاتقان، ئىگە بولۇۋاتقان دۆۋلەت ۋە تەشكىلات “ لارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىدەك ئەھۋاللارغا قاراپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرشقا مەجبۇرمىزكى، ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
ئەمما ھەرقانداق مۆجىزە يۈز بېرىشى ئېھتىماكغا ناھىيىتى يېقىن. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قەيسىرانە ياشاش ئىرادىسىگە تاينىپ 3000 يىلدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا، سىلەردىن 3000 يىل مۇقەددەم يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە نېمە دېيىشىم كېرەك؟ ئالدى بىلەن،ئۆزۈم ياشىغان دەۋىردىكى ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە گۇناھىمنى ئىقرار قىلماقچىمەن. ئىشىنمەنكى سىلەر بىزنى توختىماي تىللاۋاتىسىلەر، قاغاۋاتىسىلەر، بىزگگ لەنەت ئوقۇۋاتىسىلەر. بىز بۇ دەۋىر ئىنسانلىرى ئەجدادلارغا نىسبەتەن《ۋاپاسىز ئەۋلات》، سىلەرگە نىسبەتەن 《ۋاپاسىز ئەجداد》لارمىز.سىلەر بىزگە قانچە لەنەت-نەپرەت ئوقۇساڭلارمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىز يەرشارىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇۋەتتۇق؛ ئېتىز-ئېرىقلارنى بارا-بارا قۇم بارخانلىرىغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ بۈك باراقسان چوققىلارنى ۋاقىتسىز تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ ھاۋاغا زەھەرلىك ماددىلارنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، كۆپ-كۆك ئاسماننى ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قاپلىۋەتتۇق؛ سۈپسۈزۈك دەريا-ئېقىنلارنى گويا يارا ئېغىزىدىن چىققان يىرىڭلارغا ئوخشىتىپ قويدۇق؛ يەر شارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىكى نېفىت، كۆمۈر ۋە بارلىق كېرەكلىك ئېنىرگىيە زاپىسىنى قىلچە تىزگىنسىزقىدىرىپ قېزىپ تۈگەتتۇق؛ ئەۋلاتلارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق بايلىقلارنى ئىشلىتىۋالدۇق ۋە بۇزبۇپ چاچتۇق؛ بىز ۋەھشىلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ھەمراھىمىز بولغان ھايۋانلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ باردۇق، ئۇلارنى داستىخنىمىزدىكى مەزىلىك تائاملارغا ئايلاندۇرۇپ يەپ تۈگەتتۇق. بىز ھايۋانلارنى ئوۋلاش بىلەن بىرگە ئادەملەر ئارىسىغىمۇ ھەر خىل ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، ئۆزىمىزگە يات ئىرق، يات دىن، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى قىردۇق؛ ھەتتا ئوخشاشمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىمۇ بوش قويمىدۇق، كاللىلار يەردە دومىلاپ، قان دەريا بولۇپ ئاقتى،ئەگەر سىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدىن ھېساپ ئالماقچى بولساڭلار، بىز تارىخ جاۋاپكارلىقى سەھنىسىدىكى باش جىنايەتچىلەردۇرمىز. بىز گۇناھىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەيىپلەش، تۆۋە قىلىشتىن باشقا نېمىمۇ قىلالايتۇق؟! قوي يۈتكەندىن كېيىن قوتان ئوڭشىغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەلبەتتە. ئەگەر بىزنى سىلەرگە كېرەكلىك دەپ قارىغاندىمۇ ، بىز پەقەت سىلەرگە سەلبىي دەرسلىكلا بولالايمىز، خالاس! مەن سىلەرنىڭ قانداق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە ياشاۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن، ئەگەر سىلەر دېموكىراتىيىلىك، مەدەنىيەتلىكدۇنيادا ئەركىن نە ھاۋادىن پەسلىنىپ، مېھرى-شەپقەتكە چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقان بولساڭلار، ئەجدادىڭلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ،ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرغايسىلەر، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئەجدادلىرىڭلار مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئىز بېسىپ، ھاياتىنى بەدەل قىلغان. ئۇلارنىڭ قېنى شەپەقنى قىزارتقان. ئەگەر سىلەر چېقىمچىلار ۋە مەخپىي تىڭشىغۇچ ئەۋج ئالغان دەۋىردە ياشاۋاتقان بولساڭلار، سىلەرنىڭ بوشىشىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا زوراۋانلىق بىلەن باتۇرلارچە ئاداققىچە كۆرەش قىلغايسىلەر. سىلەر بىزنىڭ دەۋىردە ياڭرىغان《بارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس》 دېگەن شوئارنى ئېسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار. سىلەر مېنىڭ بۇ خېتىمنى كۆرگەندە مەن ئاللىبۇرۇن پاسىق سۆڭەككە ئايلىنىپ بولغان بولىمەن، شۇنداقتىمۇ سىلەرنىڭ بەختلىك سالامەت بولىشىڭلارنى تىلەيمەن.
«فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»2005-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
《جۇڭگو مىللەتلىرى》نىڭ 2005-يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان

ئەقلىيەلەر
ئەقلىيەلەر
ئادەمنىڭ ھاياتى قانچە پۇلغا يارايدۇ – بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. ھاياتنىڭ ساڭا مەنسۇپ بولغان دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۇ ساڭا نېمەت، قايتۇرۇپ كېتىلگەندە بولسا ئامانەتنىڭ قايتۇرۇلىشى بولىدۇ. ئەتراپىمىزغا سەپ سېلىپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ بەزىدە قىممەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ھەتتا بەزىدە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. –بېئېنبىز تەلپۈنىدىغان جاي چۈشەنمەيدىغان جايدۇر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ باشقا شەھەرگە كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا – بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشتىنلا ئىبارەت.— ئېمىلىيجەمىئىيەت كەيپىياتى بۇزۇلغان، ئەخلاق دەپسەندە بولغان ئەھۋالدا بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق پەقەت بىر ئىدىيىۋى يۈك ۋە روھىي كىشەنگە ئايلىنىپ ئادەمنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ، ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلاتقا بالاسى تېگىدۇ. – چىن جەنيۈنكىشىلەر كۆپ سۆزلىمىگەن ياخشى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە سۆزلىمەسلىك ئەمەس بەلكى ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپ قىلماي، ئاستىرتتىن پۇلنى كۆرسە كۆزى قىزىرىدىغانلا ساماندەك. – خەي لۇڭتۈزۈم بولمىسا ھەممە نەرسە ئىشەنچسىز بولىدۇ. – ياڭ شۆۋۇشەھەرلەردە ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ پىيادىلەر ۋە ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرنى كۆرگەندە ئەسلى سىگنال بېرىشنىڭ ئورنى يوق. سىگنال بەرگەنلىك بىلىپ بىلمەي ئۇلارنى قوغلىغانلىق بولۇپ، بۇ بىر ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. – ۋۇ روزېڭ”بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرۈش “روھى كەيپىياتى بەزىلەرنىڭ كاللىسىغا شۇنداق مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن. ھەتتا ئۇ قانۇن، ئەخلاققا ھەمدە ھېچقانداق نەرسىگە بويسۇنمايدۇ، ئەمما بۇيرۇق چۈشۈرگەن رەھبەرگە ۋە بۇيرۇق چۈشۈرگۈچىنىڭ ئەمىلىگە قاتتىق چوقۇنىدۇ. – ليۇ خۇڭبوبۇرۇن ئەڭ ئاسان ياساندۇرغىنى بولىدىغىنى تارىخ بىلەن كىچىك قىزچاق، دەيدىغان سۆز بار ئىدى. ئەمما ھازىر بىلىمسىزلەر ئالىملاردەك ياسىنىۋالىدىغان، سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغانلار سەنئەتكارلاردەك ياسىنىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى. تۇرمۇش چىنلىقىغا قارايدىغان بولساق، ساختىلىق ھەقىقەتتىن بەكرەك دەۋر سۈرۈپ كەتتى. – جا پىڭۋاتىرىشچانلىق ئەلۋەتتە بىر گۈزەل ئەخلاق، ئەمما نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلارنىڭ سىماسىدىن نائىلاجلىق ۋە ھەسرەتنى كۆرگەندەك بولدۇم. – چېن داچاۋباشقلارغا ئەينەك سوۋغا قىلىش ئەسلى كەمچىلىكىنى كۆرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىق بولاتتى. ئەمما ھازىرقى ئەينەكلەر سېھىرلىك ئەينەككە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ، چىن سۆزلەيدىغانلارنى ئالۋاستى قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. – خۇڭ لەن” پەقەت جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ، ئادەملەر ئارا بولسا باراۋەر بولىدۇ “. ئەمەلىيەتتە بولسا ” جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى “ ھەر ۋاقىت ئاجىز باراۋەرلىك ئېڭىنى كونترول قىلماقتا، شۇڭا بۇ سۆزنىڭ ئالدىنقى يېرىمى راست گەپ، كېيىنكى يېرىمى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى. – دۇڭياڭ ماشېڭچىن ۋەدە بىلەن ساختا ۋەدە بەئەينى چىۋىن بىلەن ھەسەل ھەرىسىدەك بېشىمىزدا ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ تۇرىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى چىۋىن ھەسەل ھەرىسىدەك ھەسەل بېرەلمەيدۇ. – شاۋ فۇشىنسېغىزخان دەيدۇ: قاغا گۈزەل مەدھىيەلەرنى ئوقۇسىمۇ ئۇنىڭغا تىل-ئاھانەت، تاش-تۇپراقلار ياغىدۇ، مەن شاختا سەكرەپ يۈرۈپ كىشىلەرنى قاغىساممۇ ماڭا نازۇ-نېمەتلەر ياغىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى نام ئاتاق ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىمكەن. – ليۇ كەيمالايدىن قورقما، غالچىدىن قورق. بولۇپمۇ غالچىلىق مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلغۇچىلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. – ۋاڭ روگۇكىشىلەر ئادەتلەنگىنىنى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ. سەن ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسەن نۇرغۇن ئەيىپلەشكە ئۇچرايسەن، ھەتتا تەس كۈنگە قېلىشىڭمۇ مۇمكىن، - تەن يەنتۇڭئائىلە ئۈچۈن ئىناقلىقتىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.ھاياتلىق ئۈچۈن قەلبنىڭ ئەركىن-خۇشلىقىدىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.دۇنيادا ئېتىقادتىن ئارتۇق نەرسە بولمايدۇ. – شاڭزى«جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

قىسقا فېليەتونلار
قىسقا فېليەتونلار
شەخسكە قەرزدار بولغانلار نامراتلاردۇر، دۆلەتكە قەرزدار بولغۇچىلار بولسا بايلاردۇر؛ ھاراق ئىچكەندە گىرادۇسىغا قارايدىغانلار نامراتلار، ماركىسىغا قارايدىغانلا بايلاردۇر؛ كىتابنى نامراتلار يازىدۇ، بايلار قانۇنسىز نەشىر قىلدۇرىدۇ؛ ئۆي قۇشلىرىنى يەيدىغانلار نامراتلاردۇر، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يەيدىغانلار بايلاردۇر؛ يەر تېرىيدىغانلار نامراتلار، يەر سودىسى قىلىدىغانلار بايلاردۇر. يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن ئۆزىڭىز، ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەن دوستىڭىزدۇر؛ ساقلىنىش ئەڭ قىيىن بولغان دۈشمەن نەپس، ئەڭ ئاسان ئازدۇرىدىغان دۈشمەن ھېسسىياتتۇر. ياشلار تارىخقا قارىسا خۇددى تەپسىلىي ھېساۋاتنى كۆرگەندەك بولىدۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلار تارىخقا قارىسا تۈر ھېساۋاتىنى كۆرگەندەك بولىدۇ، ياشانغانلار بولسا قالايمىقان ھېسابنى كۆرگەندەك، پات-پات ساختا ھېساۋاتنى بايقايدۇ. ***كەمبەغەلنىڭ ئىئانە قىلىشى ھېسسىياتتىن، باينىڭ سەدىقە بېرىشى ئىدىراكتىن. كەمبەغەللەرنىڭ تۇتۇشقىنى قول، تۇتاشقىنى قەلب؛ باينىڭ ئىئانە قىلغىنى پۇل، قايتۇرۇۋالغىنى نام-ئاتاق، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا پايدا-مەنپەئەت. كەمبەغەل كىشى باي بولغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى كەمبەغەللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. تەبىئەتنى ئۆزگەرتىۋەتىپ بۇلارنى يوق قىلىۋەتكەن زادى نېمە؟ بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ تويماس نەپسى ئەمەسمۇ! جېنىنىڭ بارىچە بەھرىمان بولۇش، ۋە ياساشمۇ بوش ۋاقىتلارنىمۇ كۆپۈككە ئەيلاندۇرماقتا.***قۇلاق: بىر خىل ئاۋاز سۈزگۈچ بولۇپ، ئۇ سەمىمى سۆزلەرنى سۈزۈۋېتىپ، قۇرۇق گەپ ۋە خوشامەت سۆزلىرىنىلا ئېپ قالىدۇ.غايە: بىر خىل سوپۇننىڭ ماغزىپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە بولۇپ، مەلۇم ئارىلىقتىن ئۇنىڭغا قارىسىڭىز ناھايىتى گۈزەل كۆرىنىدۇ، ھەتتا ئۇنى قوغلىشىسىز، ئۆزىڭىزنى گويا بىر قۇشتەك سېزىسىز، ئۇنىڭغا يېتىشىپ ئىلكىڭىزگە ئالغىنىڭىزدا بولسا ئۇ ۋەيران بولىدۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى يوقىتىپ سىزنى مەيۈسلەندۈرىدۇ.ئاچكۆزلۈك: يوقسۇللۇقتىنمۇ بەتەر بولغان بىر خىل ئازابتۇر. يوقسۇللۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاچكۆزلۈك ھەممىگە تويمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. جەلپكارلىق: يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان گۈزەل سىرتقى قىياپەت ۋە ئۇنىڭ رادىئاتسىيە كۈچى بولۇپ، ئادەتتە مۇھەببەت ۋە سۇيقەستنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.پۇرسەت: كىشىلەرنىڭ زېرەكلىكى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى سىنايدىغان يوچۇقتۇر.كومپوزىتور: بەش تال سىمغا قۇمچاقنى ۋە پاقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يايىدىغان ئادەم. جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى»
يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى»
(فېليەتون)
چېن جاڭ
يېقىنقى يىللاردىن بېرى كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى رۇسلاش يۈزىسىدىن يېڭىدىن «كادىرلار قوللانمىسى» تۈزۈپ چىقىلدى، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ شۇ بويىچە قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. پارىنى قوبۇل قىلىپ ئاشكارە بولۇپ قالغاندا مەسئۇلىيەتنى خوتۇن، بالىلىرىغا دۆڭگەپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
2. ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇشتىن چاتاق چىققاندا خەۋەرلەرنى قامال قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
3. ئاۋمىنغا بېرىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغا قىمار ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
4. ساۋاتسىزلارنى، لۈكچەكلەرنى سوت مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
5. ئۈچ ياشلىق بالىغا مائاشىنى ئالغۇزۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
6. پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن «ئەمەل» لەرنى توپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
7. ھەر تەرەپتىن ئاشلىق ئارىيەت ئېلىپ دۆۋىلەپ باش مىنىستىرنى ئالداشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
8. ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەت كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىزلارنى قورقۇتۇشقا، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
9. سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ چاغاندا ئۆيىگە قايتقان قىزلارنىڭ ھەممىسىنى قامىۋېلىپ، ئۇلارنى نومۇسىنى ساتقان دەپ ئىقرار قىلدۇرۇپ جەرىمانە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
10. يىغىن زالىغا ئوت كەتكەندە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاۋۋال قاچۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك، ئۆزى ھەممىدىن بۇرۇن قېچىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىمايدۇ.
11. نامراتلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەندە سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن گۈرۈچ، تېلېۋىزور قاتارلىق بۇيۇملارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
12. دېھقانلار قالدۇرۇق پۇلنى تاپشۇرالمىغاندا ئادەم باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشقا رۇخسەت قىلىمايدۇ.
13. ئۆزلىرى «كەنت پۇلى» ياساپ دېھقانلارنىڭ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
14. ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇۋەتكەندە، دەرھال توختاپ ئادەم قۇتقۇزۇش كېرەك، ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئادەمنى باسۇرغانچە مېڭىۋېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
15. بالىلار «سۇ ئۈزەلمەيمەن» دېسە، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ سۇغا تاشلىۋېتىپ تۇنجۇقتۇرۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
16. قول ئاستىدىكى كادىرلارنىڭ خوتۇنىغا چېقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
17. قاتىل ياللاپ خىزمەتدېشى ياكى باشلىقنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
18. گۇماندارلارنى تۇتقاندا چوقۇم قاماقخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئۆز ئالدىغا ئېتىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
«جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

قىزىق ئەمەلدالار(فېليەتون)
قىزىق ئەمەلدالار
بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، سەھنىگە چىقىۋالسا ئۆزلىرىنى ھېچقانداق پۇل-مال قوبۇل قىلمايدىغان پاك ئەمەلدار دېيىشىدۇ، ئاستىرىتتىن بولسا ھەددى-ھېساپسىز پۇل ماللارنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، كىشىلەر ئالدىدا بىر ئەرگە بىر ئاياللىق تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ، ئاستىرتتىن بولسا 107 ئاشنىسىنى بېقىپ يۈرىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ۋەتەننى قانداق قىزغىن سۆيىدىغانلىقلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ساتقىنلىق قىلسا، چىرىكلەشسە ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، دۆلىتىمىزنىڭ مېلىنى ياخشى كۆرىمەن ،دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا چەتئەلنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرىدۇ، چەتئەلنىڭ تېلېۋىزورىنىلا سېتىۋالىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى تۇرمۇشتا شۇنداق ئاددى-ساددا دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا كاتتا رېستۇرانلاردىن چىقالمايدۇ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرىنىلا كىيىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئالامەت دېموكراتىك دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە كىمدە كىم ئۇنىڭ دېگىنىگە قارشى چىقىدىكەن، ئۇنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى ئەمەلىيەتچى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر توپ يەپ-ئىچەر، پوچىلار چۆرىدەپلا يۈرۈشكەن.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، مائارىپقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش ئالالمىغىنىغا 3ئاي بولغان، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان ۋەيرانە سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈۋاتقان. ئۆزى بولسا ئالىي بېزەلگەن ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ مۇخبىرغا مېنىڭ بەك ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار ئىدى، دەۋاتقان.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ، ئايالىنىڭ گېپىنى قىلغاندا كۆزلىرىدن ئوت چاقنايدۇ، گەپتە دۇدۇقلاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەمەلدارنىڭ سىرتتا رەڭدار ھەمراھلىرى ساماندەك، ئۆيىدە ئايالى بولسا كۈندە يىغلاپ ئولتۇرارمىش.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئەڭ ۋاپادار پەرزەنت دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاپادارلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى بولغاندا پاي-پېتەك بولۇپ كېتىشىدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئاممىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ، تېلېۋىزورغا چىقسا: قىيىنچىلىقتا قالغان خەلق ئاممىسىنى ئويلىساملا كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ خەلق ئاممىسىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، يېقىندا ئۇ تەۋەلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلەش ھېسابىغا بىر مەيدان ياساتتى، نۇرغۇن دېھقان شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، زىيالىلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە زىيالىيلار ئۆزلىرىگە پىكىر قىلشىقا، تەپەككۈر قىلىشقا پۇرسەت بېرىشنى سورىغاندا توختىماستىن بېشىنى چايقايدۇ.بەزى ئەمەلدارلار قىزىق....مانا مۇشۇنداق قىزىق ئەمەلدارلار، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىق تاجىنى كىيىپ نۇرغۇن يەرلەرنى باشقۇرۇشماقتا.
«جۇڭخۇا فېليەتون تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

مەن دېھقانمۇ؟(فېليەتون)
مەن دېھقانمۇ؟
(فېليەتون)
خۇڭ چاۋجۈن
ئىلگىرى جاپىڭۋانىڭ «مەن دېھقان » دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇنىڭدا جاپىڭۋانىڭ يېزىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. جاپىڭۋا 19 يېشىدا يېزىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان، شۇندىن كېيىن شەھەرلىك بولۇپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:” ھەقىقى جاپا يېزىدا، ھەقىقىي راھەت جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولىدۇ.“ جاپا دېگەندە راھەت نېمە قىلىدۇ، جاپىڭۋا ھەقىقى جاپانى تېتىپ كۆرمىگەن، دېھقاننىڭ جەۋر جاپاسىنى ھەقىقى تېتىپ كۆرمىگەن گەپ.جاپىڭۋا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي «مەن دېھقان» دەيدۇ، ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشى بەلكىم تەشۋىق قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە جاپىڭۋا دېھقان ئەمەس. مەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي يۇرتقا قايتىپ سەككىز يىل كەتمەن چاپتىم، يېزىدىن ئايرىلغاندا 30 ياشقا كىرىپ قالاي دېگەن ئىدىم. مۇبادا 80 يىل ئۆمۈر كۆرسەم، ئۆمرۈمنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى يېزىدا يېزىدا ئۆتكەن بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۆزۈمنى ھازىرغىچە دېھقان دېيەلمەيمەن، مېنىڭ ھازىرقى كەسپىم ۋە كىرىمىم بىلەن ئۆزۈمنى دېھقان دېسەم مۇتتىھەملىك قىلغان بولىمەن.يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەندە دېھقاندا بولۇشقا تېگىشلىك سەۋىيە يوق، مەن سەككىز يىل كەتمەن چاپقىنىم بىلەن، يەنىلا بەزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى پىششىق بىلمەيمەن، بەزىلىرىنى ھەتتا بىلمەيمەن، مېنى ئەمگەك كۈچى دەپ ھېسابلىغاندىمۇ مەن 10 نومۇرغا لايىق دېھقان بولالمايمەن. بىر ئۆمۈر كەتمەن چاپقان دادام ماڭا: دېھقان بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، 24 مەۋسۈمنى پىششىق بىلىش، دېگەنىدى. ئىلگىرى مەن 24 مەۋسۈمنى بىراقلا يادقا ئېيتىپ بېرەلەيتتىم، مەۋسۈملەرنى پىششىق بىلگەندىلا دېھقانچىلىقنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ” پاقا كۇكىرىدى، ئۇرۇق يەر سېغىندى“ دېگەن بۇ ماقال تېرىم ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دېھقانچىلىق قىلىشتا نۇرغۇن بىلىملەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك، مەسىلەن: ” بۇلۇتلار قاسراقلىنىپتۇ ئاسماندا ، دانلىرىڭنى تەييارلا ئاپاتاپقا قاقلاشقا“ بۇ ئەتىسى ھاۋانىڭ ناھايىتى ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى، زىرائەتلەرنى ئورۇش، قاقلاشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ئەگەر دېھقاننى ئىمتىھان بەرگۈچى دېسەك، ئۇنداقتا يەرنىڭ ئۆزى ئىمتىھان قەغىزى بولىدۇ. بىر دېھقاننىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭ ئېتىزىدىن قانچىلىك ھوسۇل چىققانلىقىغا باغلىق. ئەينى چاغدا مەنمۇ ھەقىقى دېھقان ئىدىم ، شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئالغان ھوسۇلۇم ھامان پېشقەدەم دېھقانلارنىڭكىدىن ئاز بولاتتى. ھازىرمۇ گەرچە ئاياقلىرىمدىن ئېتىزلىقنىڭ لايلىرىدەك ساددىلىق، چىرايىمدىن سەھرانىڭ توپا پۇرىقى چىقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما مېنىڭ تېرەم كەتمەن چاپقان چېغىمدىكىدەك قارا ئەمەس، ماغدۇرۇممۇ ئۇ چاغدىكىدەك بەردەس ئەمەس، ئۇ چاغلاردا 75كلوگرام ئاشنى بىمالال كۆتۈرەتتىم، ھازىر 25 كلوگرام ئۇننىمۇ كۆتۈرەلمەيمەن. ئاۋازىمدىن سەھرا دېئالىكتى يوقالمىغان، چىرايىمدىن سەھرا پۇرىقى يۈتمىگەن بىلەن، شەھەرنىڭ مۇھىتىدا يۈرۈپ دېھقانچىلىقنى ئاللا بۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىم، ھەتتا 24 مەۋسۈمنىمۇ تولۇق ساناپ بېرەلمەيمەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلەمدىم؟!مەن ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەن بىر ئاسىيمەن. مەن سەھرادىن يۈز ئۆرۈپ قېچىپ چىققان، شەھەردە ئوقۇپ، يېزىقچىلىق قىلىپ يېزىدىن ئايرىلىشقا جېنىمنىڭ بېرىچە پۇرسەت ئىزدىدىم. ئاخىر بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتتىم، يېزىدىن ناھىيىلىك پارتكومغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ دۆلەت كادىرىغا ئايلاندىم. ئەينى چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى ناھىيىگە بېرىشىمنى ئۇقتۇرغان چاغدا مەن تېخى ئېتىزلىقتا شال مايسىسى كۆچۈرۈۋاتاتتىم، ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقى تىزىمنىڭ ئۈستىگىچە تۈرۈلگەن ئۈستۋاشلىرىم لايغا مىلەنگەن ئىدى.ئەگەر ھازىرقى ۋاقىت بولغان بولسا ھەممە كىشى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان تۇرسا مەندەك يا پۇلى يوق، ياكى ئارقا تېرىكى يوق، ئازراق بىر نېمە يازالايدىغان نامرات ئوقۇغۇچى بىلەن كىمنىڭ كارى بولاتتى دەيسىز؟ 20 يىل ئىلگىرى دېھقانلار زور تۈركۈمدە ئىشلەمچى بولۇپ ئەمەس بەلكى ئىشچى قوبۇل قىلىش، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش، ئەسكەر بولۇش، كادىرلىققا ئۆستۈرۈش قاتارلىق ھەر خىل يوللار بىلەن شەھەرگە كىرەتتى. ھازىرمۇ بۇ يوللا توسۇلۇپ قالمىدى، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن تاقىۋېتىلدى. ھازىر گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشتىكى بىر يولى بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ زىيادە يۇقىرى ئوقۇش ھەققى بۇ يولدىكى بىر ئېگىز توساق بولۇپ قالماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوقۇش ھەققىنى تۆلىيەلمەسلىك بىلەن بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالماۋاتقانلار خېلى نۇرغۇن، بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خانىۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقان دېھقانلارمۇ يوق ئەمەس. قاتمۇ-قات توسۇق نورمال ئىجتىمائىي ئوبوروت يولىنى ئېتىپ قويۇپ، جۇڭگودىكى ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئوبوروتنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىۋەتتى، ھەتتا قاتماللىشىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يۇقىرىغا يۆتكىلىش كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۈمىدى بولۇپ، ئاۋام يۇقىرىغا يۆتكىلىش پۇرسىتىگە تەلپۈنىدۇ، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرگە نىسبەتەن، ئارزۇ رىئاللىقتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە بىر كونسېرتتا غەربتىن كەلگەن بىر ياش ناخشىچى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا:”مەن بىر دېھقان ناخشىچى .... “ دېگەنىدى. بىلىشىمچە ئۇ يەر تېرىپ باقمىغان، يېزىدىمۇ ناھايىتى بىر، ئىككى يىللا تۇرغانىكەن، ئۇنىڭ ئۆزىنى دېھقان دېگىنىنى ئاڭلاپ گويا بىر تال چىۋىن يۈتۈۋالغاندەك بولۇپ قالغانىدىم. يەنە، جاۋ بېنشەنمۇ دېھقان؟! ئەگەر ئۇ دېھقان بولمىسا قانداقسىگە دېھقانلىق ھالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولالىسۇن؟! بۇ كەملەردە دېھقاننىڭ نامىنى سۈيىستىمال قىلىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى، مەسىلەن: دېھقان ناخشىچى، دېھقان شائىر، دېھقان كارخانىچى، دېھقان رەسسام ...... دېھقاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغاننىڭ ھەممىسى ھەقىقى دېھقان بولىۋەرمەيدۇ، ئۆز سالاھىيىتىنىڭ ئالدىغا ”دېھقان“ نامىنى قوشۇۋېلىشى پەقەت مۇشۇ زور پەرقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتمەكچىلا خالاس. بۇ ئارقىلىق بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىسىنى چوڭ كۆرسەتكىلى بولار، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا بۇ بارلىق دېھقانلارنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ. ئەمما بۇنداق ئادەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كەمسىتىش كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىۋاتىمىز.ئەينى چاغدا مەن دېھقان بولمايمەن دېگەن ئىرادىگە كەلگەچكىلا يېزىدىن قايتىپ كەلگەنمەن، ئەمدىلىكتە شەھەردە ياشاپ ئۆزۈمنى دېھقان دېسەم، بۇ ئۆز-ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلغانلىق ۋە دېھقانلارنى كەمسىتكەنلىك بولمامدۇ؟! سەھرادا مېنىڭ ئەينى چاغدا بۆلۈپ بەرگەن يېرىم، ئاتا-ئانا قېرىنداشلىرىم بار، كىندىك قېنىممۇ يېزىغا تۆكۈلگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنى دېھقان دېيەلمەيمەن. گەرچە مەن” يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار“ غا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ، ” يېزا-ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار“ غا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان بولساممۇ، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ بىلوگىمدىمۇ پەقەتلا «سەككىز يىل كەتمەن چاپقان» دېيەلىدىم.دېھقان – نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىختىن بېرى تورلۇق ئاڭلىنىپ كەلگەن نام، ئۇ بەئەينى تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان زىرائەتتەكلا ئاددى، ئەمما پۇختا. ئەگەر ھازىر مەن ئۆزۈمنى دېھقان دەپ ئاتىىۋالسام چوقۇم دېھقانغا قاتتىق بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىمەن.
(خۇڭچاۋجۈن ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ئەسلى«جاڭنەن شەھەر گېزىتى» گە بېسىلغان، كېيىن «جۇڭخۇا فېليەتون تورى» غا يوللانغان)

ئالياسكا قانداق بولۇپ ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن؟

يى مىڭ
ئالياسكا 1867-يىلى ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن، بۇ چاغدا ”رۇسىيىدىكى ئامېرىكا قىتئەسى “ دېگەن نام پەيدا بولغىنىغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئالياسكا رۇسىيىنىڭ دۆلەت زېمىنى بولماستىنبەلكى بىر شىركەتنىڭ زېمىنى ئىدى، دەسلەپتە بىرنەچچە كىشى ئاچقان بىر شەخسىي شىركەتنىڭ زېمىنى بولۇپ 1799-يىلىلا ئاندىن ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ نىڭ زېمىنىغا ئايلانغان. دۆلەت ئالياسكىنى دلەتنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرۇشقا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان، ئالياسكا ئەزەلدىن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن. مۇنداق ئىگىىدارچىلىق شەكلى 18-، 19-ئەسىرلەردە كۆپ ئۇچرايتتى، مەسىلەن شەرقىي ھىندىستان شىركىتى، خۇدسون قولتۇقى شىركىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.بۇ ئەمەلىيەتتە ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ نىڭ غوجىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە چار پادىشاھىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن قىلغان سودىسىدۇر. ئالياسكا سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان، تولا مەسىلە كۆرۈلىدىغان ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ دىن قۇتۇلدى. ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ ئەينى ۋاقىتتا قىيىن شاراتتا بولۇپ، پايدا كۆرۈلمەيۋاتقان، يىلدىن يلغا قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى يەرلەرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلەتتى، بولۇپمۇ قىرىم ئۇرۇشى(1853-يىلىدن 1856-يىلغىچە) ئالياسكىنىڭ تەقدىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. قىرىم ئۇرۇشى رۇسىيە دۆلەت غەزنىسىنى قۇرۇقداپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە تىنچ ئوكياندا كۈچلۈك ئەنگىلىيە ئۇرۇش كېمىلىرىگە ھېچقانداق مۇداپىئە ئىقتىدارى بولماسلىقتەك ھالغا چۈشۈپ قالدى.1866-يلىغا كەلگەندە ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “نىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىگە بوغۇلغان قەرزى 725 مىڭ رۇبلىغا يەتتى. ھۆكۈمەت ئىھىدە بەزىلەر ئالياسكىنى سېتىۋېتىپ بۇ يۈكتىن قۇتۇلۇش ھەمدە ئەڭ ياخشىسى ئاېمرىكىغا ستىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشتى. چۈنكى ئالياسكىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بەرگەندە رۇسىيىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇشتا بىر ئىتتىپاقداشقا ئىگە بولاتتى.” پېتر بۇرگقا بىر مۇھىم مېھمان كەلدى بۇ كىشى – كاپىتان فوكس بولۇپ ئۇ ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەلچىسى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن كېمە ئەتىرىتىدىكىلەر پادىشاھىمىزنىڭ قاتىلنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكىلىگىلى كەلگەن. “ 1867-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدكى «سادا» گېىزتىدە يۇرىقىدەك خەۋەر بېرىلدى.رۇسىيىدىكى ھەممە گېزىتلەردە بىرلا ۋاقىتتا: ”كاپىتان فوكس ئامېرىكا خەلقىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە دوستلىقىنى ئېلىپ كەلدى “، ”ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقداش بولىشى ئىنتايىن تەبىئىي ئىش “ دگەندەك خەۋەرلەرنى بېسىشتى.ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىتتىپاقداشلىقنى قانداق كۈچەيتىشنى بىرەرسىنىڭ بىلىشى ناتايىن ئىدى، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ”سەمىمىي دوستلىقى“ غا قانداق رەھمەت ئېيىتىدغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى.1867يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاشىڭتوندا رۇسقيە بىلەن ئامېرىكا تتام ئىمزالىدى، توختامغا ئاساسەن ئالياسكا يەتتە مىليون 200مىڭ ئامېرىكا دوللىرغا ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. ئالىكساندىر-2گەرچە 5-ئاينىڭ3-كۈنى ئاندىن ئىمزا قويغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئالياسكا ئاللىبۇرۇن سېتىۋېتىلگەن ئىدى.پېتربۇرگدىكى ھەرقايسى گېزىتلەر 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاتلانتىك تېلىگراممىسىدىن بۇ خەۋەرنى ئۇقۇشقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمىدى، بۇنى پەقەت بىر ئويۇن، يالغان خەۋەر دەپ قاراشتى. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ گېزىتى«شىمال پوچتىسى» «رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى تېرىتورىيىسىنى سېتىۋېتىش توختامى»نى باسماقچى بولدى. ئەمما بۇ خەۋەر تېخى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشمەستىن «سادا» گېزىتىنىڭ خوجايىنى A.A كرايېۋىسكىي ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى: ”بۈگۈن،تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن بىز رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئامېىركىدىكى تېرىتورىيىسىنى سېتىۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇق، بۇ خەۋەرنى بىز نيۇروك، لوندوندىن كەلگەن تېلېگراممىلاردىن خەۋەر تاپتۇق .... ئەندى بۇ خەۋەرنى يەنە ئويۇن قاتارىدا كۆرمەسلىكىمىز لازىم. رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا شىركىتى بۇ زېمىنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ يەردە ئاھلىلار نۇقتىسى قۇردى، نۇرغۇن مەبلەغ، ئادەم كۈچى سەرپ قىلدى، ھەتتا نۇرغۇن رۇسىيىلىكلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. بۇ شىركەت 50 يىلدىن بېرى بۇ زېمىنغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ بۇ يەرگە تەۋەلىك زېمىن، كېمە ئەترىتى بەرپا قىلدى، بۇ يىراق چەت رايوندا پراۋۇسلاۋىيە دىنى ۋە مەدەنىيەت تارقاتتى. بۇ مەبلەغنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى ئۈچۈن سېلىنغان، كەلگۈسىدە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلەتتى. ئەمما ئالياسكا سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن شىركەت بارلىقىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا چىقارغان باھا ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بۇ كىچىككىنە پۇل دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ناچار مالىيە ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولۇشى ناتايىن. “ئالايسكىنى سېتۋىېتىش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسلىگە قارىتا A.A كرايېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: ”خەلقئارا كابىلنىڭ كۆمۈلىشى سەۋەبلىك ئالياسكا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالياسكىدا زاپىسى مول ئالتۇن كانى بايقالدى، بۇ كانلار قېزىلسا ئامېرىكا ئالياسكىنى سېتىۋالغان پۇلدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ. “A.A كرايېۋىسكى يەنە ئەنگىلىيىنىڭ خۇدسون قولتۇقى شىركىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئەنگىلىيىكلەر بىلەن ئامېرىكىلقلار قوشنا بولسا بىزگە چوقۇم پايدىسىدىن زىيىنى كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا ئالياسكا ئەنگىلىيىگە سېتىپ بېرىلگەن بولسا ئەنگىلىيىكلەر ئامېرىكا قويغان باھادىن ئىككى ھەسسە، ھەتتا تۆت ھەسسە ئارتۇق باھا قويغان بولاتتى.ئامېرىكىلىقلارمۇ رۇسىيىلىكلەرگە ئوخشاشلا ئالياسكىنىڭ سېتىۋېتىلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شۋېرد بىلەن رۇسىيە باش ئەلچىسى سىتېكلىنىڭ سۆھبىتىنى پەقەت ئايرىم كىشىلەرلا بىلەتتى. قىزىق يېرى شۇكى، ئامېرىكىلىقلار دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن خۇش بولۇپ كەتمىگەن ئىدى. ئەينى چاغدا گېزىتلەردە بۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ماۋزۇسى ھەر خىل، ھەر ياڭزا قويۇلغانىدى: «شۋېردنىڭ ئەخمىقانە ئىشى»، «جونسۇننىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى»، «شۋېردنىڭ توڭخانىسى» ... «نيۇيورك پېشىۋاسى گېزىتى» ھەتتا شۋېردنى مازاق قىلىپ مۇنداق دېگەن: شۋېرد ئامېرىكىغا 50مىڭ ئېسكىموس ئېلىپ كەپتۇ، بۇ ئېسكىموسلارنىڭ بىر ۋاقلىق ناشتىلىقىغىلا يېرىم باك ماي كېتىدىكەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي «نيۇيورك پېشىۋاسى گېزىتى» ئالياسكىنى سېتىۋېلىش”مۇشۇ دەۋردىكى خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم سودا بولدى.“ دەيدۇ.ئالياسكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش مۇراسىمى 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سېدتا ئۆتكۈزۈلگەن.1868-يىلىدىكى «پېتربۇرگ ئاخباراتى»غا ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرگۈچىنىڭ بىر پارچە خېتى بېسىلغان. بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ”رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئەسكەر .ەسكەرلىرى بايراق خادىسى ئالدىدا تەق بولۇپ تۇرۇشتى، خاس ۋەكىلنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ ئىككى سېرژانت بايراقنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. نەخ مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر ۋە ئوفىتسېرلار شەپكىسىنى ئېلۋېتىپ سالام بېرىشتى، ئەسكەرلەر قورالىنى تىك تۇتۇشتى، ھەربىي ئوركېستىر مارش چالدى، ھەربىي پاراخوتلار 42 پاي ھۆرمەت توپى ئاتتى. ئەمما رۇسىيە بايرىقىنىڭ چۈشكشسى كەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى، بايراق تانىسى خادىنىڭ ئۇچىدا چىگىلىپ قېلىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى، خاس ۋەكىلنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بىر نەچچە ماترۇس بايراقنى ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن خاىدغا ياماشتى. كۆپچىلىك بايراق خادىسىنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىققان ماترۇسقا بيراقنى تاشلىۋەتمەي ئۆزى بىرگە ئېلىپ چۈشۈشنى تاپىلامقچىى بولغانىدى. ئەمما ئۇلار گەپنى دەپ بولغىچە ئۇ ماترۇس بايراقنى پەسكە تاشلىۋەتتى، بايراق دەل رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئىشتىكىگىلا چۈشتى. “ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن رۇسىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدا ئەمەسلىكىنى سېزىشتى.توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رۇسىيە ئالياسكىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت بىنالىرىنى شۇ زېمىن بىلەن قوشۇپ ساتقان ئىدى. ئەمما ھېلىقى كۆرگۈچىنىڭ ئېيىتىشچە ئالياسكىدا بىرنەچچە ئورۇندىكى شەخسلەرنىڭ قۇرۇلىشىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتىسالغان قۇرۇلۇشلار ئىدى.ئاخىرى خاس ۋەكىللەر بۇيرۇق چۈشۈرۈشتى: ھكۆۈمەت ئۆيىدىن بىرسى بولسىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوچىغا چىقىپ قايسى قۇرۇلۇشقا كۆزى چۈشسە شۇنى دۆلەتنىڭ مۈلكى دەپ ئېلان قىلىشتى. ”دۆلەت مۈلكى “ ئولتۇرۇۋاتقان كىشىلەر بولسا نەخ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا كوچىغا قوغالاپ چىقىرىلدى. مۇشۇنداق قوغلاپ چىقىرىلغانلار 250 كىشىگە يەتتى. بۇ كەچ كۈز مەزگىلى بولۇپ ئۇششاق يامغۇر چۈشۈۋاتقان ئىدى. بۇ كىشىلەر ئامالسىز پورتلاردا، كېمىلەردە ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشتى. بالا كەلسە قوش كەپتۇ، پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ دېگەندەك ئۇ كۈنلەردە تېخى بۇ يەر قااتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، مۇنچە قاتتىق بوراننى ھەتتا ماترۇسلارمۇ كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئىككى كېمىنى قىرغاققا ئۇچۇرتىۋەتتى، بىر كېمىنىڭ ئاستىنىتېشىۋەتتى، بەزى كېمىلەرنىڭ لىملىرى سۇندى، بەزى ئۆيلەرنىڭ تورۇسىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى.توختامدا، ئالياسكىدا تۇرۇشلۇق بارلىق رۇسىيىلىكلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىنى ساقلاش ياكى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى دەپ بەلگىلەنگەن. ”ئەگەر ئالياسكا ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلمىگەن بولسا ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قاراشلىق شىتاتلارنىڭ بىرىدە 5 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر ئالياسكىلىقلارغا نىسبەتەن بەش مىنۇتمۇ كەتمەيدىغان بولدى. “. ئۆزىنى بەختلىك دەپ بىلگەن بىر كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ شادلىقىنى يوشۇرمايلا شۇنداق دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق يازغانىدى: ”ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش مۇراسىمى مۇنداق: ئاۋۋال ئىككى گۇۋاھچى تاپىسىز، ئىككى گۈۋاھچى قەسەم قىلىپ ۇ: پالانى بايراق ئالماشتۇرغان چاغدا ئالياسكىدا تۇرۇشلۇق ئىدى، ھەمدە بۇ ئادەم بىزنىڭ بىلىشىمىزچە نورمال ئادەم، دەيدۇ. ئاندىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرگۈچى باشقا دۆلەت تەۋەلىكى (كۆپ ساندىكىلەر رۇسىيە تەۋەلىكىدە) دىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئاخىرىدا ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ <قەسەم قىلدىم> دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ. ئاندىن تىزىملىنىدۇ، تىزىملاپ بولۇنغاندىن كېيىن بارلىق رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ بولغان بولىدۇ. “تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇزۇن ئۆتمەي رۇسىيىگە ماڭىدىغان كېمىگە رۇسىيىلىكلەر لىق تولغان، روشەنكى ئامېرىكا تەۋەلىكى بارلىق رۇسىيىلىكلەرنى جەلپ قىلالمىغان. 1867-يىللىق «پېتربۇرگ ئاخباراتى»غا رۇسىيىنىڭ ئالياسكىنى سېتىۋېتىشتىكى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆز قارشى ئېلان قىلىنغان: ”ئادەتتە ھەرقانداق دۆلەت ئامال قىلىپ ئۆز تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ، ئەمما بۇ قائىدە رۇسىيىگىلا ماس كەلمەيدۇ. رۇسىيىنىڭ زېمىنى بەك چوڭ، بەزى جايلارنى قوشۇۋېلىش ئەمەس بەلكى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىۋەتمەي بولمايدۇ. “
(رۇسىيىنىڭ «يەرشارى تور ساياھىتى» دېگەن ئېلىكترونلۇق ژۇرنىلىدىن شى مېي خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان)
«تەرجىمىلەر. تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىلى 12-ئايلىق سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە مۇلاھىزە

(ئىلمىي ماقالە)
لى شياۋفېڭ
ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يەنىلا گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىدىكى دەرقەمسىزلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى رويابقا چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقنى تونۇپ يېتىمىز.ھالقىلىق سۆزلەر: مىللەتلەر ئەدەبىياتى/ ئەدەبىي تەنقىد/ گىرۋەكلىشىششۈبھىسىزكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمىنىڭ شەكىلىنىشىدىن بىلەن زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى يېرىم ئەسىدىن بېرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان شانلىق سەھىپىلەرنى ياراتتى. ئەمما جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يەنىلا گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىدىكى بوشلۇقنى كۆرگىنىمىزدە، جۇڭگو ئاز سانلىق مىلەتلەر ئەدەبەي تەنقىدچىلىكىنى رويابقا چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقنى تونۇپ يېتىمىز.
بىرىنچى
ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت گىرۋەك ئورۇندا تۇرىدىكەن، ھامان ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. گەرچە بۇ خىل مەدەنىيەت ئۆزدىكى تىل ھوقۇقىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلاپ قالىلىغان بىلەن، ئەمما بۇ تىل كۆپ ھاللاردا نەزەردىن ساقىت بوپ قالىدۇ ھەتتا”ئازسانلىقلارنىڭ ئاۋازى“ سۈپىتىدە بېسىلىپ قالىدۇ. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىياتى جەريانىدا زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. مۇڭغۇللاردىن: ن. سەيىنچوقتۇ، ب. بۇرىنبېخ، مالاچىنفۇ، ئودىسىر، زاراگاخۇ، بورجى يۈەنيې، جاڭ خاۋ، بەي شۆلىن، گو شۆبو، دېڭ يىگۇاڭ؛ ئۇيغۇرلاردىن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوۋ، زۇنۇن قادىر، قەييۇم تۇردى، زوردۇن سابىر؛ جۇاڭزۇلاردىن ۋېي چىلىن، لۇ دى، خۇا شەن، ۋېي يىفەن، فېڭ يى، گۇي زى؛ زاڭزۇلاردىن: راۋجى باساڭ، يىدەن سەيراڭ، جاڭبيەن جاسو، زاشى داۋا، ئالەي؛ بەيزۇلاردىن: شاۋ شۆ، جىڭ يى؛ مانجۇلاردىن: لاشې، كې يەن، خۇ جاۋ، شۇ يى، يې گۇاڭلىڭ، جاۋ مېي؛ خۇيزۇلاردىن: گا لياڭ، جاۋ چېڭجى، گو فېڭ، خودا، شى شۇچىڭ، ما رۈيفاڭ؛ لىزۇلاردىن: جىدى ماجا، لۇ چىن؛ تۇجازۇلاردىن: سۇن جەنجۇڭ، لڭ چۈەنفېڭ؛ ئېۋېنكېلاردىن: ئۇرېرتۇ؛ داغۇرلاردىن: ئېردۇنجاب، مېڭقۇبويان؛ ناشىزۇلاردىن: ياڭ شىگاڭ، شا لى؛ ياۋزۇلادىن: لەن خۇەيشاڭ؛ مياۋزۇلاردىن: شياڭ بېنگۈي قاتارلىق... بۇ يازغۇچىلار شېئىر، ھېكايىچىلىق(رومان)، نەسىر قاتارلىق ساھەلەردە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى يۇقىرى بىر دەرىجە ۋە قاتلامغا كۆتۈردى. بولۇپمۇ يۇقىرىقى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىللى مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى ۋە نەمۇنىسى دەپ قاراپ ئۇلار ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللەت مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مىللىي تىل مۇھىتىغا قايتۇرغىنىمىزدا، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيەت تىلى ۋە باشقا مەدەنىيەت قىممەت سىستېمىسىدا دىققەتكە ئېرىشەلمەيدىغان مەدەنىيەت قىممىتى كۆپلەپ گەۋدىلىنىدۇ( ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر خىل ئەدەبىي ئەسەر ئۆز مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت تىلى مۇھىتىدىلا ئۆزىنىڭ بەدئىي ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ).ئەمما، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى پۈتكۈل جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىغا قويىدىغان بولساق، ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆرىنەرلىك ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، رايون ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ تەسىرىدە يەنىلا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان، ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىدىغان، ئۆز-ئۆزىدە دەۋرىيلىنىدىغان ھالدا تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن ئاستا بولماقتا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا تېخى ھەقىقى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئەدەبىيات مەۋقەسى شەكىللەنمىدى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى كۈچىنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم بىر ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان ئەسەر ئىجاد قىلغاندا(مەسلىەن ئالەينىڭ «چاڭ توزان بېسىققاندا»، جاۋ مېينىڭ «بۇ يەردىن ئەبەدىلىككىچە»)، بىز ئۇنى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ھوسۇلى دەپ ھېس قىلمىدۇق، ياكى بۇنداق ھېسسىيات ناھايىتى كەم بولغاچ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە يۈكسەكلىدە تۇرۇپ باھا بەرمىدۇق. پەقەت ئۇنىڭ مەلۇم بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ھوسۇلى دەپلا قارىدۇق، شۇڭلاشقا بۇ ئەسەرلەرنىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاجىز ئورنى ۋە گىرۋەك ئورنىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى زور رولىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىمايدۇ ۋە تونۇپ يەتمەيدۇ، شۇڭا كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە بۇ تەرەپنى تېخىمۇ كۈچەيتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئۆز ئەسىرىىدىكى روشەن مىللىي كىملىكىگە سەل قارايدۇ. بولۇپمۇ ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتىغا قەدەم بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسەرلىرىدىكى مىللىيلىق بارا-بارا يوقايدۇ، موڭغۇل يازغۇچى گو شۆبونىڭ «قۇملۇقتىكى بۆرە بالا» دېگەن ئەسىرى ۋەكىللىكىدىكى كېيىنكى ئەسەرلىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر. گەرچە بۇ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگىنى يەنىلا ئۇ پىششىق بولغان مىللەتنىڭ تۇرمۇشى بولغىنى بىلەن، گو شۆبو ئەسلىدىكى (مەسىلەن: «قۇملۇق تۈلكىسى»)دەك موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن كۈزەتمەستىن، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەدەنىيەت سىستېمىسىنى يوقاتقان، ياكى بولمىسا ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئىپادىلىگەن. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئەسىرى گەرچە «ئېكېلوگىيە ئەدەبىياتى» دېگەن گۈزەل تاجغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي تۇرمۇشى ۋە مىللىي مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تۈردىكى يازغۇچىلارغا نىسبەتەن مىللەت پەقەت بىر شەرتلىك بەلگىدىن دېرەك بېرىپ، ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتدىكى رولىنىڭ قانچىلىك زور بولىدىغانلىقى ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئىككىنچى
ئاز سانلىق مىللەت ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىز، گىرۋەكلىشىش رېئاللىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ ئامىللار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆپلىگەن سەۋەبلەر بۈگۈنكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئاجىز، گىرۋەك ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ خىل ئاجىز، گىرۋەك ئورۇندا تۇرۇش جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپلا قالماي، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىياتى ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى بىلەن بولغان پىكىرلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشتا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشتەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.ھەممىمىزگە ئايانكى، باشقا-باشقا مىللەت، باشقا-باشقا مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، پىكىرلىشىش ئۆزئارا ئىپادە قىلىش ۋە پىكىرلىشىش قوش يۆنۈلۈشتىكى ئىپادە قىلىش ۋە باراۋەر پىكىرلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىشى كېرەك. ئەمما، ھازىرقى يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتىدا بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز كۈچلۈك مەدەنىيەت ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى ئاجىز مەدەنىيەت ياكى گىرۋەك(گىرۋەك) مەدەنىيەتكە يۇقىرىدا تۇرۇپ تۆۋەنگە ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەشتە ئوقۇغۇچى ۋە ئىپەدىلەنگۈچى ئوبيېكىت ئەركىن سېزىدىغان مەدەنىيەتمەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چىقىش قىلماستىن، كۈچلۈك مەدەنىيەتنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە قىممەت گەۋدىسىنى چىقىش قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ختا چۈشەنچە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى باشتىن تارتىپلا كۈچلۈك پىكىرنىڭ بېسىمى ئاستىىدكى ئىپادىلەش ۋە خاتا چۈشىنىش ئىچىدە ترۇپ كەلدى.ھازىرقى زامان موڭغۇل ئەدەبىياتىنى مىسل قىلىپ سۆزلەيلى. 50-يىللاردا مالاچىنفۇ، ئودىسىر، چوقتۇنارىن، پېنسك، زاراگاخۇ ۋەكىللىكىدىكى يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئخقادىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىچكى موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ ئەسەرلەەر ئەينى چاغدا بۇ رومانلاردا بەدئىي قاراش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى جەھەتتە شۇ دەۋردىكى خەنزۇ يازغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك يېتەرسىزلىك مەۋجۇت ئىدى. ئەمما كىشىلەر بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدئى ئۇسلۇبتىكى بۇ كەمتۇكلارغا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن، موڭغۇل مەدەنىيىتى ئاساسىي ئېقىمدىكى مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەسلىدىنلا ھېسىداشلىق قىلىنىش، ئەپۇ قىلىشتەك ئاجىز ۋە گىرۋەك ئورۇندا تۇراتتى؛ ئىككىنچىدىن، بۇ يايلاق مەدەنىيىتى ئىپادىلەنگەن رومانلاردا ئىپادىلەنگەن ناتونۇش بولغان يات مەدەنىيەت مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ يات مەدەنىيەتكە بولغان ئىنتىزارلىقىنى قاندۇردى. كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بولىدىغىنى بۇ رومانلادىكى بەدئىي ئۇسلۇب بولماستىن، بەلكى باشقا مەدەنىيەت مەنزىرىسى – يايلاق مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، يايلاقنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلاردۇر.يەنە مىسالغا ئالساق، جۇڭگودىكى بۈگنكى زامان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى تەلەيلىك ھېسابلىنىدىغان ئۇرېرتۇنىڭ «ئوۋچىنىڭ ئۆتۈنۈشى»، « ئاچىماق مۈڭگۈزلۈك بۇغا»، «كەھرىۋا رەڭلىك گۈلخان» دېگەن ئەسەرلىرى ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. بىراق، ئۇنىڭدىكى بەدئىي قاراش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە چىققان دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئېلۇنچۈن مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي فورماتسىيىسىنىڭ مەدەنىيەت مەزنرىسى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېلۇنچۈن ئىپتىدائىي مەدەنىيتىنىڭ ناتونۇشلىقىغا بولغان ئىنتىزار نەزىرىنى قاندۇردى دېگەن تۈزۈك. چۈنكى ئىپتىدائىي جەمئىيەت فورماتسىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گىرۋەكتە، ئاجىز بولىشى تەبىئىي. ئەمما، مانا مۇشۇنداق بىر مىللەتتىن ئاساسىي ئېقىم سىستېمىسى تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان يازغۇچى مەيدانغا كەلگەن، ھەمدە ساپ بولغان ئېلۇنچۈن مەدەنىيىتىنىڭ ناتونۇش مەزىرىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.ئاپتورنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئەسەردىكى مەدەنىيەت مەنزىرىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەسەرنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا بەكرەك لاەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.دەل مانا مۇشۇنداق بولغاچقىلا كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ كەسكىن ئوبزورچىمۇ ئۇلارنىڭ ئەسىرىدىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەت مەۋقەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى ۋە «باشقىلار»نىڭ ئوقۇش ئىستىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى بەرىبىر يات مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ، گەرچە بۇ مەدەنىيەتلەر گىۋەكتە بولسىمۇ كۆپىنچىلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان تارىخلىرى بار. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى تارىختا كۈچلۈك مەدەنىيەت بولغان، مەسىلەن: موڭغۇل مەدەنىيىتى، قىتان مەدەنىيىتى، تېبەت(زاڭزۇ) مەدەنىيىتى، مانجۇ مەدەىنيىتى، خۇيزۇ مەدەنىيىتى قاتارلىق، بۇ خاتىرىلەر مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ پىسخكىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇلاردا بۇ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە يات مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقىي فورماتسىيىسىنى كۈچلۈك چۈشىنىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. دەل مۇشۇ يازغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە تولغان ئىجادىيىتى «باشقىلار»نىڭ گىرۋەك، ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشىغا بولغان ئىستىكىنى قاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىي زوقلىنىش بەلگە ئاستىدىكى مەدەنىيەت قاتلىمىغا كىرىپ قالغان ھامان، بولۇپمۇ بىر مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە قىممەت سىستېمىسىنىڭ «ئىشىك يوچۇقى»دىن باشقا بىر مەدەنىيەت سىستېمىسىنى كۈزەتكەندە، خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىدىن زور ئارقىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خاتا چۈشىنىش ئاساسلىقى مىللەت ۋە مىللىي ئۆرپ ئادەتنى خاتا چۈشىنىشتە ئىپادە بولىدۇ.ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مىىلىي مەدەنىيەتنىڭ تىرىك ئابىدىسى. ھەر قانداق بىر ئۆرپ-ئادەت مۇشۇ مىللەتنىڭ ئىستېتىك پىسخىكىسى بىلەن ھاياتىدىكى ھېسسىيات ۋە ئىرادىسىنىڭ بۇيۇملاشقان فورماتسىيىسىدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىدىن شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى دەسلەپكى ھەقىقى قىياپتىنى ئوپ-ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما، ئۆرپ-ئادەت ھەرىكەتلىك تەرەققىيات سىستېمىسى بولۇپ، بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىدۇ، بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر بولسا مەدەنىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللەت تارىخى ھەتتا مىللىي روھنىڭ ھامىلە مېڭى سۈپىتىدە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ خاتىرىسدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى خاتا چۈشىنىش پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يايلاق مەدەنىيىتىنى مىسال قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يايلاق تىلغا ئېلىنسىلا، بىپايان ئاسمان، چەكسىز دالا، ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر، يار-يار ھارۋىلار نامايەن بولىدۇ؛ موڭغۇللار تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنسىلا ئوت-چۆپ ۋە سۇنى قوغلىشىپ ماكانلىشىدىغان، خام گۆش يەيدىغان، يوغان ئاپقۇرلاردا مەي ئىچىدىغان مەنزىرە، مىللىي خاراكتىرى تىلغا ئېلىنسا تەربىيە كۆرمىگەن، مەردانە-جاسارەتلىك ھالەت ناميەن بولىدۇ. ئەسلىدە جانلىق، كۆپ خىل، مۇرەككەپ بولغان مىللىي تۇرمۇش ۋە خاراكتىر، ئابىستىراكىتلاشتۇرۇۋېتىلگەن، قاتماللاشتۇرۇۋېتىلگەن. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى يايلاق ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىدە نۇرغۇنلىغان ئاتاقتىكى ئۆرپ-ئادەت كەنتلىرىدە ئاللىبۇرۇن موڭغۇل كەمزۇرلىرىنى تاشلىۋەتكەن موڭغۇللارغا كەمزۇر كىيدۈرۈلگەن، ئاتنى تاشلاپ موتوسىكىلىت بىلەن مال بېقىۋاتقانلارغا ئات مىندۈرگەن، كىگىز ئۆيدىن خىشلىق ئۆيلەرگە كۆنگەنلەرنى كىگىز ئۆيلەرگە كىرگۈزگەن، تىراكتۇر ئىشلىتىشكە باشلىغان موڭغۇللارنى يار-يار ھارۋىغا چۈشۈرۈپ قويغان، مانا مۇشۇلار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ غەلىتە پىسخىكىسىنى قاندۇرىۋاتقان. بۇ ھادىسىلەر ماھىيەتتە مىللىي مەدەنىيەتكە خىلاپ، تىراگىدىيە تۈسىدىكى مەدەنىيەت نامايەندىسى بولۇپ، بۇنداق نامايەندە قىلىش بىر تەرەپتىن ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە خوشامىتىنى ئىپادە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت بىلەن بولغان پەرقىنى زورايتىۋېتىپ، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش دەرىجىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەردىمۇ ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىدىكىدەك خاتا چۈشەنچە ھادىسىلىرى مەۋجۇت. 80-يىللارنىڭ ئاخىرى روياپقا چىققان، زاڭزۇلار تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدىغان «گەز باغلىغان تىلىڭنى ياكى بىكارچىلىقىڭنى كۆرسەت» رومانى چەكلەندى، سەۋەبى يازغۇچى پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى، دىن سىياسىتىگە خىلاپ ئىش كۆرگەن، زاڭزۇلار تۇرمۇشىنى بۇرمىلاپ تەسۋىرلىگەن. ئەمما مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ ئەسەردە يازغۇچى پارتىيىنىڭ مىللىي، دىن سىياسەتلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن باشقا يەنەئەڭ ئاساسلىقى مىللىي مەدەنىيەت(ئۆرپ-ئادەت)نى پارچىلاش شەكلىدە خاتا چۈشىنىۋالغان. كونكېرت مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەنئەنىسى ۋە سىستېمىسىدىن پارچىلاپ ئېلىپ «باشقىلار» نىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى، مەدنىيەت قىممىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «ئىپادىلەش» ۋە «ئىجاد قىلىش» مىللىي مەدنىيەتكە زور زىيان سالدى.ھەممىمىزگە ئايانكى، مىللىي مەدەنىيەت بولسا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان مۇكەممەل ھاياتلىق سىستېمىسى بولۇپ، خۇددى نۇزى ئېيتقاندەك: ”بىر مىللەتنىڭ كوللىكتىپ تىرىشچانلىقى ئاستىدا شەكىللەنگەن مەلۇم تۇرمۇش سەكلى بولۇپ. بارا-بارا ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۇھىتىنى بەرپا قىلغان. ئۇ – ئۇلارنىڭ سەنئىتى، پەن- تېخنىكىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىنى ھەم قائىدە-يوسۇنلىرى نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ......(مەدىنىيەتنىڭ) قىممەت قارىشى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى، خەلق چۆچەكلىرى، رەسىم، نەققاشلىق، مۇراسىم، تەبرىك پائالىيەتلىرىدە گەۋدىلىنىدۇ.“① بۇ ئامىللار ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرىدىغان مەزمۇن بولالايدۇ. بىراق بىز بۇ بەدئىي ئۇسلۇبلارنى مىللىي مەدەنىيەت سسىتېمىسىدىن يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئستېتىك پۇراقنى يۈزەكى قاتلامدىن ھېس قىلساق، ياكى بولمىسا ناتونۇش لەززەت ۋە قىزىقچىلىقنى «ئىشىكنىڭ شىشىقى»دىن ماراپ ئېرىشسەك مىللىي مەدەنىيەتكە نىسبەتەن پارچىلاش شەكلىدىكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل خاتا چۈشەنچە تېخى كىشىلەرنىڭ راۋرۇس دىققىتىنى تارتقىنى يوق. ئەكسىچە، كۆپ ھاللاردا ئاساسىي ئېقىم مەدەنيىتىدىن كەلگەن ئالقىش ۋە مەدھىيىلەرگە مەسخۇش بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىز، گىرۋەك ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزغا سەل قاراپ، خاتا چۈشەنچنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پەرۋا قىلمايۋاتىمىز.
ئۈچىنچى
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ گىرۋەكلىشىش، خاتا چۈشەنچ پەيدا قىلىش ئەمەلىيىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۈچۈن كەڭ تاشا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن. ئەمما، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ گىرۋەكلىشىشى يەنە بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىكىدە دەرقەمسىزلىكى ۋە گىرۋەكلىشىشىنى بەلگىلىگەن. نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ساداسىنى كەمدىن كەم ئاڭلايمىز، روشەن مىللىي مەدەنىيەت مەۋقەسى ۋە مىللىي كىملىكنى ئىنتايىن ئاز ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: يېڭى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئىچىدە جاڭ چىڭجى، ئۇرېرتۇ، جاشى داۋا، ئەلي، بورجى يۈەنيې، مېي جو، شياڭ بېنگۈي قاتارلىق يازغۇچىلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىپتىخارى دېيىشكە بولىدۇ، ئەمم اقىزىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە بېرىلگەن باھالارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئاساسىي ئېقىمدىن كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ يازغۇچىلارغا ئەدەبىي ۋە مدەنىيەت مەنىسىدىن قىلىنغان باھا ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتدىن كەلگەن. بولۇپمۇ بۇ ئەدەبىي تەنقىدلەردىن ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە بولغان شەرھىسىنى ھېس قىلپلا قالماستىن يەنە ئاساسىي ئېقىمنىڭ كۈچلۈك سۆز ئىبارىسىدىن بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبارسىز قاراۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلالايمىز.مەسىلەن: ئالەينىڭ رومانى «چاڭ توزان بېسىققاندا» گە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىلەردە، شۇنى بايقايمىزكى، كۆپىنچە ماقالىلاردا روماندىكى ناتونۇش بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئۆزگىچە بولغان بىرىنچى شەخستىن باشقا نۇقتىدا تۇرۇپ بايان قىلىش ئۇسۇلىغا زور قىزىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما روماندىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تەسۋىرلەنگەن يۈزەكى ھادىسە ئاستىىدكى چۇڭقۇر قاتلاملىق مىللىي مەدەنىيەت قىممىتىگە بولسا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سىستېمىلىق تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىنمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇھكىمە قىلغۇچى پەقەت روماندىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسىگىلا دىققەت قىلغان، نېمىشقا مۇشۇنداق ئىپادىلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان، يەنى زاڭزۇ مەدەنىيىتى سىستېمىسىغا ھەقىقى ئىچكىرلەپ كىرمىگەن، روماندىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ۋە قىلمىشلىرىنى زاڭزۇ مدەنىيىتى پىسخىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ شەرھىلىمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رومان گەرچە گىرۋەكلىشىش تېمىسىدا يېزىلغىنى ئۈچۈن مۇاكاپاتلانغىنى بىلەن، بۇ روماننىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تارىخى ۋە جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا پەيدا قىلغان ئەھمىيىتىنى تەتقىق قىلىش تېخى باشلانغىنى يوق. يەنە مىسالغا ئالساق، گو شۆبونىڭ قۇملۇق تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش رومانلىرىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بولىشى، ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت مەزمۇنى يەنى رومانغا سىڭدۈرۈلگەن موڭغۇل مىللىتىنىڭ تەبىئەت قارىشى ۋە تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولماستىن بەلكى ئۇنىڭدىكى ئېكېلوگىيىلىك ئەھمىيىتى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېكولوگىيىلىك رېئاللىقىنىڭ مەنپەتىگە بولغان غەمخورلىقىغا ماسلاشقانلىقىدىن بولغان.شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، باشقا بىر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىغا بولغان خاتا چۈشەنچ ۋە تەنقىد بەزىدە بىر مىللى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت يۆنۈلىشى ۋە تاللىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەت مەۋقەسىنى يوقىتىدۇ. ئىلگىرى «قۇياش قەبىلىسى» دېگەن ئەسىرى بىلەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ”تۇلپار مۇكاتى“غا ئېرىشكەن زاڭزۇ ئايال يازغۇچى مېي جو ئىجادىيەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ناھايىتى مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن تەۋە بولغان يازغۇچىلار توپى بۇرۇن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قاتارىغا چىقرىۋېتىلگەن ئىدى. ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىدا ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچ يېتەرلىك ئەمەس، باشقىلارمۇ ئۇلارنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئەسلىدە بىر مىللىي ئەسەر يازىمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم، ئەمما ئەسەر پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن مىللىي ئەسەر دەپ بېكىتىلدى، ئەدەبىي ئەھمىيىتىگە سەل قارالدى، يېپىۋەتتى. مېي جو بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا يېقىنلىشى ئىستىكى ھەم مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەت مەۋقەسەنى ئۆزگەرتىشكە بولغان تەخىرسىز كەيپىياتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلغان. مېنىڭچە گەرچە ئۇنىڭ زاڭزۇ مەدەنىيىتىگە چۇڭقۇر مۇھەببىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل نىيىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت نىشانىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يەنە گو شۆبونىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى بىر يۈرۈش قۇملۇق تېمىسىدىكى رومانلىرى يايلاق مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىگەندىكى مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتەك روشەن بولغان مەنپەئەت پۇرىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى گەۋدىسىدىن پۈتۈنلەي ئاجراپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە ماسلاشقان ھۇزۇرلىنىش خاراكتىرىدىكى مەسەل ياكى چۆچەككە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەليلى گو شۆبو بولسۇن ياكى مېي جو بولسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبنى ئىگەللىشى ۋە جار سېلىشىدا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ روامنىدا ئىپادىلەنگەن مىللىي پۇراق ئىكەنلىكىنى تېخى چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، مۇبادا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدەنىيەت بىلەن بولغان قانداشلىقىنى ئۈزۈپ تاشلىسا ئۇلارنىڭ ئىجاىديەت ھاياتىمۇ شۇ ھامان جەھەننەمگە يول ئالىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ دەرقەمسىزلىكى ۋە ئاساسىي ئېقىمنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا بولغان تەنقىدىدىكى خاتا چۈشەنچلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدىچىلىكىنىڭ كۈچى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى كۈچىدىن ئاجىز، ھازىرغىچە تېخى ئۆزىنىڭ بىر بۆلۈك تەنقىدچىلەر قوشۇنى ۋە تەنقىدچىلەر توپىغا ئىگە بولغىنى يوق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىن ئارقىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمۇ تارقاق ھالەتتە بولۇپ، ھەقىقى مەنىدىكى بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىنىڭ تەنقىد قارىشى كەمچىل، بۇ ئالدى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئۇقۇمىنىڭ چېگرىسى ۋە مەزمۇنىغا باھا بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ.بىلىشىمىز كېرەككى، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاساسىي گەۋدە مىللەت(خەنزۇ مىللىتى) تىن باشقا جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يىغىندىسى بولۇشى كېرەك. مەلۇم بىر يەككە مىللەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچ قاتلام مەنىگە ئىگە بولىدۇ، بىرى، ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىچكى قانۇنىيىتىگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يەككە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى؛ ئىككىنچى، پۈتۈن جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى بولسا جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى گەۋدىسىدە ۋەكىللىك قىلغان جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن قىممىتى ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسىرىگە بولغان تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە چوۇقۇم مۇشۇ ئۈچ خىل مەنە ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. يەنى، بىر ئاز سانلىق ئەدەبىي ئەسىرىنى باھالىغاندا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە مىللى خاسلىقىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئۆز مىللىتى ئەدەبىياتى تەرەقىياتىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىگە باھا بېرىش، ھەمدە ئۇنى پۈتۈن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاراق كۆرۈنۈشىگە قويۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ پۈتۈن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بىر پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى تەسىرىگە باھا بېرىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى جڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئۆزگىچە ئىجادىيىتى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ تقىممىتىنى دەل، توغرا ئىگەللىگىلى بولىدۇ.بىراق ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە ھەمىشە بىر يەككە ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئۇقۇمى بىر پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمىنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىنماقتا. مەسىلەن: موڭغۇل ئەدەبىياتى، زاڭزۇ ئەدەبىياتى، جۇاڭزۇ ئەدەبىياتى، بەيزۇ ئەدەبىياتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، يەككە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بىر پۈتۈن گەۋدە نۇتقسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەپسىلىي كۈزىتىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ خېلى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ ۋە سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇندىن باشقا، بۈگنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە سەگەك تۇرۇپ تەنقىد قىلىش ئېڭى كەمچىل، بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ مىللى مەدەنىيەت جۈملىدىن تەنقىد ئوبيېكتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە چۈشىنشى كەمچىل بولغاچقا، مىللى ئەدەبىياتتىكى ئايرىم مىساللارغا نىسبەتەن ئىچكىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت تەھلىلى ئېلىپ بارالمايدۇ ۋە بەدئىي باھا بېرەلمەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىكى ئەسەرلەردىكى مىللى پۇراق، مىللى تەسۋىر بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ جېنى بولغان مىللىي روھنىڭ غەليانلىرى ۋە ئۇنىڭ قايتا تىكىلىنىشىدەك ھالىقىلىق ۋە ئورتاق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئېتىبارى يېتەرلىك ئەمەس. يەر شارى خاراكتىرلىق نەزەر بىلەن مىللى مەدەنىيەتكە، مىللى مەدەنىيەت ۋە تەنقىد قىلىنىۋاتقان ئوبېيكىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ يەر شارى مەدەنىيەت ۋەزىيىتىىدكى ئورنىغا ئەسلا باھا بېرەلمەيدۇ. ھەمىشە ئەس بىلەنلا، ئاپتور بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ، يۈزەكى ۋە ئادەتتىكىچە شەرھى ھالىتىدىلا تۇرۇپ قالىدۇ، يازغۇچىنى نىشانلىق يېتەكلىيەلمەيدۇ، بىرەر ئەسەر ياكى بىرەر يازغۇچى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نەزەرىيىۋى كۈچى كەم. شۇڭلاشقا يازغۇچىلار ئوبزوردىن ئىلھام ئالالمايدۇ. جۈملىدىن بەزى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسىنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يازغۇچىلاردا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى سەۋەبىگە ئىنتايىن سەگەك تونۇشى يېتەرلىك بولماي، مىللى مەدەنىيەتتىن چەتنەش خاھىشى كۆرۈلگەن چاغدا، ياكى بولمىسا، يازغۇچى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك ھالدىكى باھاسىغا ۋە يېتەكلىشىگە تازا ئېھتىياجلىق چاغدا، ئەدەبىي تەنقىد ھەمىشە زۇۋانسىز، دەرقەمسىز ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ(مەسىلەن: ئالەي، مېي جو تۈرىدىكى يازغۇچىلاغا نىسبەتەن). بۇ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى تېگىشلىك رولى ۋە جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىدىكى تەسىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تۆتىنچى
گىرۋەك مەدەنىيىتىنى خاتا چۈشىنىشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ئاجىز ئورنىنى ئۆزگەرتىش، يالغۇز ئاجىز مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەتكە بولغان ئاڭلىق قارشىلىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنى زورايتىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپتۇر. بۇ نۇقتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نۇتقىمىزنىڭ ئورنى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، ھازىرقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ پۈتكۈل جۇڭگو بۈگنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىدىكى ئاجىز ئورنىنى ۋە گىرۋەكلىشىشتەك رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مىللى مدەنىيەتنى توغرا چۈشەندرۈشنى ئۆز زېممىسىگە ئالغان چاغدا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەندقى نۇتقىنى بەرپا قىلىشى، گۇمانىتارىلىق روھقا ۋە ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى ئىلىم خىسلىتىگە ئىگە بولىشى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلمىي پىرىنسىپىنى قوغلىشىشى كېرەك، بۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆزىنىڭ گىرۋەك ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت بۇرچىنى ئورۇنداشتا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇقەررەر يولدۇر.جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇشۇ ئەسەر يارىتىلغان ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“غا قايتۇرۇپ كۈزىتىش ۋە تەەھلىل قىلىش - خاتا چۈشەنچ ھادىسىسىنى تۈگىتىشتىكى قوللىنىشچان تاكتىكىدۇر. مەدەنىيەت”تىل مۇھىتى“(Culture Context) ئەدەبىي ئەسەر يارىتىلىدىغان مەنبەدۇر.ئەدەبىيات ئېمبرىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ - زامان ۋە ماكاندىكى بەلگىلىك مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بىلەن مەدەنىيەت ھالىتى تەشكىل قىلغان ”مەدەنىيەت مەيدانى“ (The field of Culture) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ كاتېگورىيىنىڭ ئىككى قاتلام مەنىسى بار. بىرى ئەدەبىي ئەسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالاھىدە مەدەنىيەت مورفولوگىيىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ مەۋجۇتلۇق ھالىتى، ئۆرپ-ئادەت، پىسخىكىلىق مورفولوگىيە، ئېتىكىلىق قىممەتتىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ”مەدەنىيەت كەيپىياتى“نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بىرى ئەدەبىي ئەىسەرنىڭ ئاپتورى( ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق يازغۇچىسى، يەككە ياكى ئوپچى ئىجاد قىلغۇچى)نى كۆرسىتىدۇ.بۇ ئالاھىدە ”مەدەنىيەت مەيدانى“ دىكى مەۋجۇدلۇق شەكلى، مەۋجۇدلۇق يۈزلىنىشى، بىلىش ئىقتىدارى، بىلىش يولى بىلەن بىلىش پىسخىكىسى ۋە تونۇش ئۇسۇلى، ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق يەتكەن بىلىش دەرىجىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاپتورلىرىنىڭ ”بىلىش مورفولوگىيىسى“ دۇر. ”ئەدەبىيات ئېمبرىئولوگىيە“ سىنى تەشكىل قىلىدىغان ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ ”ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىغىندىسى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى “، ”يات مىللەت مەدەنىيەتى بىلەن روبىرو تۇرۇشى بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ ۋە ”ئىنسانىيەت تەپەككۇرى بىلەن بىلىش ئورتاقلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ. ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسىرى مانا مۇشۇنداق تىل مۇھىتىدا پەيدا بولىدۇ②. ئەدەبىي ئەسەرنى مانا مۇشۇ ئۈچ خىل تىل مۇھىتىغا قايتۇرغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ئەدەبىي ئەسەردىكى كونكېرت مەدەنىيەت مورفولوگىيىسى بىلەن مۇشۇ ئەسەر تايندىغان ئانا گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلىيەلەيمىز، مىللى مەدەنىەيەتتىن ئىبارەت ئەينىكى بىلەن كونكېرت ئەسەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى يورۇتۇپ بېرەلەيمىز، يازغۇچىغا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز، شۇندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيەت يولىمىزنى توغرىلىيالايمىز. بۇ نۇقتا ئەمدىلا باش كۆتۈرۈۋاتقان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئالەي، شى شۇچىڭ، شياڭ بېنگۈي، گۈيزى، شا لى قاتارلىق يازغۇچىلارغا ناھايىتى مۇھىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى، پۈتكۈل ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىمدۇر.يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، يەرشارىلىشىۋاتقان تىل مۇھىتى شارائىتىدا، يالغۇز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىىدكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىلا كونكېرت مەدەنىيەت مۇھىتىغا قويۇشىمىز ئەسلا كۇپايە قىلمايدۇ، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى ئكز تەرەققىياتىدا بېكىنمە ھالەتتە بولماسلىقى، بەلكى ئوچۇق ھالەتتە بولۇشى، ئۆزىدىكى ھاياتى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئامىللارنى قوزغىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، راۋاجلىنىشنى يات مەدەنىيەتتىن ئىزدىنىشى لازىم.مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەرەققىياتىنى يات مەدەنىيەتتىن ئىزدىنىش يالغۇز يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا تاللىغان قارشىلىشىش تاكتىكىسىلا بولماستىن بەلكى يەنە ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆز مىللىتى مەدەنىيەت ئاجىزلىقىنى، گىرۋەكلىك ئورنىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇقەررەر يولدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيتى بىلەن ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىدىكى كۈچلۈك، ئاجىزلىق پەرقىگە دىققەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ گىرۋەكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى خىل مەدەنىيەت(ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەت) نىڭ دىئالوگ مۇمكىنلىكى ۋە ”جەم بولغان ئەمما ئوخشىمايدىغان“ يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشىنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك.مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشى يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتى شارائىتىدا ھەرگىزمۇ يەنە بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر خىل مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ”ئاز سانلىقلار“ گىرۋەك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقىلا قاراشلىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى يەر شارىلىشىش تىل مۇھىتىدا سوقۇلىشى ھەرگىزمۇ يەككە يۆنۈلۈشتە بولماستىن، بەلكى قوش يۆنۈلۈشتىكى ئۆز ئارا شەرھى ۋە دىئالوگدۇر. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدىكى دىئالوگ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى سىلجىتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى ئاز سانلىق پىكىرلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنى يىغىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، تەنقىدى پىكىرلىرىنى توپلاشقا مەدەنىي ئاساس تەييارلاپ بېرىدۇ.بۇ نۇقتىدا ئوخشاش مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئورتاق مەدەنىيەت ئورنى ۋە ئورتاق سىياسىي تىل مۇھىتى(دۆلەتنىڭ مىللى سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى، مەدەدنىيىتىگە قىلغان يار يۆلىكى) ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە بىربىرىنى تولۇقلىشى ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى ئالدى بىلەن ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەببىي تەنقىدىنىڭ يىغىندىسى بولۇشى كېرەك؛ بىر تۇتاش بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئۇقۇمى ئاستىدىكى بىر تۇتاش تەنقىد پىكرى ۋە تەنقىد قارىشى يېتەكچىلىكىدىكى تەنقىد بولىشى كېرەك؛ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدى نەزەرى ئاستىدىكى باشقا-باشقا ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ھازىرقى ئۆزگىرىشى ۋە قايتا كۈزىتىشىنىڭ ھەمدە ستراتېگىيىلىك تەشكىللىنىشى بولىشى، ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈدىغان، دائىرە بويىچە ئىش كۆرۈدىغان پارتىزانلارچە بولماسلىقى كېرەك؛ سىرتقى يات مەدەنىيەت بىلەن بىر گەۋدە قىياپىتىدە دىئالوگ قىلىشى، پىكىرلىشىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغىلى، گىۋەكلىكتىن چىقىش ۋە ئاجىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەمەلىي كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىللى مەدەنىيەتنىڭ پاكلىقىنى قوغداشنى مەقسەتنى چىقىش قىلغان ئاق كۆڭۈللۈكنى چىقىش قىلغان بېكىمىچىلىك نەتىجىدە تېخىمۇ گىرۋەكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا خاتا چۈشىنىش سادالىرى ئىچىدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھايتاىي كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئاشكارىلىقى – ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئەدەبىيات قرىشىنى ئۆرنەك قىلىشى، قوبۇل قىلىشى ۋە يەرشارىلىشىش مەدەنىيەت ۋەزىيىتى شارائىتىدا ئۆز ئورنىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ. لۇشۈن ئەپەندىنىڭ مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئېلىپ كىرىش ئىديىسى بىزنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك مەدەنىيەت نەزەرىيىسىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ مەۋجۇدلۇق تاكتىكىسى بولماستىن، بەلكى يەرشارىلىشىش تىل مۇچىتى شارائىتىدىكى مىللى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ۋە مۇقەررەر تەلىپىدۇر.ئۇندىن باشقا، مۇستەقىل ئىلمىي روھ تۇرغۇزۇش بولسا ئېچىۋېتىلگەن، زامانىۋى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىچكى خىسلىتىدۇر. جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ئۆز مىللىتىدىكى يازغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خۇلاسىلەپ، باھالاپ ۋە يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مىللى مەدەنىيەتنى تارقىتىشبۇرچى، ئۆز تەنقىدىنىڭ پىكرىنى كۈچەيتىشتەك ئاداققى نىشانىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت نەزەر دائىرىسى ۋە ئىلمىي نىشانى ئۆزىنىڭ ئىلمىي روھىنىڭ مۇھىم تەرىپىگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي روھى يەنە ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ مېغىزىنى تاللاپ شاكىلىنى تاشلىۋېتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.ھەممىگە ئايانكى، بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى، ئەركىنلىكى، ئۆزىنى تىزگنلەيدىغان ھاياتلىق سىستېمىسى بولىدۇ. ھەر بىر مەدەنىيەت بەلگىلىك مەدەنىيەت گەۋدىسىگە تەۋە بولىدۇ. تارىختا مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى كۆپ ھاللاردا مىللەتنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشدىن ئىبارەت ”قاتتىق دېتال“ بىلەن ئىسپاتلىنىپ كەلدى. مىللى مەدەنىيەت بولسا مىللى كىملىكنىڭ بىر خىل بەلگىسىدۇر. گەرچە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئالاھىدە بىر تىل مۇھىتىدا مىللى مەدەنىيەت ھەر خىل تەرەققىيات ھالىتىدە گەۋدىلەنگەن بولسىمۇ، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ تەرەققى قىلىدۇ. بىر مىللەت ئۆزى تاينىدىغان مەدەنىيەت گەۋدىسىنى تاپقاندا، بىر خىل مىللى مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى، ئەركىنلىكى، ئۆزىنى تىزگنلەيدىغان ھاياتلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەندە، بۇ سىستېمىنى ئاسراش ۋە ئۇنى قوغداش گويا تۇغما قابىلىيەتكە ئايلىنىدۇ. خۇددى فانۇن مىسال قىلىپ ئېيتقاندەك: ”گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە، يەرلىك سەنئەتكار ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي بىر پارچە مىللەتنىڭ بەدئىي ئەسىرىنى ياراتماقچى بولغاندا، پىنھان جايغا كىرىۋېلىپ كونا قادىئەلەر بويىچە بارلىق ئۇششاق دېتاللارنىمۇ قويماي ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇنداق سەنئەتكارلار گەرچە ھازىرقى زامانىۋى ماھارەت(ئۇسلۇب) نى ئۈزۈل كېسىل تەتقىق قىلغان، ھازىرقى زامان رەسساملىق ۋە بىناكارلىق ئېقىملىرىغا قاتناشقان بولسىمۇ، چەتئەل مېدىنىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ، ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۆزى قول تىقىپ ھەقىقى مەنىدىكى مىللى مەدەنىيەتنى ئىزدەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قارىشىدىكى مىللىي سەنئەتنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. ئەمما بۇ كىشىلەر تەپەككۇر شەكلى ۋە ئۇ تايىنىدىغان ئوزۇقلۇق ماتېرىيالى ھەتتا زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى، تىل، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنىڭ دىئالىكتىكىلىق بىلەن قايتا تەشكىللىنىپ خەلقنىڭ پىسخكىسىغا كىرگەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان، مۇستەملىكە دەۋرىدە قوغداش رولىنى ئوينىغان ئاشۇ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلار مانا ئەمدىلىكتە غايەت زور ئۆزگىرىشىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە... ھەقىقى بەدئىي ئەسەر ياراتماقچى بولغان سەنئەتكار مۇقەررەر ھالدا شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ رېئاللىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئۇ چوقۇم كەلگۈسى بىلىملىرىنى بايقىغان جايغا يەتكۈچە توختىماي ئالغا بېسىشى كېرەك.“③ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھالەت پەقەت مەدەنىيەتنىڭ بېكىنمىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بولسا پايدىسى تەگمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت قارىشىنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئىنتايىن قىيىن. كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك مەدەنىيەت نەزەرىيىسىدە بىر جۈملە سۆز بولۇپ ئۇ ئەينەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ: ئاز سانلىقلار ھۆكۈمراننى(زومىگەرنى) ئىنكار قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئاز سانلىقلارنى ئىناكر قىلىشى كېرەك. ئۆز مىللىتى مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلغۇچىلا مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھەقىقى قوغدىغۇچىسىدۇر. بۇنداق ئىنكار قىلىش ئەلۋەتتە ئاددى مەنىدىكى تاشلىۋېتىش ئەمەس، ”باشقىلار“ نىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت سىستېمىسى ياكى ”ئىشىكنىڭ شىشىقى “نى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باشقا بىر مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئاسمىلىياتسىيە قىلىش تېخىمۇ ئەمەس. بەلكى پۈتۈن دۇنيا يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پاسسىپ ئامىل ۋە ناچار مەزمۇنلارنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. 20-ئەسىرنىڭ 20-،30- يىللىرىدا لۇشۈننىڭ خەلقنىڭ خاراكتىرى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى فېئودال ئامىللارنى تەنقىد قىلىشى ۋە ئىنكار قىلىش روھى ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىزگە ناھايىتى ياخشى مىسال بولالايدۇ.مۇبادا ئۆزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ئاساسىي يېتەكچى مەدەنىيەتنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشقا قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئوخشاشلا ئۆز ساپاسى ۋە خىسلىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولغان بولىدۇ. بۇ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتنى خاتا چۈشىنىش تىپىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىگە ئوخشىمايدۇ. مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ”چىرىپ ئۆلگەن قىسمى “نى مەردانىلىق بىلەن ئىنكار قىلىشمۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىلمىي روھىنىڭ تەركىبى قىسمىدۇر.ئەلۋەتتە، بىز چوقۇم جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى كۆپ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ بىرىكمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تارقاق ۋە ھەر بىر يەككە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ پەرقلىق بولىشى ئوبيېكتىپ رېئاللىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن ئۆزئارا ئوخشاش ئاجىز ئورنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ماسلاشتۇرۇش (بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىش) تا بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە بۇ جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى تارقاقلىقتىن مەركەزلەشتۈرۈشكە، قىسمەنلىكتىن بىر پۈتۈن گۋدىلىككە يۈزلەندرۈرۈش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەسلىدىنلا جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مەيلى ئەدەبىي ئىجادىيەت بولسۇن ياكى ئەدەبىي تەنقىد بولسۇن ئۇنىڭ گۈللىنىشى ياكى چېكىنىشى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ يەرشارىلىشىش تىل مۇھىتىدا جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى گۈلەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇش بىلەن بىرگە ئوخشاشلا جۇڭگو ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى منۇقەررەر تەلەپتۇر. بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولى يوق.
ئىزاھات:
① كېتۇ كاتلاك: «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى: كېيىنكى مۇستەملىكە ئاياللار ئەسىرىنىڭ نەزەرىيىسىگە يۈزلىنىش» ئابدۇل. R.جانمۇھەممەد، داۋىد لويىد: «ئاز سانلىق پىكىر نەزەرىيىسىگە يۈزلىنىش» 547-بەت، «كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى نەزەرىيىسى» گە كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.② يەنشاۋنىڭ :« ”مەدەنىيەت تىل مۇھىتى“ بىلەن ”ۋارىئاتسىيە“ ھەمدە ئەدەبىياتنىڭ ئېمبرىئولوگىيىسى» گە قارالسۇن، «كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەت تەتقىقاتى» 1-توپلام، 84-، 85-بەتلەر، يېڭى دۇنيا نەشرىياتى 2001-يىل 4-ئاي نەشرى.
③ فرانز فانۇن: « مىللى مەدەنىيەت ھەققىدە»، ① بىلەن ئوخشاش، 284-بەت.تەرجىمە قىلغۇچىدىن: لى شاۋفېڭ ئىمزاسىدىكى بۇ ئەسەر ئەسلى «مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. كېيىن «جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتى تورى» دا ئېلان قىلىنغان ۋە باشقا كۆپلىگەن تور بەتلەر كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان.
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

ئېھتىيات(فېليەتون)
ئېھتىيات
(فېليەتون)
يى مىڭ
كۆكتات سېتىۋالغاندامەن: مەندە پۇرژۇنلۇق تارازا بار، كۆكتات كەم بولۇپ قالمىسۇن.كۆكتات ساتقۇچى: مەندە پۇل تەكشۈرگۈچ بار، ساختا پۇل بېرىمەن دەپ ئويلىماڭ.قۇلۇپ ئاچقانداقۇلۇپ ئاچقۇچىغا مۇنداق دېدىم: قۇلۇپ ئېچىش گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭ، ئوغرىنى ئۆيگە باشلىماي يەنە.قۇلۇپ ئاچقۇچى: نوپۇسىڭىزنى كۆرسىتىڭ، ئشىكنى خاتا ئېچىپ قېلىپ ساقچىغا كىرىپ قالماي يەنە.ئىمتىھان مەيدانىدائوقۇغۇچى: بىزدە يانفون بار، تېخنىكىمىز ئۈستۈن، نازارەتچىدىن قورقۇپ قالمايمىز.نازارەتچى: بىزدە ئېلېكتىرونلۇق كامېرا بار، تېلېفون سىگنالى توسۇۋېتىلگەن، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلالمايسىز.دوختۇرخانىدابىمار تۇققانلىرىغا: دوختۇرنىڭ پېيىدە بولۇڭ، قىممەت دورىلارنى يېزىپ قويىدۇ.دوختۇر سىستېراغا: بىمارغا چىڭ كۆزقۇلاق بولۇڭ، داۋالىنىش پۇلىنى بەرمەي قېچىپ كەتمىسۇن.تاللا بازىرىداخېىردار: ئوبدان قاراڭ قولۇمدا ھېچنېمە يوق.تاللا بازىرى: ئېھتىيات قىلىڭ، بىزدە كامېرا بار، ھۇشۇڭىزنى تېپىپ يۈرۈڭ.خىزمەت ئىزدەشخىزمەت ئىزدىگۈچى: بۇ ئىدارىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تەمىناتى يالغان ئەمەستۇ؟ئادەم ئالغۇچى ئورۇن: يېشىڭىز ۋە دىپلومىڭىز ساختا ئەمەستۇ؟گۈزەل تاللاشگۈزەللەر: سىلەرنىڭ توختامىڭلار ھەم ۋەدەڭلار يالغان ئەمەستۇ؟ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: سىز سۈنئىي گۈزەل ئەمەسسىز؟ سۈنئىي ئەمەسلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتىنى چىقىرىڭ.
«فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2008-يىل 2-ئاي(ئالدىنقى 10كۈنلۈك) لىق سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

كارۋان ئەترىتىنىڭ ئىسلاھاتى
كارۋان ئەترىتىنىڭ ئىسلاھاتى
زېڭ بەنرو
(فېليەتون)
بىر دېھقان 20 ئېشەك بېقىپتۇ، ھەر بىرىگە بىردىن ئۇچۇلۇق سەپلەپ كارۋان ئەترىتى تەشكىللەپتۇ. ئېشەكلەر كۈن بويى جاپالىق ئىشلەيدىكەن، قىلىدىغىنى بىر خىللا ئىش، يەيدىغىنى بىر خىللا يەم بولۇپتۇ.بىر كۈنى ئىشتىھاىسى ئەڭ ياخشى بىر ئېشەك دېھقانغا مۇنداق دەپتۇ:- ھەر كۈنى باشقا ئشەكلەر بىلەن ئوخشاش يەم يېسەم پەقەت تويمايدىكەنمەن، مۇندىن كېيىن ماڭا جىقراق يەم بەرسىڭىز، مەن تېخىمۇ كۆپ يۈك توشۇيتتىم.دېھقان بۇ بولىدىغان گەپكەن، ھەم ئادىل، ھەم ئىش ئۈنۈمىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولغىدەك دەپ ئويلاپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى قەدىمى: ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش، يەم مىقدارىنى ئىشلىگەن ئەمگىكىگە نىسبەتلەشتۈرۈپ تەقسىم قىلىپ بېرىش.بۇ ئۇسۇل بىر مەزگىل يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر كۈنى يەنە بىر ئېشەك مۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ:- ھەر كۈنى ئىشتىن كېيىن نورما تەقسىم قىلىنغاچقا، جىقراق ئىشلىگەن كۈنلىرىم تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن نورمىنى يەپ بولالالمايدىكەنمەن، ئەمما ئازراق ئىشلىگەن كۈنلىرىم تويمايدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئالدىنقى كۈنىدىكى نورمىغا قاراپ ئىككىنچى كۈنىنىڭ ئەمگىكى بېكىتىلسە، ھەم قورساقنى تويغۇزغىلى، ھەم ئىككىنچى كۈنى جانلىق ئىشلىگىلى بولاتتى، - دېھقان بۇ تەكلىپنىمۇ توغرا تېپىپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ ئىككىنچى قەدىمى: چىقىمغا قاراپ كىرىم قىلىش، يېگىنىگە قاراپ ئىش تەقسىم قىلىش.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر ئېشەك مۇنداق دەپتۇ:_ بىر نەچچە ھورۇن ئېشەك تۇنجى كۈنى قەستەن تويغۇدەك يەم يېمەي ئىككىنچى كۈنى ھورۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئەترىتىمىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتتى، - بۇنى ئاڭلىغان دېھقان قارىغاندا شاللاش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈش زۆرۈركەن دەپ ئويلاپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ ئۈىنچى قەدىمى: شاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، كۆتۈرۈشچانلىقنى ئۆلاچەم قىلغان ئاساستا ھەر پەسىلدە ئەڭ ئارقىدا قالغان بەش ئېشەكنى شاللىۋېتىش.بۇنىڭ بىلەن ئېشەكلەر ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي ئىشلىشىپتۇ، ئارقىدا قالغان بەش ئېشەك شاللىۋېتىلگەندىن باشقا، يەنە ئىككى ئېشەك چارچاپ ئۆلۈپتۇ. ئەمما دېھقان بۇ بىر پەسىلدە ئومۇمىي ئۈنۈم ئاشمايلا قالماستىن، يەنە تېخى ھەر بىر ئېشەكنىڭ يەككە ئىش ئۈنۈمىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ.بىر تەخەي كېلىپ كارۋان ئەتىرىتىگە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىپتۇ، ئۇ: _ ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئەسلىدىكى ئېشەكلەرنىڭ يېشى چوڭىيىپ قېرىغانلىقىدىن بولغان، - دەپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ تۆتىنچى قەدىمى: يەتتە نەپەر تەخەينى ئەترەتكە قوبۇل قىلىش.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر قېرى ئېشەك دېھقانغا:- تەخەيلەرنىڭ تېخنىكىسى چالا، ئىشقا تولا تەۋەككۈچىلىك قىلىپ، خاتالىقنى كۆپ سادىر قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئۇلارنى قوغلاندى قىلساق، - دەپتۇ. باشقا قېرى ئېشەكلەرمۇ: بەرھەق، دېيىشىپتۇ. دېھقان تەپسىلىي تەكشۈرۈپ قارىسا راست دېگەندەك تەخەيلەرنىڭ تېخنىكىسى تەلەپكە لايىق ئەمەسكەن، شۇڭا ھەممىسىنى قوغلاندى قىلىپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر نەچچە ئات كەپتۇ-دە، دېھقانغا مۇنداق دەپتۇ:- ئومۇمىي ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن بولىشى ئېشەكلەر پەقەت يۈكنى ئارتىپ كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭدا قانچىلىك يۈك توشۇغىلى بولسۇن؟ ئەگەر بىز قوشۇلساق ھارۋا قېتىپ توشۇغىلى بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئىش ئۈنۈمىنى نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان دېھقان مۇنداق دەپتۇ:- ھارۋا سۆرەشنى مەشق قىلىشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭدا ئىشقا تەسىر يېتىدۇ. ئەترىتىمىزگە كىرىمەن دەيدىكەنسىلەر چوقۇم ھارۋا سۆرەشنى ئۆگىنىپ كېلىڭلار ئاندىن ئىشقا ئالىمەن.ئىسلاھاتنىڭ بەشىنچى قەدىمى: ئات كىرگۈزۈش.ئىش ئۈنۈمى ئالغا باسماۋەرگەندىن كېيىن دېھقان باشقا جايلارغا تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ئەھۋال ھەقىيقەتەن ئاتلارنىڭ دېگىنىدەك ئىكەن. يەنى ھەممە يەردە ئات ئىشقا سېلىنىپ ھارۋىغا قېتىلغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئاتنى ھارۋىغا قېتىپ ئىشلىتىش قارارىغا كەپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ ئالتىنچى قەدىمى: يۈك كۆتۈرۈشنى ھارۋىغا قېتىپ يۈك توشۇشقا ئۆزگەرتىش. ئات-ئېشەكلەرنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، تۆت نەپىرىنى بىر گۇرۇپپا قىلىش. ئېشەكلەر كونا تۆھپىكارلار بولغاچقا ھەممە گۇرۇپپىغا ئېشەك بىرىنچى باشلىق قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. ئېشەكلەر يۈكنى كۆتۈرۈپ توشۇغان ئۇسۇل بويىچە ھارۋا سۆرىگەچكە، سۈرئىتى ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپتۇ، بۇنىڭغا ئاتلار نارازى بولۇشۇپتۇ. ئەمما ئېشەكلەر دېھقانغا مۇنداق دەپ ئەرز قىلىشىپتۇ:_ ئات مۇئاۋىنلىرىمىز خىزمەتلىرىمىزنى قولىمايۋاتىدۇ، - بۇنى ئاڭلىغان دېھقان ئېشەك باشلىقنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىغان ئاتلارنى ئىشتىن شاللىۋېتىپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ يەتتىنچى قەدىمى: ئارقىدا قالغان مۇئاۋىنلارنى شاللىۋېتىش. يەنە بىر نەچچە ئېشەك تەكلىپ قىلىنىپ ئات بار گۇرۇپپىغا قوشۇلۇپتۇ، ھەمدە يەنە بىردىن ئارقان كۆپەيتىلىپ ھارۋىغا قېتىلىپتۇ. ھەر بىر گرۇپپىنىڭ مۇئاۋىنلىرى ھەر ئايدا گرۇپپىنىڭ بىرىنچى باشلىقلىرى تەرىپىدىن باھالىنىپ نۇمۇر قويۇلۇپتۇ، ئارقىدا قالغانلىرى شاللىنىپتۇ.ھارۋا ھەر تەرەپكە تەڭ تارتىلغاچقا ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن گۇرۇپپىلاردا دائىم بىر-بىرىنى پۇتلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئارقىدا قالغان مۇاۋىنلارنى شاللىۋېتىشنى نورمال يولغا قويغىلى بولمىدى، دەپ داتلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېھقان گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا تولۇق ھوقۇق بېرىپتۇ.ئىسلاھاتنىڭ سەككىزىنچى قەدىمى: كابېنت تەشكىللەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مۇاۋىنلارنى گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئۆزلىرى تاللاش.بارلىق ئاتلار گۇرۇپپىلاردىن شاللىۋېتىلىپتۇ. ئاتلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپا بېرىشىپتۇ. ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۈكنى ئۈستىگە ئارتىپ توشۇغان چاغدىكىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھارۋىلار سېتىۋېتىلىپ يەنە يۈكنى ئۈستىگە ئارتىپ توشۇشقا باشلاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كارۋان ئەترىتى زىيان تارتىشقا باشلاپتۇ، ئېشەكلەرنىڭ ئىشتىھاسى توشۇغان يۈكىدىنمۇ كۆپ بولۇشقا باشلاپتۇ. ئىسلاھاتنبىڭ توققۇچىنچى قەدىمى: ۋەيران قىلىپ، قايتا تەشكىللەش.
جۇڭخۇا فېليەتونلار تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

كوچىدىكى ئالماس(ھېكايە)
ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎس[ﺋﯩﺴﺮاﺋﯩﻠﯩﻴﻪ] راﺑﻰ ﭘﯧﺴﺎ ﻛﺮوسﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﭘﻮﻟﺸﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎزﯨﺮﯨﺪا ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﯚزى ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﺪە ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪر ﺗﯘرۇپ ﻛﻪچ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﮬﻪر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﯩﻤﯘ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻏﯘرﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺗﯜۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺑﺎزاردا ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﯘ ﻳﻪردە ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯘرﺳﻪت ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪب ﺋﻪﻣﻪس دەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪى. ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼردﯨﻦ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎراﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﻛﯚپ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﺌﺎﯕﻼﻳﺘﺘﻰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯘ ﺋﺎراﻟﺪا ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻮﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﻮﭼﯩﻼردﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﮭﯧﻜﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﺎرال ﭘﻮﻟﺸﺎدﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯩﺮاﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﯕﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪر ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯜﺷﻜﯜل ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪن. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﯘﻳﺎن ﺋﻮﻳﻼپ، ﺑﯘﻳﺎن ﺋﻮﻳﻼپ، ﭘﺎﻳﺪا زﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ دەﯕﺴﻪپ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻪرﮔﻪ ﺗﻪۋەﻛﻜﯜل ﻗﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﭘﻪﻗﻪت ﺳﺎق_ﺳﺎﻻﻣﻪت ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﻟﺴﯩﻼ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﯩﺴﯩﻼ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯖﻤﯘﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺑﺎﻳﺎﺷﺎت ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪى.ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﯚزﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺳﻪﭘﻪر ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﭘﯜﺗﯜپ ﺳﻪﭘﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺘﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﭘﯩﺮﯨﺴﺘﺎﻧﺪا ﺋﯘ ﺋﯘرۇق_ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﺷﻼاﺷﻘﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘم ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ۋەدە ﺑﻪردى_دە زور ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﻤﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﻛﯧﻤﻪ ﻟﻪﻧﮕﻪر ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺳﻪﭘﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪى.ﺋﺎدەم ﺋﺎﻳﺎق ﺑﺎﺳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﻛﯧﻤﯩﻠﻪر ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪم ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ، ﻛﯧﻤﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻤﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ، دەپ ﺋﯘﻗﺘﯘردى. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻛﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪدەﻣﻤﯘ ﻗﻪدەم ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻛﻮﭼﯩﻼرﻏﺎ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻗﺎن ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻼرﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜردى. ﻛﯧﻤﻪ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﻰ، ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺗﻪﻗﻪززاﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﺸﻘﺎن ﺳﯚز_ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪى، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻛﻮﭼﯩﻼردا ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻼر ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﯩﻨﻰ، ﻛﻮﭼﯩﺪا ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻳﯜرۈﺷﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﻪردە ﻳﺎﻟﺘﯩﺮاپ ﻳﺎﺗﻘﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﺪەك ﻳﯜرۈﺷﻠﯩﺮى ﺋﯩﺪى. ﺋﯘﻻر ﻗﯩﻠﭽﻪ ﭘﻪرۋا ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻼرﻏﺎ دەﺳﺴﻪپ ﻣﯧﯖﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻼرﻏﺎ ﻧﻪزەر ﺳﯧﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﺷﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻛﻮﭼﯩﻼرﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻼرﻧﻰ ﻛﯚرۈﭘﻼ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻳﯜك ﺗﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﭼﻮڭ، ﻛﯩﭽﯩﻚ، ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ، ﻧﯘﻗﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺋﺎۋاﻳﻼپ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪى.ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﻪرﮔﻪچ ﺋﺎﻧﺪا ﺳﺎﻧﺪا ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻗﺎاراپ ﻗﻮﻳﺪى، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻪدەم ﻧﯧﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ دﯦﻴﯩﺸﯩﭗ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﻛﯜﻟﯜﻟﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚردى، ﺋﯘ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯜﻟﯜﺷﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ._ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺴﯩﺰ، _ دﯦﺪى ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن ﻧﺎﺷﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻗﺎراۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﮬﻪﻳﺮاﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن _ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﺗﯘرﺳﺎ، ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﻳﺘﺘﯩﯖﯩﺰ؟_ ﺷﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، _ دﯦﺪى ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن _ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻣﯘ دەﺳﻠﻪپ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺧﯘددى ﺳﯩﺰدەﻛﻼ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﺎۋارە ﺋﯩﺪى، ﻗﺎراپ ﺑﯧﻘﯩﯖﻪ، ﮬﺎزﯨﺮ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر دﯦﮕﻪن ﮬﺎزﯨﺮ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜرۈۋاﺗﯩﺪۇ._ ﮬﯩﻢ.ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، راﺳﺖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ دەپ ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى:”ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ دﯦﮕﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪۇ، ﻣﻪن ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺗﯘرﺳﺎم، ﺋﺎراﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﺪە ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯘرﺳﺎ، ﮬﺎزﯨﺮ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﻳﻤﻪن.“ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜرۈﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪى، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى.ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪەك ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﻪرﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪى. ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪﻧﺪەك ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯚزﯨﻼ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﺮﯨﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﯩﻠﯩﻘﺘﻪك ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻼرﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ، ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﺎﻟﻤﺎس راﺳﺘﯩﻨﻼ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﻮق، ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎس ﻧﻪرﺳﯩﻤﯩﺪۇ؟ ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪﻧﺪەﻛﻼ ﻳﯜرۈﺷﯩﺪۇ؟ ﺋﯘ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﺪى. دەرۋەﻗﻪ، ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎراﻟﺪا ﺋﺎﻟﻤﺎس ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﺪا ﺗﯚﻛﯜﻟﯜپ ﻳﺎﺗﻘﺎﭼﻘﺎ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، ﺋﺎراﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺸﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻜﻪن، ﻳﺎﻏﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯨﻜﻪن. ﻣﺎي ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ۋاق ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﺪا ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن زۆرۈر ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﺋﯩﻜﻪن.ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎر ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪﻛﯚپ ﮬﺎﻟﻼردا ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪن، ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻨﯩﻜﻪن. ﺋﺎراﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺸﯩﭽﻪ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﭘﻪﻗﻪت ﻳﺎغ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺮاﻟﯩﺴﺎ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺋﺎز_ﺗﻮﻻ ﻳﺎغ زاﭘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎغ ﺳﺎﺗﺴﯩﻼ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺋﯘﻻر ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮاﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، دۇﻧﻴﺎدا ﺑﯘ ﺋﺎراﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﺪا ﻳﺎﻏﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪدﯨﻦ ﺑﯩﻠﺴﯘن.ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﮬﻪم ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻼرﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﻰ_دە ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪي ﻳﺎغ ﭼﯩﻘﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﯩﺰدەﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﯟارەن ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘ ﺋﺎراﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ، ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﺎغ ﭼﯩﻘﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﻰ ﺗﺎﭘﺘﻰ. ﺗﻪﺟﯩﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﻳﺎغ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎردى، ﮬﻪﻣﺪە ﻳﺎغ ﺳﺎﻗﺎﻻش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻳﺎغ ﺳﻮدﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﻛﯜﻧﻠﻪر ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯚﺗﯜۋەردى، ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎغ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﻼ ﻳﯜرۈپ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﮬﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻳﻮﻟﺪا ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎن ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻼرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﺳﺎﻻﺗﺘﻰ، ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﯘ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚز_ﺋﯚزﯨﮕﻪ :_ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ۋاﻗﺘﯩﻢ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺑﺎرﻏﯘ، ﮬﺎزﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﻳﺎغ ﺳﻮدﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻛﯚﭘﺮەك ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﺶ، _ دەﻳﺘﺘﻰ.ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ: ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻤﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜدەك، ﻛﯧﻤﻪ ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ”ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ“ ﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜدەك، دﯦﮕﻪن ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﺗﺎرﻗﺎﻟﺪى. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻣﺎي ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﺧﻪۋەرﮔﻪ ﺋﯧﺮەڭ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ راﺳﺖ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯩﻐﺎن ﻛﯧﻤﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﻛﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﺪى. ﺋﯘ دەر ﮬﺎل ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯘﺷﺘﯘرۇپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪى، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﭽﻪ ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﻳﺎﻏﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﺳﺎم ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺑﺎﻳﺎﺷﺎد ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرﯨﺪۇ دەپ ﺋﻮﻳﻼپ، ﻣﯘﺷﯘ دەﻗﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻼ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎرﻏﯘدەك ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺧﯘﺷﺎل ﺧﯘرام ﮬﺎﻟﺪا ﻳﺎﻏﻠﯩﺮﻧﻰ ﻛﯧﻤﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﻳﺎغ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﻪن ﺋﯩﺪى، ﻛﯧﻤﻪ ﻗﻮزﻏﯩﻼﻳﻼ دەپ ﻗﺎﻟﺪى، ﺋﻪﻣﺪى ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺗﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ۋاﻗﯩﺖ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﻪك ﻧﯘرﻏﯘن ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎرﯨﻤﯩﺴﯘﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎراﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎد ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪى. ﺋﯘ ﭘﯩﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺳﺎﻗﻼش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎل ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯜﻣﯩﺪﻛﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﻛﯧﻤﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯩﺪى.ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﺮى ﺳﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺑﯘﺳﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼر ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻐﺎ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﻛﺎﭘﯩﺘﺎن ﻛﯧﻤﻪ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯘ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراﻗﻨﯩﯔ زادى ﻧﻪدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮۇق ﻗﯩﻠﺪى، ﻛﯧﻤﻪ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ دەﻣﺪﯨﻼ ﺑﯘ ﭘﯘراﻗﻨﯩﯔ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪى. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﭘﯘراﻗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺋﯚزى ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻳﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﺪى، ﺋﯘ ﻛﯧﻤﻪ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯘ ﻳﺎغ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻗﺎن ﺗﻪرى ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﯩﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎد ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪى. ﻛﯧﻤﻪ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻣﺎﻗﯘل ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﺎي ﺗﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯜﻣﻜﻪپ ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراق ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﮕﻪ ﻛﺎر ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى، ﺳﯧﺴﯩﻐﺎن ﻳﺎﻏﻨﯩﯔ ﺑﯘﺳﻰ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻏﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘردى، ﺋﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﻏﻨﻰ دﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى. ﻛﯧﻤﯩﺪە ﻗﯧﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻧﺎﺷﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى.ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘڭ ﻳﺎﻏﻨﯩﯔ دﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﯧﺴﯩﻖ ﻳﺎﻏﻘﺎ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﺪى، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﻐﺎن ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﯘ ﺧﻮﺗﯘن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ زور ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﻪززا ﺑﻮﻟﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ.ﻛﯧﻤﻪ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺪﯨﺪە، ﺧﻮﺗﯘن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرزۇ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼپ ﻛﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜدەك ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪى. ﻛﯧﻤﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﺴﻰ ﭼﯜﺷﯜپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘ ﻧﺎﺋﯩﻼج ﻛﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻟﭙﺎﻳﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ.ﺧﻮﺗﯘن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ، ﺧﯘﺷﺎل ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى، ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ روﮬﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪت ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﻼ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘرق_ﺗﯘﻏﻘﺎن، دوﺳﺖ_ﺑﯘرادەرﻟﯩﺮى ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻘﻰ ﭼﻪﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﭼﯜرﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ دﯦﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﮬﻮﺟﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﯧﺘﯩﯟاﻟﺪى. ﺋﯘرۇق_ﺗﯘﻏﻘﺎن، دوﺳﺖ ﺑﯘرادەرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﻪﻧﺪى، ﺋﯘ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯜز ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.ﺋﯘ ﮬﻮﺟﺮﯨﺴﯩﺪا ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﯩﻐﻼپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﮬﻮﺟﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎرﭼﺎپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﺴﯘن دﯦﮕﻪﻧﻨﯩﻼ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﮬﻮﺟﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﺎرﯨﯟاﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪى، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﯕﺪاﺷﻘﯘﺳﻰ، ﻧﯘرﻏﯘن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ دﯦﮕﯜﺳﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﺧﻼۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. ﺋﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﻪ ﻳﯩﻐﯘﺷﺘﯘردى، ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ داﻧﻪ ﭼﻮڭ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎپ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ_دە، دەرﮬﺎل ﺋﯜﻧﭽﻪ ﻧﻪرۋاﻳﯩﺖ ﺳﻮدﯨﮕﯩﺮى ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﭘﺘﻰ. ﺳﻮدﯨﮕﻪر ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪى:_ ﺧﺎﻧﯩﻢ، _ دﯦﺪى ﺋﯘ _ ﺳﯩﺰ ﺑﻪك ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻜﻜﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ داﻧﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪن، ﻧﯘرﻏﯘن ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎراﻳﺪۇ، ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜر ﺑﺎﻳﺎﺷﺎد ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرﮔﯩﺪەﻛﺴﯩﺰ.ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎﻳﺎل ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪەك ﭼﺎﭘﺘﻰ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﺋﯧﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎن ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪم ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺪى، ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺟﺎﭘﺎ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ رەﮬﻤﻪت ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜن ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰﻣﯘ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى._ ﺳﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺧﺎﭘﯩﻐﺎن ﺗﯘرﯨﺴﯩﺰ؟ﺋﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﻪﻳﺮاﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻪپ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ دﯦﺪى:_ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ زور ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰ؟_ ﻣﻪن ﺑﻪك دۆت ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪن، _ دﯦﺪى ﻧﺎﺷﯩﻤﺎن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ،_ ﺋﻪﮔﻪر ﺋﻪﻗﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﯩﻐﺎن ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻧﻪزەرﯨﺪە ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن، ﭘﻪﻗﻪت ﭘﯜﺗﯜن زﯦﮭﻨﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزۈم ﻣﯘﮬﯩﻢ دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﺎﻧﻐﺎن ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎل ﺋﺎﻟﻤﺎس ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺘﺘﯩﻢ، ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪس، ﻧﻪۋرﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺋﯘرۇق ﺗﯘﻏﻘﺎن _دوﺳﺖ ﺑﯘرادەرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺷﺎﺗﺘﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪۋﻻدﻗﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪن ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻚ، ﺋﺎراﻟﻐﺎ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘدۇم، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﻪرﭼﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎس ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺑﯘﻻرﻣﯘ دﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪى.« ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﻠﻪر. ﺗﻪرﻣﯩﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ 2007_ﻳﯩﻠﯩﻠﯩﻖ 4_ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎرﻏﯘ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ
订阅:
评论 (Atom)