ئالياسكا قانداق بولۇپ ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن؟
يى مىڭ
ئالياسكا 1867-يىلى ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلگەن، بۇ چاغدا ”رۇسىيىدىكى ئامېرىكا قىتئەسى “ دېگەن نام پەيدا بولغىنىغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئالياسكا رۇسىيىنىڭ دۆلەت زېمىنى بولماستىنبەلكى بىر شىركەتنىڭ زېمىنى ئىدى، دەسلەپتە بىرنەچچە كىشى ئاچقان بىر شەخسىي شىركەتنىڭ زېمىنى بولۇپ 1799-يىلىلا ئاندىن ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ نىڭ زېمىنىغا ئايلانغان. دۆلەت ئالياسكىنى دلەتنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرۇشقا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان، ئالياسكا ئەزەلدىن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن. مۇنداق ئىگىىدارچىلىق شەكلى 18-، 19-ئەسىرلەردە كۆپ ئۇچرايتتى، مەسىلەن شەرقىي ھىندىستان شىركىتى، خۇدسون قولتۇقى شىركىتى دېگەنلەرگە ئوخشاش.بۇ ئەمەلىيەتتە ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ نىڭ غوجىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە چار پادىشاھىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن قىلغان سودىسىدۇر. ئالياسكا سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان، تولا مەسىلە كۆرۈلىدىغان ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ دىن قۇتۇلدى. ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “ ئەينى ۋاقىتتا قىيىن شاراتتا بولۇپ، پايدا كۆرۈلمەيۋاتقان، يىلدىن يلغا قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى يەرلەرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلەتتى، بولۇپمۇ قىرىم ئۇرۇشى(1853-يىلىدن 1856-يىلغىچە) ئالياسكىنىڭ تەقدىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. قىرىم ئۇرۇشى رۇسىيە دۆلەت غەزنىسىنى قۇرۇقداپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە تىنچ ئوكياندا كۈچلۈك ئەنگىلىيە ئۇرۇش كېمىلىرىگە ھېچقانداق مۇداپىئە ئىقتىدارى بولماسلىقتەك ھالغا چۈشۈپ قالدى.1866-يلىغا كەلگەندە ”رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتى “نىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىگە بوغۇلغان قەرزى 725 مىڭ رۇبلىغا يەتتى. ھۆكۈمەت ئىھىدە بەزىلەر ئالياسكىنى سېتىۋېتىپ بۇ يۈكتىن قۇتۇلۇش ھەمدە ئەڭ ياخشىسى ئاېمرىكىغا ستىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشتى. چۈنكى ئالياسكىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بەرگەندە رۇسىيىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرۇشتا بىر ئىتتىپاقداشقا ئىگە بولاتتى.” پېتر بۇرگقا بىر مۇھىم مېھمان كەلدى بۇ كىشى – كاپىتان فوكس بولۇپ ئۇ ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەلچىسى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن كېمە ئەتىرىتىدىكىلەر پادىشاھىمىزنىڭ قاتىلنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكىلىگىلى كەلگەن. “ 1867-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدكى «سادا» گېىزتىدە يۇرىقىدەك خەۋەر بېرىلدى.رۇسىيىدىكى ھەممە گېزىتلەردە بىرلا ۋاقىتتا: ”كاپىتان فوكس ئامېرىكا خەلقىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە دوستلىقىنى ئېلىپ كەلدى “، ”ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقداش بولىشى ئىنتايىن تەبىئىي ئىش “ دگەندەك خەۋەرلەرنى بېسىشتى.ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىتتىپاقداشلىقنى قانداق كۈچەيتىشنى بىرەرسىنىڭ بىلىشى ناتايىن ئىدى، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ”سەمىمىي دوستلىقى“ غا قانداق رەھمەت ئېيىتىدغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى.1867يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاشىڭتوندا رۇسقيە بىلەن ئامېرىكا تتام ئىمزالىدى، توختامغا ئاساسەن ئالياسكا يەتتە مىليون 200مىڭ ئامېرىكا دوللىرغا ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. ئالىكساندىر-2گەرچە 5-ئاينىڭ3-كۈنى ئاندىن ئىمزا قويغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئالياسكا ئاللىبۇرۇن سېتىۋېتىلگەن ئىدى.پېتربۇرگدىكى ھەرقايسى گېزىتلەر 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاتلانتىك تېلىگراممىسىدىن بۇ خەۋەرنى ئۇقۇشقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمىدى، بۇنى پەقەت بىر ئويۇن، يالغان خەۋەر دەپ قاراشتى. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ گېزىتى«شىمال پوچتىسى» «رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى تېرىتورىيىسىنى سېتىۋېتىش توختامى»نى باسماقچى بولدى. ئەمما بۇ خەۋەر تېخى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشمەستىن «سادا» گېزىتىنىڭ خوجايىنى A.A كرايېۋىسكىي ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى: ”بۈگۈن،تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن بىز رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئامېىركىدىكى تېرىتورىيىسىنى سېتىۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇق، بۇ خەۋەرنى بىز نيۇروك، لوندوندىن كەلگەن تېلېگراممىلاردىن خەۋەر تاپتۇق .... ئەندى بۇ خەۋەرنى يەنە ئويۇن قاتارىدا كۆرمەسلىكىمىز لازىم. رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا شىركىتى بۇ زېمىنغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ يەردە ئاھلىلار نۇقتىسى قۇردى، نۇرغۇن مەبلەغ، ئادەم كۈچى سەرپ قىلدى، ھەتتا نۇرغۇن رۇسىيىلىكلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. بۇ شىركەت 50 يىلدىن بېرى بۇ زېمىنغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ بۇ يەرگە تەۋەلىك زېمىن، كېمە ئەترىتى بەرپا قىلدى، بۇ يىراق چەت رايوندا پراۋۇسلاۋىيە دىنى ۋە مەدەنىيەت تارقاتتى. بۇ مەبلەغنىڭ ھەممىسى كەلگۈسى ئۈچۈن سېلىنغان، كەلگۈسىدە ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلەتتى. ئەمما ئالياسكا سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن شىركەت بارلىقىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا چىقارغان باھا ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بۇ كىچىككىنە پۇل دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ناچار مالىيە ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولۇشى ناتايىن. “ئالايسكىنى سېتۋىېتىش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسلىگە قارىتا A.A كرايېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: ”خەلقئارا كابىلنىڭ كۆمۈلىشى سەۋەبلىك ئالياسكا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالياسكىدا زاپىسى مول ئالتۇن كانى بايقالدى، بۇ كانلار قېزىلسا ئامېرىكا ئالياسكىنى سېتىۋالغان پۇلدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ. “A.A كرايېۋىسكى يەنە ئەنگىلىيىنىڭ خۇدسون قولتۇقى شىركىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئەنگىلىيىكلەر بىلەن ئامېرىكىلقلار قوشنا بولسا بىزگە چوقۇم پايدىسىدىن زىيىنى كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا ئالياسكا ئەنگىلىيىگە سېتىپ بېرىلگەن بولسا ئەنگىلىيىكلەر ئامېرىكا قويغان باھادىن ئىككى ھەسسە، ھەتتا تۆت ھەسسە ئارتۇق باھا قويغان بولاتتى.ئامېرىكىلىقلارمۇ رۇسىيىلىكلەرگە ئوخشاشلا ئالياسكىنىڭ سېتىۋېتىلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى شۋېرد بىلەن رۇسىيە باش ئەلچىسى سىتېكلىنىڭ سۆھبىتىنى پەقەت ئايرىم كىشىلەرلا بىلەتتى. قىزىق يېرى شۇكى، ئامېرىكىلىقلار دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن خۇش بولۇپ كەتمىگەن ئىدى. ئەينى چاغدا گېزىتلەردە بۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ماۋزۇسى ھەر خىل، ھەر ياڭزا قويۇلغانىدى: «شۋېردنىڭ ئەخمىقانە ئىشى»، «جونسۇننىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى»، «شۋېردنىڭ توڭخانىسى» ... «نيۇيورك پېشىۋاسى گېزىتى» ھەتتا شۋېردنى مازاق قىلىپ مۇنداق دېگەن: شۋېرد ئامېرىكىغا 50مىڭ ئېسكىموس ئېلىپ كەپتۇ، بۇ ئېسكىموسلارنىڭ بىر ۋاقلىق ناشتىلىقىغىلا يېرىم باك ماي كېتىدىكەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي «نيۇيورك پېشىۋاسى گېزىتى» ئالياسكىنى سېتىۋېلىش”مۇشۇ دەۋردىكى خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم سودا بولدى.“ دەيدۇ.ئالياسكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش مۇراسىمى 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سېدتا ئۆتكۈزۈلگەن.1868-يىلىدىكى «پېتربۇرگ ئاخباراتى»غا ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرگۈچىنىڭ بىر پارچە خېتى بېسىلغان. بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ”رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئەسكەر .ەسكەرلىرى بايراق خادىسى ئالدىدا تەق بولۇپ تۇرۇشتى، خاس ۋەكىلنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ ئىككى سېرژانت بايراقنى چۈشۈرۈشكە باشلىدى. نەخ مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر ۋە ئوفىتسېرلار شەپكىسىنى ئېلۋېتىپ سالام بېرىشتى، ئەسكەرلەر قورالىنى تىك تۇتۇشتى، ھەربىي ئوركېستىر مارش چالدى، ھەربىي پاراخوتلار 42 پاي ھۆرمەت توپى ئاتتى. ئەمما رۇسىيە بايرىقىنىڭ چۈشكشسى كەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى، بايراق تانىسى خادىنىڭ ئۇچىدا چىگىلىپ قېلىپ ئۈزۈلۈپ كەتتى، خاس ۋەكىلنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بىر نەچچە ماترۇس بايراقنى ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن خاىدغا ياماشتى. كۆپچىلىك بايراق خادىسىنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىققان ماترۇسقا بيراقنى تاشلىۋەتمەي ئۆزى بىرگە ئېلىپ چۈشۈشنى تاپىلامقچىى بولغانىدى. ئەمما ئۇلار گەپنى دەپ بولغىچە ئۇ ماترۇس بايراقنى پەسكە تاشلىۋەتتى، بايراق دەل رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئىشتىكىگىلا چۈشتى. “ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاندىن رۇسىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدا ئەمەسلىكىنى سېزىشتى.توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رۇسىيە ئالياسكىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت بىنالىرىنى شۇ زېمىن بىلەن قوشۇپ ساتقان ئىدى. ئەمما ھېلىقى كۆرگۈچىنىڭ ئېيىتىشچە ئالياسكىدا بىرنەچچە ئورۇندىكى شەخسلەرنىڭ قۇرۇلىشىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە ئامېرىكا شىركىتىسالغان قۇرۇلۇشلار ئىدى.ئاخىرى خاس ۋەكىللەر بۇيرۇق چۈشۈرۈشتى: ھكۆۈمەت ئۆيىدىن بىرسى بولسىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوچىغا چىقىپ قايسى قۇرۇلۇشقا كۆزى چۈشسە شۇنى دۆلەتنىڭ مۈلكى دەپ ئېلان قىلىشتى. ”دۆلەت مۈلكى “ ئولتۇرۇۋاتقان كىشىلەر بولسا نەخ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا كوچىغا قوغالاپ چىقىرىلدى. مۇشۇنداق قوغلاپ چىقىرىلغانلار 250 كىشىگە يەتتى. بۇ كەچ كۈز مەزگىلى بولۇپ ئۇششاق يامغۇر چۈشۈۋاتقان ئىدى. بۇ كىشىلەر ئامالسىز پورتلاردا، كېمىلەردە ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشتى. بالا كەلسە قوش كەپتۇ، پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ دېگەندەك ئۇ كۈنلەردە تېخى بۇ يەر قااتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، مۇنچە قاتتىق بوراننى ھەتتا ماترۇسلارمۇ كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئىككى كېمىنى قىرغاققا ئۇچۇرتىۋەتتى، بىر كېمىنىڭ ئاستىنىتېشىۋەتتى، بەزى كېمىلەرنىڭ لىملىرى سۇندى، بەزى ئۆيلەرنىڭ تورۇسىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى.توختامدا، ئالياسكىدا تۇرۇشلۇق بارلىق رۇسىيىلىكلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىنى ساقلاش ياكى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى دەپ بەلگىلەنگەن. ”ئەگەر ئالياسكا ئامېرىكىغا سېتىۋېتىلمىگەن بولسا ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا قاراشلىق شىتاتلارنىڭ بىرىدە 5 يىلدىن ئارتۇق تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر ئالياسكىلىقلارغا نىسبەتەن بەش مىنۇتمۇ كەتمەيدىغان بولدى. “. ئۆزىنى بەختلىك دەپ بىلگەن بىر كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ شادلىقىنى يوشۇرمايلا شۇنداق دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق يازغانىدى: ”ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرىش مۇراسىمى مۇنداق: ئاۋۋال ئىككى گۇۋاھچى تاپىسىز، ئىككى گۈۋاھچى قەسەم قىلىپ ۇ: پالانى بايراق ئالماشتۇرغان چاغدا ئالياسكىدا تۇرۇشلۇق ئىدى، ھەمدە بۇ ئادەم بىزنىڭ بىلىشىمىزچە نورمال ئادەم، دەيدۇ. ئاندىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرگۈچى باشقا دۆلەت تەۋەلىكى (كۆپ ساندىكىلەر رۇسىيە تەۋەلىكىدە) دىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئاخىرىدا ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ <قەسەم قىلدىم> دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇراسىم ئاخىرلىشىدۇ. ئاندىن تىزىملىنىدۇ، تىزىملاپ بولۇنغاندىن كېيىن بارلىق رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ بولغان بولىدۇ. “تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇزۇن ئۆتمەي رۇسىيىگە ماڭىدىغان كېمىگە رۇسىيىلىكلەر لىق تولغان، روشەنكى ئامېرىكا تەۋەلىكى بارلىق رۇسىيىلىكلەرنى جەلپ قىلالمىغان. 1867-يىللىق «پېتربۇرگ ئاخباراتى»غا رۇسىيىنىڭ ئالياسكىنى سېتىۋېتىشتىكى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆز قارشى ئېلان قىلىنغان: ”ئادەتتە ھەرقانداق دۆلەت ئامال قىلىپ ئۆز تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ، ئەمما بۇ قائىدە رۇسىيىگىلا ماس كەلمەيدۇ. رۇسىيىنىڭ زېمىنى بەك چوڭ، بەزى جايلارنى قوشۇۋېلىش ئەمەس بەلكى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىۋەتمەي بولمايدۇ. “
(رۇسىيىنىڭ «يەرشارى تور ساياھىتى» دېگەن ئېلىكترونلۇق ژۇرنىلىدىن شى مېي خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان)
«تەرجىمىلەر. تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىلى 12-ئايلىق سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
2009年5月13日
订阅:
博文评论 (Atom)
没有评论:
发表评论