سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى
سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى كۇنشى ئەپەندى 1942-يىلى كورېيىنىڭ جەنۇبىي چىنشاڭ ۋىلايىتىنىڭ يىنىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان،1965-يىلى ياپونىيىنىڭ زاۋداۋتيەن ئۇنىۋېرىستېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1966-يىلى ئامېرىكا گېئورگى ۋاشىڭتون ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ دەرسلىرىنى تاماملىغان، 2000-يىلى سېئۇل ئۇنىۋېرىستېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمىي پەخىرىي دوكتۇرى بولغان.
لى كۇنشى ئەپەندى 1966-يىلى سامسۇڭ گۇرۇھىغا خىزمەتكە قاتناشقان، ئۇ چاغدىكى ۋەزىپىسى مەركىزىي گېزىتى(سامسۇڭ شىركىتى قارمىقىدىكى كارخانا) نىڭ كېڭەش ئەزاسى ئىدى. شۇندىن كېيىنكى 30 نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ سامسۇڭ شىركىتى مەھسۇلات ۋە بايلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇھى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1987-يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. لى كۇنشى ئەپەندى سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ تاشقى پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ كەلمەكتە، ئۇ يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، كورېيە مېيىپلارر تەنھەركەت جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
لى كۇنشى ئەپەندى ئۆزىنىڭ تالانتلىق رەھبەرلىك ماھارىتىگە تاينىپ سامسۇڭ گرۇھىنى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندۇردى. 1988-يىلى ئۇ سامسۇڭ گۇرۇھىغا باش مۇدىر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە سامسۇڭ شىركىتىنى كورېيىدىكى بىرىنچى چوڭ كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. لى كۇنشى ئەپەندى كىشىنى پەخىرلەندۈرگىدەك مۇۋەپپىقىيەت ئالدىدا قانائەتلىنىپ بىر ئىزىدا توختاپ قالمىدى. سامسۇڭ شىركىتىنى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 1993-يىلى لى كۇنشى ئەپەندى كېيىنچە دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى تارتقان «يېڭى تىجارەت» ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇ ئەسىر ئاخىرىدكى كارخانا كىرزىسىنى توغرا مۆلچەرلىدى ھەمدە « خوتۇن بالىلاردىن باشقسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ شىركەت خىزمەتچىلىرىنى ئۆزگىرىش، تەرەققىيات، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە سەپەرۋەر قىلدى، ساننى مەركەز قىلشىتەك تىجارەت ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، سۈپەتنى مەركەز قىلىشتەك تىجارەت ئىدىيىگە كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن سامسۇڭ شىركىتى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردىكى ئىلغار كارخانا رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى «يېڭى تىجارەت» ھەرىكىتى پۈتكۈل كورېيىدىكى كارخانا ساھەسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغىغان ئىدى، بۇ قېتىمقى تىجارەتتە يېڭىلىققا كۆچۈش پائالىيىتى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنياۋى ئىلغار كارخانا يۆنۈلىشىگە تەرەققىي قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى دەل «يېڭى تىجارەت ھەرىكىتى» نىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. سامسۇڭ شىركىتى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈزۈلمە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، «تاللاش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش» تىن ئىبارەت كەسپىي تەرەققىيات ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويدى، كەلگۈسى تىپىدىكى كارخانا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا پائال مەبلەغ سالدى، ھازىرقى سامسۇڭ شىركىتى ئېلېكترون، پۇل مۇئامىلە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى، سودا ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە ھەر قايسى كەسپىي ساھەلەرنىڭ سەۋىيىسى تەرتىپكە سېلىنغان ئىسمى جىسمىغا مۇناسىپ دۇنياۋى ئىلغار كارخانىغا ئايلاندى.
لى كۇنشى مۇدىر كارخانىنىڭ جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەڭ تەرققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى ھەمدە بۇ خىل ئىدىيىنى تىجارەت ئىدىيىسىگە سىڭدۈردى. سامسۇڭ شىركىتى جەمئىيەتتىكى ئاجىزلار توپىنى قۇتقۇزۇشتەك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى.
كارخانا تىجارەت، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە زور مۇۋەپپىقىيەت ۋە تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، مۇدىر لى كۇنشى ئەپەندى كورېيە پۇقرالار ئوردىنىنىڭ چەكسىز گۈل مۇكاپاتى، خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك مۇكاپاتى، كورېيە تەنتەربىيە ئوردىنىنىڭ كۆك ئەجدىھا، قارام يولۋاس مۇكاپاتى قاتار كۆپ خىل مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى.
2009年5月13日
订阅:
博文评论 (Atom)
没有评论:
发表评论